تونۇلغان فولكلورشۇناس، پېشقەدەم ئۇستاز ئابدۇكېرىم راھمان ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.08.18
Abdukerim-Rahman-01.jpg تونۇلغان فولكلورشۇناس، پېشقەدەم ئۇستاز مەرھۇم ئابدۇكېرىم راھمان ۋە ئۇنىڭ «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
Photo: RFA

خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تونۇلغان فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راھمان 2020-يىلى 18-ئاۋغۇست كۈنى ۋاپات بولغان. مەرھۇم ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ زىققا كېسىلى بىلەن ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 لەردە ئۈرۈمچىدە 80 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مۇسىبەت خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ مەرھۇمنىڭ كەسپداشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بۇ پېشقەدەم ئۇستازغا بولغان چوڭقۇر قايغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، فولكلورشۇناش مۇقەددەس نۇر خانىممۇ فېيسبۇكتا مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇكېرىم راھمان ھەققىدە مەرسىيە يازغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.

مۇقەددەس خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تونۇلغان فولكلورشۇناش ۋە ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇكېرىم راھمانننىڭ ئۆلۈمىدىن چەكسىز قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مۇقەددەس خانىم پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى يىللىرى ئۇستاز ئابدۇكېرىم راھمان بىلەن ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتى بويىچە ياپونىيەدە كىتاپ نەشر قىلىش ھەققىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس بىر تەسىرلىك سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ئەسلىمە قىلدى. 

مەرھۇم ئابدۇكېرىم راھمان 1940-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1964-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە دوكتور يېتەكچىسى.

ئابدۇكېرىم راھمان 1964-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دەرسىنى بەرگەن. 1980-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1980-يىللاردا ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتى بويىچە تۇنجى قېتىم تەتقىقاتنى باشلىغان مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ. 

پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان 1987-يىلدىن باشلاپ فولكلور تەتقىقاتى ساھەسىدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بىرقانچە تۈركۈم ماگىستېر ئاسپېرانتلارنى ۋە دوكتۇر ئاسپېرانتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر فولكلورى، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەت تەتقىقاتى بويىچە خاس ئەسەرلەرنى يازغان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە فولكلور تەتقىقاتىدا تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن راھىلە داۋۇت، ئەسەت سۇلايمان قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ماگىستېر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى كېيىنكى يىللاردا بۇ ساھەدە تونۇلغان تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ قالغان.

پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇنىڭ نەچچە ئونلىغان كىتابلىرى، يۈزلىگەن ماقالىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارى ۋە خەلقئاراغا تونۇلغان. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»، «قەشقەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق يىرىك ئىلمىي ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى قورال كىتابلاردىن بولۇپ قالغان.

ھالبۇكى، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا باشلانغان زور تۇتقۇندا «دۆلەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» ھېسابلانغان ۋە ئالىقاچان پېنسىيىگە چىققان، يېشى80 ياشقا يېقىنلاشقان پېشقەدەم ئۇستاز ئابدۇكېرىم راھمانمۇ ئامان قالمىغان. ئۇ 2018-يىلىنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار ئېلان قىلغان «تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى» تىزىملىكىدە ئابدۇكېرىم راھمان، راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. رادىيومىزمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئابدۇكېرىم راھمان ئازاد سۇلتان، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە شىنجاڭ ئۇنمىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، بۇنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. كېيىنچە ئابدۇكېرىم راھماننىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن لاگېردىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇچۇرلارنى قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە باشقا يېڭى ئۇچرلارغا ئېرىشەلمەي كەلگەن ئىدى.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئېنىقلاشلار ئارقىلىق مەرھۇم ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئالدىنقى يىلى داۋالىنىش نامىدا ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى، بىر يىلدىن ئارتۇق ئائىلىسىگە نەزەربەنت قىلىنىپ، 18-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالدۇق. 

ئەمما ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئاخرەتلىك ئىشلىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، مەكتەپ مۇدىرى ئالاقە ئىشخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي كادىر ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈردى. 

مەرھۇم ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ۋاپاتى ھەققىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتىتوتىغا ۋە مەكتەپ پېنسىيونېرلار باشقارمىسىغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز جاۋاپسىز قالدى.

بۈگۈن، يەنى 18-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇكېرىم راھمان 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئامبارلىرىدىنمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلانغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.