1944-1949-يىللىرىدىكى شەقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق جەڭچى ئابدۇكەرىم كەرىموف قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرىدە 100 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئابدۇكەرىم كەرىموف 1919-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ شۇ زامانلاردا قەشقەردە دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئىكەن. كېيىنچە دېھقانچىلىق قىلغان ۋە ئاشپەزلىك كەسپىنى ئۆگىنىپ، بۇ ساھەدە ئۇستا بولغان ئىكەن.
1942-يىلى ئابدۇكەرىم كەرىموف ئائىلىسى بىلەن غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ، ئاشپەزلىك كەسپى بىلەن شوغۇللانغان ئىكەن. 1944-يىلى غۇلجىدا گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى باشلانغاندا ئۇ پىدائىيلار سېپىدە غۇلجا شەھىرىنىڭ لەڭشاڭ (ئاشلىق ئىسكىلاتى)، ھەرەمباغ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ئىكەن. ئابدۇكەرىم كەرىموف كېيىنچە مىللىي ئارمىيەنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىش فرونتىغا قاتنىشىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىكەن.
مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئىسلاھات رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى ھايات ۋاقتىدا ھەر دائىم مىللىي ئارمىيەدىكى سەپداشلىرىنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ دادىسىنىڭ 1962 يىلى ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
1962-يىلى ئابدۇكەرىم كەرىموف ئائىلىسى بىلەن تورغات ئېغىزى ئارقىلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى نارىن ۋىلايىتىگە كۆچۈپ چىققان. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلار توقماق شەھىرىگە بېرىپ ئورۇنلاشقان. بۇ يەردە ئۇ ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىز-ئېرىقلاردا ئىشلىگەن. ھايات ۋاقىتلىرىدا توقماق شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان. قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان «كوممۇنىزم تۇغى»، «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىگە مۇشتەرى توپلاش ۋە ئۇنى تارقىتىش ئىشلىرىنى ئاتقۇرغان. ئۇ يەنە قىرغىزىستاندا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ جان كۆيەر ئوقۇرمىنى ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە توقماق شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر مەسچىتىنىڭ ئېچىلىشىدا ئابدۇكەرىم ھاجىم چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توقماق شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاقساقالى ئالبدۇللا تۇردىيېف كۆزلىرى نەملەنگەن ھالدا مەرھۇم ئابدۇكەرىم كەرىموفنىڭ ھاياتىدىكى ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.
1960-يىللاردا قىرغىزىستاندا 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان جەڭچى-ئوفىتسېرلاردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى بار ئىدى. ئەپسۇسكى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى باقى دۇنياغا كەتتى. ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈنكى كۈنلەردە قىرغىزىستاندا مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان جەڭچى-ئوفىتسېرلاردىن پەقەت ئۈچ كىشىلا ھايات. ئۇلار بىشكەك شەھىرىنىڭ تۇرغۇنلىرى ئابلىمىت بەكرىيېف، ئابدۇرېشىت سەلىموف ۋە كەڭ بۇلۇڭ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئابدۇكەرىم ئابدۇللايېفتۇر.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئۇنتۇلماسلىقى ئۈچۈن ھەر يىلى «مىللىي ئارمىيە كۈنى»، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ياش ئەۋلادلارغا مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
22-ئاۋگۇست كۈنى توقماق شەھەرلىك مەسچىتىدە مەرھۇم ئابدۇكەرىم كەرىموۋنىڭ نەزىرى ئۆتكۈزۈلدى. نەزىر ۋە خەتمە-قۇرئانغا 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. توقماق شەھىرىدىكى جامائەت مەرھۇم مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابدۇكەرىم كەرىموفنىڭ ۋاپاتىنى ئۇنىڭ «100 يىللىق تويى» دەپ بىلدى، جامائەت ئاقساقاللىرى دۇئا قىلىپ مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە سەبىر تىلىدى. مەرھۇمنىڭ نەۋرىسى گۈزەل بوۋىسىنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00