تۈرمىدىكى سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئۈستىدىن قايتا مەخپىي سوت ئېچىلغانلىقى ۋە ئۈستىلەپ گۇناھ ئارتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

قانۇن ساھەسىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 2018‏-يىلى 14 يىللىق كېسىلگەن ۋە 2019‏-يىلى نارازىلىق ئەرزى قوبۇل قىلىنغان تۈرمىدىكى سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئۈستىدىن 17‏-مارت كۈنى پەيزىۋات قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە قايتىدىن مەخپىي سوت ئېچىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئۈستىلەپ ئېغىر ئاتالمىش «جىنايەت» لەر ئارتىلغان. سوتتا ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ شەخسەن ئۆزى ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلغان «جىنايەت» لەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت خادىملىرى ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە سوت ئېچىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر رايونىدا قانۇن ساھەسىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە 14 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئۈستىدىن ئۆتكەن ھەپتە قايتىدىن سوت ئېچىلغان. سوت پەيزىۋاتتىكى قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە 17-مارت كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلانغان. سوتتا ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئۆزىگە ئارتىلغان كونا-يېڭى پۈتكۈل ئەيىبلىمىلەرنى رەت قىلغان. دىيىلىشىچە، ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ سىچۈەنلىك ئىككى ئادۋوكاتىمۇ قاتناشتۇرۇلغان مەزكۇر سوت 2 سائەت داۋام قىلغان ۋە خۇلاسىسىز ئاخىرلاشقان، ھۆكۈم كېيىنگە قالدۇرۇلغان.

ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ھەققىدە ئىلگىرى ئىشلىگەن ئىككى قېتىملىق تەپسىلىي خەۋىرىمىزدە خاتىرىلىنىشىچە، ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل 2017-يىلى 3‏-ئاينىڭ 13‏-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 5-ئاينىڭ 28-كۈنى «تېرورلۇققا ياردەم بېرىش» گۇمانى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. 2018-يىلى7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت ئېچىلىپ 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. شۇ قېتىملىق سوتتا ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلغا 73 مىليىن يۈەن، شىركىتىگە 5 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل مەزكۇر سوت ھۆكۈمىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. ئۇنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە قاراپ چىققان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇرى سوت مەھكىمىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ 14 يىللىق كېسىم ھۆكۈمىنى بىكار قىلغان ۋە دېلوغا قايتىدىن قاراپ چىقىشنى بۇيرۇغان. مانا بۇ مەزگىلدە ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ تۈرمىدىن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىشىچە، ئابدۇجېلىلنىڭ ئادۋوكاتلىرى يۇقۇرى سوتنىڭ ھۆكۈمى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ياكى نەزەربەنت ئاستىدا دېلوسىغا قايتا قارىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما قشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى لى نىڭپىڭ، ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ قەشقەردىكى «غوللۇق بىر جىنايەتچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى داۋاملىق تۈرمىگە قاماشقا بۇيرىغان ۋە ئۈستىدىن بىر يېرىم يىلغا يېقىن قايتىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغۇزۇپ، قەشقەر ئوتتۇرا ئوستنىڭ ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ۋە ھۆكۈمگە نارازى بولغان ئابدۇجېلىلغا قارىتا جازانى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشنىڭ يولىنى ئاچقان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ئوتتۇرا سوتنىڭ يەنە بىر خادىمىمۇ ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل دېلوسىنىڭ بىر جىنايى ئىشلار دېلوسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە سالاھىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۇ ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ھەققىدە پەيزىۋاتتىكى قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە سوت ئېچىلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئابدۇجېلىلنى 14 يىللىق قاماققا بۇيرىغان دەسلەپكى سوتتا ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئايالىغا پۇل سالغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ «تېرورلۇققا ياردەم» دەپ قارالغانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن كېسىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. ئابدۇجېلىلنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى تەستىقلىغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇرى سوت ئابدۇجېلىل ئۈستىدىكى مەزكۇر سوت تەرتىپىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقى ۋە ئاتالمىش تېرورچىلارغا پۇل ئەۋەتىش جىنايىتىدە قەستەنلىك بارلىقىغا ئائىت يېتەرلىك پاكىت يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرىتارىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېچىلغان بۇ قېتىمقى سوتتا ئابدۇجېلىلنىڭ «تېرورلۇققا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن» لا ئەمەس، بەلكى «تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان» لىقى، يەنى «شەرقى تۈركسىتان ئىسلام تەشكىلاتى» نىڭ قەشقەر تۆگە گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولغانلىقى بىر قاتار ئاتالمىش «پاكىتلار» بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

Abdujelil-Abduhelil-Hokum-2.jpg
سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ ئۈستىدىن 2019-يىلى 8-يانۋار چىقىرىلغان ھۆكۈم.

