قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى تونۇلغان فولكلورشۇناس ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.08.20
abdukerim-rahman-1.jpg تونۇلغان فولكلورشۇناس، پېشقەدەم ئۇستاز مەرھۇم ئابدۇكېرىم راھمان.
Photo: RFA

يېقىندا مەشھۇر فولكلورشۇناس ئالىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى چوڭقۇر قايغۇردى ھەم بۇنىڭدىن ئەپسۇسلاندى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئاخىرقى يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ تونۇلغان مەشھۇر ئالىملارنىڭ تۈرمىلەرگە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى مۇھاجىرەتتىكى، بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بېئارام قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى يۈزدىن ئوشۇق ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچىنىڭ، شۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىغا ياخشى تونۇش بولغان ئابدۇكېرىم راھمان، ئازاد سۇلتان، ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتجان ئوسمان، ئابدۇقادىر جالالدىن، راھىلە داۋۇت، يالقۇن روزى ۋە باشقىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇرلار قازاقىستان ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىمۇ كەڭ تارىلىپ، زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سىياسىتىگە ئۆز نارازىلىقلىرىنىمۇ بىلدۈرگەنىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى ئابدۇكېرىم راھمان ۋاپاتىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئابدۇكېرىم راھمان ئاكىنىڭ ئىسمى ئىلىم-پەندە رىۋايەتكە، سىمۋولغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇ ناھايىتى جاپاكەش، مەشەقەتلىك بىر ھاياتنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئالىمىمىز. ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› نىڭ دەردىنى تارتقان كۆپلىگەن زىيلىيالار بىلەن بىرگە بېشىدىن ئېغىرچىلىقلارنى ئۆتكۈزگەن. ياشانغىنىغا قارىماي، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھاكىممۇتلەق تۈزۈمنىڭ يەنە بىر دەردىنى تارتىشقا مەجبۇر بولدى. ئالىم سۈپىتىدە شۇنى ئېنىق ئېيتالايمەنكى، تەقىبلەش جەريانلىرىغا تەۋرەنمەي قاراپ ئولتۇرالمايمىز. لەنەت ئوقۇيمىز مۇشۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارغا.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىلشۇناس ئالىمە، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى دىلنۇر قاسىموۋا خانىم ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قىلغان بىر سەپىرىدە ئابدۇكېرىم راھمان ھەققىدە كۆپ ئاڭلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ كەسىپداشلىرى، شاگىرتلىرى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغان ئالىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «فولكلورشۇناسلىق پېنىنى تىكلىگەن، ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە بۆلۈملەرنى ئاچقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، زور تۈركۈم شاگىرتلارنى تەييارلىغانلىقىنى دەپ بەرگەن. ئۇ ياشلارنىڭ مەسىلىلىرىنى يېشەتتى. ئۇستازىنىڭ قانداقلىقىنى شۇگىرتلىرى دۇنياغا تونۇتىدۇ. ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ شاگىرتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىپتۇ. راھىلە داۋۇت لاگېردا. غەيرەتجان ئوسماننىمۇ لاگېرلاردا يوقاپ كەتتى دەپ ئاڭلىدۇق. ئابدۇكېرىم راھمانمۇ 2018-يىلى شۇ يەردىن ئازاب چېكىپ، چىققان ئوخشايدۇ.»

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن كېيىن قازاقىستاندا راۋاجلىنىشقا باشلىغان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى 70-80-يىللىرى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ بىرىنچى نۆۋەتتە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ، ئاندىن 1986-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ باغلىق بولدى. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەتقىقات مەركەزلىرى، شۇنداقلا ئىبراھىم مۇتىئى، تۇردى ئەھمەد، ئىمىن تۇرسۇن، خەمىت تۆمۈر، ئازاد سۇلتان بىلەن بىر قاتاردا ئابدۇكېرىم راھمانغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدە يېتىشىپ چىققان نۇرغۇنلىغان ئالىملار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا مۇمكىنچىلىك ياراتقان ئىدى.

فولكلورشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات-دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر فولكلورى نەمۇنىلىرىنى نەشر قىلىش ھەم تەتقىق قىلىشتا، بولۇپمۇ ماھىنۇر ئەلىيېۋا، باتۇر ئەرشىدىنوفقا ئوخشاش ئالىملار كۆپ ئەمگەك قىلغانىكەن. نۇرغۇنلىغان تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، فولكلورشۇناس، تارىخچى ئالىملار ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئەمگەكلىرىدىن ياخشى خەۋەردار بولغانىكەن.»

ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «20-ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدا شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، بولۇپمۇ فولكلور ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىزگە ياخشى مەلۇم. ‹بۇلاق›، ‹تارىم›، ‹ئىلى دەرياسى›، ‹گۈلىستان›، ‹بوستان› قاتارلىق گېزىت-ژۇرنال سەھىپىلىرىدە خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ نەمۇنىلىرى، چۆچەكلەر، داستانلار، قوشاق ۋە ماقال-تەمسىللەر بويىچە كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقاتلار، مەنبەلەر، تېكىستلار ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قازاقىستان ئالىملىرىنىڭمۇ قولىغا تەگدى. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا، ئەلۋەتتە، ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئىزدىنىشلىرىنى ئالاھىدە ئاتاپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئالىم ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنى تەتقىقات قىلىش بىلەن بىر قاتاردا توپلاش، نەشر قىلىش ئىشلىرى بىلەنمۇ ئۈنۈملۈك شۇغۇللاندى. ئالىمنىڭ ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە تونۇلغان مۇھەببەت داستانلىرىدىن ‹غېرىپ-سەنەم›، ‹بۇلبۇلگويا›، ‹يۈسۈپ-زۈلەيخا›، ‹تاھىر-زۆھرە›، تارىخىي-قەھرىمانلىق داستانلىرىدىن ‹نوزۇگۇم›، ‹سادىر پالۋان›، ‹تۆمۈر خەلپە› قاتارلىقلار مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە يورۇق كۆردى. بۇ ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزۈمنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىمدىمۇ پايدىلاندىم.»

مەلۇم بولۇشىچە، 1996-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى پائالىيىتىنىڭ توختىتىلىشى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ تەركىبى قىسقارتىلىپ، باشقا تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن ئالاقىلىرى تامامەن ئۈزۈلگەنكەن. كېيىنكى يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا بىر قىسىم ئالىملار كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئىلمىي ئالاقىلەرنىڭ، بېرىپ-كېلىشلەنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.