ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلغان سودىگەر ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل غۇلجادا قايتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.07.14
abdughappar-abdurusul-lager.jpg خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان تاراتقۇسى CGTN دا ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىنى سۆزلەتكەن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 4-مارت.
RFA/Gülchéhre

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل غۇلجا قارادۆڭ يېزا بايكۆل مەھەللىسىدىن. ئۇ قازاقستان بىلەن غۇلجا ئارىسىدا ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارىتى قىلىپ روناق تاپقان تىجارەتچى بولۇپ، 4 بالىنىڭ ئاتىسى.

رادىيومىز ئىلگىرى ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى ئاكىسى، يېقىن ئاغىنە-دوستلىرى ۋە قوشنىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئابدۇغاپپارنىڭ 2018-يىلى يازدا «تارقاق ھەج قىلغان»، «باجدىن قاچقان» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن خىتاي ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە ئىككى-ئۇچ ئاي ئىچىدىلا «يېپىق سوت» ئېچىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقكى قاتارلىق مەلۇماتلارنى ئاڭلاتقان ئىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان رادىيومىزغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېردىن چىققانلارنى قايتىدىن تۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم تولۇقسىز ئۇچۇرلار كەلمەكتە. ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ ھازىر بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۆز ئاكىسى ئابدۇساتتار ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئىنىسىنىڭ خەۋىرى رادىيومىزدا ئېلان قىلىنىپ ئۈزۈن ئۆتمەيلا ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى قايتىدىن يەنە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە 2020-يىلى مارتتا خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان تاراتقۇسى CGTN دا ئىنىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ سۆزلىتىلگەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

ئابدۇساتتار ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلىدا ئۇنىڭ ئابدۇغاپپاردىن باشقا تىجارەت قىلىۋاتقان ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە ئابدۇغاپپارنىڭ 19 ياشلىق ئوغلىمۇ تۈركىيىدە ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە لاگېرغا قامالغان. بۇ جەمەتىنىڭ بىر قانچە يۈز مىليون دوللاردىن ئارتۇق مۇقىم مۈلكى، شىركەت ۋە ئۆيلىرى مۇسادىرە قىلىنغان. 2020-يىلى ئۇ لاگېرغا قامالغان ئىنىلىرىنى ۋە جىيەنىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قازاقستاندىن غۇلجاغا بېرىپ كېلىپ تۇرغان تىجارى شېرىكلىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپقان.

ئابدۇساتتار ھاجىم ۋېدىيودىن ئىنىسىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ خوشال بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يەنە قايتا تۇتۇلغانلىقىدىن زور ئەندىشگە پاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇغاپپار ھاجىم ئولتۇرۇشلۇق قارا دۆڭ يېزا بايكۆل مەھەللە كومىتېتىگە تېلېفونىمىز ئۇلاندى. مەزكۇر مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش زالىدىن تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم، ئابدۇغاپپار ئابدۇشۈكۈرنىڭ مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق كىشى ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى. بىز ئۇنىڭ قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن قايتا تۇتۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «بۇنى بىلمەيمەن، بۇ ئىشلارغا يېزىلىق ھۆكۈمەت جاۋاب بېرەلەيدۇ،» دەپ، تېلېفوننى قارىدوڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت سىياسىي-قانۇن ئىشخانىسىغا ئۇلاپ بەردى.

مۇخبىر: بايكۆلدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل 2018-يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىكەن، كېيىن نېمىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمى ياكى قانۇنىي ھۆججەت سىلەرگە يەتكۈزۈلگەنمۇ، قاراپ باقسىڭىز؟

خىتاي خادىم: ھۆكۈم ئېلان قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى نېمە'

مۇخبىر: ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل، ئايكۆلدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇ يىل 45 ياپ ئەتراپىدا.

خىتاي خادىم: مەركەزلىك تەربىيەلەشتىن كېيىن غۇلجا ئوتتۇرا سوتتىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپتىكەن، كېيىن ھۆكۈم ئۆزگەرتىلىپ قويۇپ بېرىلىپتۇغۇ. ھۆكۈمنامە ئائىلىسىگە بېرىلىدۇ، ئادەتتە شۇنىڭدا يېزىقلىق. تەپتىشمۇ ئائىلىسىگە بىلدۈرىدۇ. ھۆكۈمنامىنى ئادەتتە ئوبلاستلىق ئەدلىيە ياكى سوتنىڭ تورىدىن تاپالايسىز.

مۇخبىر: ئۇنىڭ بۇ نۆۋەت يەنە نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

خىتاي خادىم: ئۇنى مەن بىلمەيمەن، بۇنى ساقچىدىن سوراڭ.

مۇخبىر: ئىككى ئاي ئىلگىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى يەنە قايتا تۇتۇپ كېتىپتۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟

خىاتي خادىم: مەن قانداق بىلەي؟ بۇنى ساقچىدىن سوراڭ، قاراڭ، مەھەللە ساقچىخانىسىدىن تۇتۇلغان بولسا، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ياكى قايتا تەربىيەلەش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولىدۇ. ئەگەر شەھەرلىك ساقچى ياكى ئوبلاستنىڭ تۇتقان بولسا، تۈرمىگە ئېلىپ كەتكەن بولىدۇ. قالغىنىنى شۇلاردىن سوراڭ.

بىز ئابدۇغاپپارنىڭ قايتا تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، ئۇتتۇر سوت ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىغا كۈپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇرۇنۇشلىرىمىز نەتىجىسىز بولدى.

بىز يەنە ئابدۇغاپپار ھاجىمنىڭ ئاكىسى ئابدۇساتتار ھاجىمغا ئۇنىڭ غۇلجادىكى ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان، ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇغاپپارنىڭ ئاغىنىسى بىلەن ئالقىلاشتۇق. ئۇ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئابدۇغاپپارنىڭ ئەھۋالىدىن قورغاستىكى ئېچىۋېتىلگەن بازاردىن غۇلجىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق بىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ ئابدۇغاپپارنىڭ يېقىنلىرىدىن ئاڭلىشىچە، ئابدۇغاپپار ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ بىر مەزگىل ئۆيىگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ يىل 5-ئايدا قايتا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ غۇلجادا روناق تاپقان پۇلدار ئاغىنىلىرىدىن يالغۇز ئابدۇغاپپارلا ئەمەس، ئاز دىگەندىمۇ 15 ئۇيغۇر سودىگەر ئاغىنىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلگەن. ئۇلارنىڭ تىجارىتى، مال بىساتى پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىنغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ غۇلجاغا قايتمىغان ئىكەن.

خىتاينىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان تۇتقۇنىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ساخاۋەتچى ۋە كارخانىچىلارنىڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ ئائىىسى بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ، مال بىساتىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى، بەزىلىرى قىيىن-قىستاق ۋە سوراق جەريانىدا، بەزىلىرىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك ئەھۋاللار ئاشكارىلانماقتا.

ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل ئائىلىسى بىر قانچە ئەۋلادقىچە غۇلجا بايكۆل مەھەللىسىنىڭ غالىبىيەت يولى-14 كوچىسىدا ئولتۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار بۇ مەھەللىگە كونا جەمەت بولۇپ، ئابدۇغاپپار ھاجىم 2013-2014 يىللىرى ئۇ ئۆز خىراجىتى بىلەن بايكۆل مەھەللە مەسچىتىنى سالدۇرغان ھەمدە بىر قانچە قېتىم ھەجگە بارغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.