ئاۋستىرالىيەنىڭ ABC قانىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالماس ۋە سادام خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋىستىرالىيە پارلامېنتىدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. 2019-يىلى 24-ئىيۇل.
ئالماس ۋە سادام خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋىستىرالىيە پارلامېنتىدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. 2019-يىلى 24-ئىيۇل.
RFA/Uchqun

يېقىندىن بۇيان ئاۋستىرالىيەدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن خەۋەر ۋە ھۆججەتلىك فىلىملار كەڭ دائىرىدە خەۋەر قىلىنىشقا باشلىدى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ ABC تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ يىل 7-ئايدا ئىشلىگەن «تۆت بۇرجەك» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ۋە لاگېر مەسىلىسى باش تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن ئىدى. يېقىندا ABC تېلېۋىزىيە قانىلى يەنە «دۇنياغا ئاڭلىتىش: خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازسىز مۈشكۈلاتى» ناملىق پروگرامما ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر پروگرامما ئاۋستىرالىيەدە كەڭ تارقىتىلغاندىن باشقا «ئەل-جەزىرە» قانىلى تەرىپىدىنمۇ تارقىتىلغان.

مەزكۇر فىلىم 45 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ، ABC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارەتلىرى ۋە ئاۋستىرالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش ئەھۋاللىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. فىلىمدا يەنە ئاۋستىرالىيەنىڭ لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى پروفېسسور جېيمىس لېيبولد، ئامېركادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، دوكتور دەررېن بايلېر ۋە گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز قاتارلىقلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

ئاۋسترالىيە لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى پروفېسسور جېيمىس لېيبولد مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا بەرگەن زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى، لاگېرلارغا قامىلىشى شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوق قىلىنىشى ھەققىدە «بۇ بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى دەپسەندىچىلىكى دېيىشكە بولىدۇ،» دېگەن.

گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور ئادرىيان زېنىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلىرىغا دەپ كېلىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن جايلارنىڭ ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان قانداقتۇر «تەربىيلەش مەركەزلىرى» ئەمەس دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئادرىيان زېنىز مەزكۇر فىلىمدىكى زىيارىتىدە: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلغان خەۋەر ۋە باشقا ئۇچۇرلاردىن ئاتالمىش›تەربىيەلەش مەركەزلىرى‹ھەققىدە بۇ ئىشلارنىڭ مۇھىملىقى، كۆلىمى ۋە تەسىرى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى بايقىدىم. مېنىڭچە، ›تەربىيلەش مەركىزى‹دېيىلىۋاتقان بۇ جايلاردا چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان نەرسىلەر بار» دېگەن.

ئامېركانىڭ ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئانتىروپولوگ دەررېن بايلېرمۇ مەزكۇر فىلىمدىكى زىيارىتىدە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى شۇنداقلا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشتا قەبىھ ۋاسىتىلەرنىڭ قوللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سېيدنىي شەھىرىدە ياشاۋاتقان پاتىمە خانىم ABC قانىلىنىڭ «تۆت بۇرجەك» پروگراممىسىنىڭ 1961-يىلدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان ئاۋستىرالىيەدىكى نوپۇزلۇق پروگرامما ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ABC قانىلىنىڭ›تۆت بۇرجەك‹پروگراممىسى 1961-يىلىدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان مۇھىم پروگرامما. بۇ پروگرامما ئاۋستىرالىيەدە جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يۆنىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

پاتىمە خانىم يەنە تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز دەردىمىزنى ئۆز-ئارا دېيىشكىنىمىزدە پەقەت ئۆزىمىزدىلا قالىدۇ. بىز بېشىمىزغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى، كۈلپەتلەرنى خەلقئارالىق تاراتقۇلارغا ئاڭلىتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلغىنىمىز ماھىيەتتە ئاشۇ يەردە ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن سىرتتىن قىلغان ياردىمىمىز بولىدۇ.»

ئاۋستىرالىيەدىكى تاراتقۇلاردا ئائىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن ئالماس نىزامىدىن يېقىندىن بۇيان ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. بۇ ئەلۋەتتە ھەممىمىز ئۈچۈن بىر خوش خەۋەر. تاراتقۇلارغا گۇۋاھلىق بېرىش مەسىلىسىگە كەلسەك گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆزىمىز ۋىجدانىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلغان بولىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن گۇۋاھلىق بېرىشىمىز خىتايغا قارشى جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ، خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايمەن.»

ئاۋستىرالىيەدە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاۋستىرالىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ئاكتىپلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت