شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان ئىشتىياقى ۋە ھەۋىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدا بولۇپمۇ تېيىپجان ئېلىيېف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئاتاقلىق ئەدىبلەرنىڭ شۇنداقلا باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىر ۋاقىتلاردا ياخشى ئوقۇغانلارنى تاشكەنتكە، يەنى ساگۇ (ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى) غا تاللاپ، ئېلىپ كېتەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزبېك، قازاق ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىنى ئالمۇتا ۋە تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرجىمە قىلىپ، باستۇرۇپ ئۇيغۇرىستانغا كىرگۈزەتتى. بولۇپمۇ ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بىلەن مەن شېئىرىيەت ئىجادىيىتىگە قەدەم باستىم. چۈنكى شېئىرىيەت كىشىنى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىدۇ ھەم قەلبنى ئۆزگەرتىدۇ.»
ئۇ ئۆزىنىڭ 80 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، بۈگۈنگە قەدەر باشقا تونۇلغان شائىرلارنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ياخشى ئەسەرنىڭ ھېچ قاچان ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرىنىڭ قاچان ۋە قانداق جەريان بىلەن دۇنياغا كەلگەنلىكىھەققىدە مۇنداق دەپ چۈشەنچە بەردى: «دەسلەپكى ئىجادىم1957-يىلى شېئىرلىرىم بىلەن باشلاندى. لېكىن مەن دەسلەپكى ئەسىرىمنى 1965-يىلى13-يانۋار كۈنىدىكى پوئىمامدىن باشلىغۇم كېلىدۇ. مەن ‹كوممۇنىزم تۇغى› گېزىتى ئىدارىسىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك قەھرىمان قىزى رىزۋانگۈل ۋاھىتوۋا توغرىلىق يېزىلغان ‹ئۇيغۇر قىزى› دېگەن پوئېمامنى قوينۇمغا سېلىپ كىرگەن ئىدىم. مەن پوئېمامنى ھېزىمەت ئابدۇللىننىڭ قولىغا بەرسەم، ئۇ كىشى ھەممە ئىشلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، ئوقۇشقا كىرىشتى. بىر ۋاقتىدا ئوقۇپ بولۇپ: ‹يارايسەن، ئۇكام› دېدى. ئەنە شۇ گەپنى ئاڭلاپ، كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكەنىدى.»
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى قوشنا ئەللەردىمۇ تونۇلۇشىدا «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىككى قانىتى ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەينى چاغلاردا بۇ ئىككى مەتبۇئات ئوچىقىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى، ياش ئىجادكارلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە يول ئاچقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۆزىنى شېئىرىيەتنىڭ بىر قانچە شەكىللىرىدە سىناپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن شېئىرىيەتنىڭ ھەممە شەكلىدە شېئىر يېزىپ باقتىم. مەندە دائىم شەكىلنى ئۆزگەرتىپ يېزىش ئويى بولاتتى. باللادا ئۇسلۇبىدا ھېچ كىم يازمايدىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنى قىلاي دېدىم. ئاخىرى 150 تەك باللادا يازدىم. كېيىن باللادىدىن پوئېمىغا ئۆتۈپ كەتتىم.»
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەسەرلىرى بۈگۈنكىچە مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈپ، ئوقۇتۇلماقتا.
0:00 / 0:00