قەشقەر ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى ئىجرا بۆلۈمىنىڭ خادىمى دەسلەپتە مەزكۇر سوتتىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئىلگىرىلەپ سورالغان سوئاللىرىمىزدىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەزكۇر سوت ھەققىدە ئاڭلىغانلىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئىنكاستا دىيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سوت ئۇچۇرى ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا سوتتىن پەقەت بىر ھەپتە بۇرۇنلا بىلدۈرۈلگەن. ‏10-مارت كۈنى مەزكۇر سوت ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان سىچۈەن يافېڭ ئادۋوكاتلىق شىركىتىنىڭ مەزكۇر ئىككى ئادۋوكاتى قەشقەرگە يېتىپ كەلگىنىدە ئۇلارنىڭ قولىغا دېلو ھەققىدە بىر ھەپتىدە كۆرۆپ بولۇش مۇمكىن بولمىغان دەرىجىدە كۆپ ساندا ئاتالمىش «جىنايەت پاكىتلىرى» ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللار تۇتقۇزۇلغان. ئادۋوكاتلار ماتېرىياللارنى تولۇق كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن سوتنى بىرقانچە كۈن كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەلەپ رەت قىلىنغان. نەتىجىدە ئادۋوكاتلار قولىدىكى ماتېرىيالدىكى ئەيىبلىمىلەردىن ئەڭ ئېغىرراقى بولغان «تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» قىسمىنى كۆرۆپ چىققان. ماتېرىيالنىڭ بۇ قىسمىدا ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ 2008‏- ۋە 2009-يىللىرى 9‏-ئاينىڭ 17‏-كۈنى قەشقەردە ئېچىلغان «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ تۆگە گۇرۇپپىسى يىغىنىغا قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنىغان ۋە ماتېرىياللاردا ئەڭ كۈچلۈك پاكىت سۈپىتىدە 30 نەچچە نەپەر ئاتالمىش گۇۋاھچىنىڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بايانى ۋە بەزى مەھكۇملارنىڭ ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر يىغىنغا قېتىلغانلىقى ھەققىدىكى ئىقرارنامىسى ئورۇن ئالغان. ئادۋوكاتلار ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۇنىڭ سەپەر خاتىرىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق «مەزكۇر يىغىنغا قاتناشتى» دېيىلگەن كۈنلەردە ئۇنىڭ قەشقەردە ئەمەسلىكى، ئەكسىنچە سودا ئىشى بىلەن چەت ئەلدە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلار سوتتا ئابدۇجېلىلنىڭ پاسپورت بەتلىردىكى تامغا ۋە چىسلالار ئارقىلىق ئەيىبلىگۈچىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پاكىتىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئەمما يەنىلا بۇ سوتتىن خۇلاسە چىقىرىلمىغان ۋە ھۆكۈم كېيىنگە قالدۇرۇلغان.

قەشقەر ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى ئىجراىيە ئىشخانىسىنىڭ ھېلىقى خادىمى يەنە بىر قاتار سوئاللىرىمىزدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ھەققىدە ئېچىلغان سوتتىن خەۋىرى بارلىقىنى ئوچۇق ھالدا تىلغا ئالدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئىنكاستا ئالاھىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئۈستىدىن سوت ئېچىلىش ياكى دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىلىش يېقىنقى 4 يىلدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۈچۈن ئاز كۆرۈلگەن بىر ئەھۋال بولغىنىدەك، سوتتا جىنايىتىنى ئىنكار قىلىش جاسارىتىمۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى مەھكۇملاردا كۆرۈلگەن. قولىمىزدىكى ئالاقىدار سوت ماتېرىياللىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئەينى ۋاقىتتا يەنە قەشقەر شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر ئۇيشمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باش سېكرىتارى، ئۇيۇشما رەئىسى، قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپلەرنىمۇ ئۆتىگەن ئىكەن. 17 ‏-مارت كۈنى پەيزىۋاتتىكى قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە ئېچىلغان بۇ مەخپىي سوتنىڭ ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكى ۋە ياكى جازاسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.