19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدە قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى باغچەسارايدا ياندۇرۇلغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ پارلاق مەشئىلى ئۇزۇن ئۆتمەيلا رۇس ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ زۇلمەتلىك تۈنلىرىنى يورۇتۇشقا باشلىغان ئىدى. مانا بۇ يورۇقلۇق شەرقىي تۈركىستاندىكى بالدۇر ئويغانغان بىر قىسىم سەرخىللاردا ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە زامانىۋىي مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش غايىسىنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام ئەنە ئاشۇ بالدۇر ئويغانغان سەرخىللارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 1899-يىلى بۇخارا مەدرىسەلىرىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئوقۇش ھاياتىنى تاماملاپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مىللەتنى ئويغىتىشنىڭ مۇشەققەتلىك يولىغا ئاتلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرىيەدە داۋام قىلىۋاتقان زۇلمەتلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىت، شۇنداقلا خەلقنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان جاھالەت ئۇنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى رېئاللارشتۇرۇشىغا يول بەرمەيدۇ. 1907-يىلى ئابدۇقادىر داموللام تۈرلۈك توسالغۇلارغا قارىماي قەشقەردە يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشقا تەۋەككۈل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، شۇ قېتىم ئابدۇقادىر داموللام مۇتىئەسسىپ ئۆلىمالارنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدىكى بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، ئاخىرى ئۆزى ئاچقان مەكتەپنى تاقاپ ۋەتەننى ۋاقىتلىق تەرك ئېتىشكە ۋە چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقتىكى نۇرغۇن ئەللەردە، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات بەدەلسىز، قۇربانسىز ھەم شاۋقۇنسىز بولمىغان ئىدى. بالدۇر ئويغانغان، مەشئەل كۆتۈرگەن ياكى ئۆز خەلقىگە سەركە بولغان سەرخىللارنىڭ كۆپىنچىسى بۈيۈك غايىلىرى ئۈچۈن ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىگەن ئىدى. ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندى جاھالەت ۋە سىياسىي زۇلمەت قاپلىغان ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشاش بالدۇر ئويغانغان سەرخىللارنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى، يېڭىلىققا ۋە تەرەققىياتقا قارشى مۇتىئەسسىپ كۈچلەرنىڭ كۆپلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىمنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
يېڭىلىققا ۋە تەرەققىياتقا بولغان قارشىلىق قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇپۇق نۇرى كۆتۈرۈلگەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كونا سىستېمىنىڭ، قېتىپ قالغان قىممەت قاراشلارنىڭ ۋە زامانغا لايىقلاشمىغان پەتىۋالارنىڭ داۋاملىق تىرەجەپ تۇرۇۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 1905-يىلىدىكى رۇسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈركىستان تۇپراقلىرىدىكى ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرى تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىدۇ. ھەتتا ئىلگىرىكى يىللاردا «ئۇسۇلى جەدىد ھارام» دەپ پەتىۋا بېرىشكەن بۇخارا ئۆلىمالىرى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن «ئۇسۇلى جەدىد ۋاجىب» دېگەن يېڭى پەتىۋانى چىقىرىدۇ. 1911-يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجا يولى ئارقىلىق چەت ئەل زىيارىتىدىن ۋەتەنگە قايتقان ئابدۇقادىر داموللام 1912-يىلىنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە تۇنجى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاچىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ.
ئابدۇقادىر داموللام 1912-يىلى قەشقەردە تۇنجى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىنى ئاچقان ۋاقىتلىرىدا غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق شىمالدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرى ئالىقاچان 10 يىلدەك تارىخقا ئىگە بولۇپ قالغان ئىدى. يەنى مۇسابايلار 1900-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چېگرا شەھەر غۇلجادا ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىنى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تاران ئۇيغۇر ئەپەندى يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنىڭ قەدىمىي شەھەر قەشقەردە شىمالغا قارىغاندا كېچىكىپرەك ئېچىلىشىنىڭ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.
ياش تاتار مۇخبىرى نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇپ «شۇرا»، «ۋاقىت» قاتارلىق تاتار مەتبۇئاتلىرىغا ئەۋەتكەن ماقالە ۋە خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردىكى تۇنجى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپى داموللا ئابدۇقادىر تەرىپىدىن 1912-يىلى ئېچىلىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ مەكتەپتە شەخسەن ئۆزىنىڭ دەرس ئۆتكەنلىكىنى، ئوقۇتۇشتا پەننىي دەرسلەر بىلەن دىنىي دەرسلەرنىڭ مۇۋاپىق تۈردە تەڭشەلگەنلىكىنى، ئوقۇتۇش مېتۇدى جەھەتتىن ئۇسۇلى سەۋتىيە، يەنى ئىسمائىل غاسپىرالى قىرىمدا سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تېز ساۋات چىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ، 1912-يىلىغا كەلگەندە قەشقەر، كۇچا، يەركەن ۋە خوتەن قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەردە ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرى ئېچىلىشقا باشلايدۇ. بولۇپمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەردە ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مائارىپ تەرەققىياتىدا زور ۋەقە بولىدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندا قەشقەر، غەربىي تۈركىستاندا بۇخارانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىسلام مەركەزلىرى بولۇشىغا قارىماي بۇ ئىككى شەھەردە ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنىڭ باشقا جايلارغا قارىغاندا كېيىنرەك ئېچىلغانلىقىنى، بۇنداق بولۇشىنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)