ئافغانىستان پۇقراسى ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىت غۇلجادا لاگېرغا قامالغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا ياشايدىغان خۇرشىدە ھەسەن خانىم ئافغانىستاندا تۇغۇلغان جىيەن ئوغلى ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا ياشايدىغان خۇرشىدە ھەسەن خانىم ئافغانىستاندا تۇغۇلغان جىيەن ئوغلى ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA

2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرغا قاماش دولقۇنىدا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن، 1990-يىلى 3 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە، ئانا يۇرتى غۇلجاغا قايتىپ كەتكەن ئافغانىستان پۇقراسى ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭمۇ لاگېرغا قامالغانلىقى يېقىندا ئۇنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىن بىرى خۇرشىدە ھەسەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل تۈركىيە زىيارىتى مەزگىلىدە، غۇلجىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئاراپات يادىكار ئىسىملىك ياشتىن، غۇلجادا كومپيۇتېر دۇكىنى ئاچقان جىيەن ئوغلى ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭ 2017-يىلى لاگېرغا قامالغانلىق ئۇچۇرىنى ئالغان. شۇ مەزگىلدە يەنە ئاكىسىنىڭ ئايالى ئاينىساخان ئەكبەرنىڭمۇ 2020-يىل بېشىدا غۇلجادا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق ئۇچۇرىنى ئالغان.

خۇرشىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1988-يىلى ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىت ئۇنىڭ سۈت بېرىپ ئېمىتكەن ئوغلى سانىلىدىكەن. خۇرشىدە خانىمنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇ ۋە ئاكىسى ئابدۇرېشىت ھەسەن ئائىلىسى 1970-يىللىرى ئافغانىستاننىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتى بىلەن غۇلجىدىن ئافغانىستانغا كەتكەن. ئەمما 1980-يىللارنىڭ ئاخىرى ئافغانىستاندا پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن، ئافغانىستان پۇقرالىقىدىكى خۇرشىدە ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇرېشىت ھەسەن 1989-ۋە 1990-يىلى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئانا يۇرتى غۇلجاغا يەنە قايتقان. ئۇلار ب د ت نىڭ بېيجىڭدىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسى ئارقىلىق، خىتايدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشىپ، غۇلجادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

1997-يىلى غۇلجادا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن، خۇرشىدە خانىم ئائىلىسى غۇلجادا داۋاملىق تۇرۇشنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇلار ئافغانىستان پۇقرالىقى سالاھىيىتى بىلەن ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىققان. كېيىن ئۇ ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇرېشىت ھەسەن ئائىلىسى داۋاملىق غۇلجادا قېلىپ ياشاش يولىنى تاللىغان. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئاكىسىنىڭ تەلىپى بىلەن، خۇرشىدە خانىم غۇلجادىكى ئاكىسى بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىنى ئۈزگەن. ھالبۇكى 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرغا قاماش باشلانغاندىن كېيىن، خۇرشىدە خانىمنىڭ غۇلجادىكى بارلىق تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنىكەن.

تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە، غۇلجادا لاگېرغا قامالغان ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭ تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ، يەرلىشىپ قالغان ئاكىسى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېشىت بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېشىت ئىنىسى ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭ لاگېرغا قامالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئىنىسىنىڭ دېرىكىنى قىلغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2020-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى، خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىغا ئېلخەت يازغان. 2020-يىلى 7-ئايدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدىن «ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىت جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغىنى ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلىنغان. سالامەتلىكى ياخشى» دېگەن ئۇچۇر كەلگەن. ئەمما خەتتە ئىنىسىنىڭ خىتاي قانۇنىنىڭ قايسى ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئۇنىڭغا قانداق جازا بېرىلگەنلىكى ۋە قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە باشقا مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئابدۇلېتىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ۋە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىلىرىغا ئىنىسىنىڭ خىتاينىڭ قايسى قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكرار خەت يازغان، ئەمما 2020-يىلى 10-ئايغا قەدەر خىتاي تەرەپتىن يېڭى جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

ھالبۇكى ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭ ئامېرىكادىكى كىچىك ئاپىسى خۇرشىدە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ نورمال تىجارىتى بىلەن غۇلجادا تىنچ ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان جىيەن ئوغلى ئابدۇغوپۇرنى تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىدىن باشقا گۇناھى يوق ئىكەن. ئاكىسىنىڭ ئايالى-يەڭگىسى ئاينىسا ئەكبەر خانىمنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىغىمۇ ئوغلىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىدەك ئېغىر قىسمەتكە بولغان ئازاب سەۋەب بولغان دېيىشكە بولىدىكەن.

ئابدۇلېتىپ يەنە ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنىسى ئابدۇغوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئائىلىدىكى 7 جان ھەممەيلەننىڭ ئەسلى ئافغانىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 1990-يىلى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدىن قېچىپ، غۇلجاغا قايتقان. 1995-يىلغا قەدەر ھەر يىلى ۋىزا يېڭىلاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. 1995-يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ مۇھاجىرلار سىياسىتى بويىچە، خىتايدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. كېيىنكى يىللاردا ئافغانىستاندا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان تۇراقسىز ۋەزىيەت سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ قولىدا ئافغانىستان پۇقرالىقىغا ئائىت ئىسپاتلار بار بولسىمۇ، قايتا يېڭىلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئۇ ئىنىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئىنىسىنىڭ ئافغانىستان پۇقرالىرى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلىرى ھەققىدە تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەن. ئەمما ئۇ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھازىرچە ئېنىق نەتىجىسى چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت