2024-يىلى 14-ئاۋغۇست كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئىز قالدۇرغان ئۆلىمالىرىمىز» ناملىق پىروگرامما ئاستىدا، مەرىپەتپەرۋەر دىنى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قالدۇرغان تەسىراتلىرى»، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ جەددىچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ساھەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى»، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى، «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەربىيە مېتۇدى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەلىم-تەربىيە ساھەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى»، دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي دوكلات بەردى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان دوكتور ئالىمجان بۇغدا، مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خەلقنى غەپلەتتىن ئويغىتىش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، خەلقنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يېڭى مەرىپەتچىلىك مېتودى بىلەن ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇيغۇر خەلقىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىدىن ساۋاق ئېلىپ ئۆز ئالىملىرىغا ئىگە چىقىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن سۆز قىلغان ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم، مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئوت يۈرەك ئالىم ئابدۇقادىر داموللام 20-ئەسىردىكى بۈيۈك ئىسلاھاتچىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شەخستۇر. چۈنكى، داموللام باشلىغان يېڭى مائارىپ سايىسىدە دىيارىمىزدىكى مەكتەپ-مەدرىسەلەر كونىلىققا، قالاقلىققا، قاراڭغۇلۇققا ‹خەير خوش› دېگەن ۋە ئاۋام خەلقنىڭ دىننى ئۆگىنىش يولى ئالاھىدە ئوڭايلاشقانىدى. ئابدۇقادىر داموللام شەرقىي تۈركىستاندا ئەسىرلەردىن بېرى قالاقلىق ۋە جاھالەت ئىچىدە قالغان مەكتەپ-مەدرىسەلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى ئۆسمۈرلەرنىڭ سەۋىيەسىگە ۋە زاماننىڭ تەقەززاسىغا مۇناسىپ ھالدا ئۇيغۇرچە تۈزۈپ چىقىش، دەرسلىكلەرگە ئۇيغۇر تىلى، قۇرئان ئوقۇش قائىدىسى، ماتېماتىكا ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ يېڭىچە ئىلغار مائارىپنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق دەۋر بۆلگۈچ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان شەخستۇر. ئابدۇقادىر داموللام يەنە ئانا تىلىدا ئەسەر يېزىش ئارقىلىق ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن كونا ئادەتنى ئۆرۈپ تاشلاپ، كېيىنكىلەرگە پارلاق يول ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئۈلگىلىك زاتتۇر. چۈنكى بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە ياكى پارسچە يازىدىغان بولۇپ، شۇ زامانلارنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەرەبچە ياكى پارسچە بولمىغان ئەسەرلەر ئەسەر ھېسابلانمايدىغان دەرىجىدە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئەسەرلەر يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى».

مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم، مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسەلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئاندىن شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن ئاقارتىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا بارلىق ئەقىل-پاراسىتىنى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋە بۇ يولغا ھاياتىنى ئاتىغان بىر شەخستۇر».
ئۇ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋەتەنپەرۋەر بىر شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تالانتى، كۆپ قىرلىق ئىقتىدارى بۇخارادا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا قايىل بولغان ۋە ئۇنىڭ مول بىلىم ھاسىل قىلغانلىقىغا شاھىت بولغانىدى. شۇ سەۋەبتىن داموللام بۇخارادىكى ئۆزى ئوقۇغان مەدرىسەدە مۇدەررىسلىككە تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما داموللام ئۆز خەلقىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ئىلىم-مەرىپەت كۆچەتلىرىنى تىكىش مەقسىتى بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلغان».

مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم ئىلمىي ماقالىسىدە يەنە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ خەلقنى ئويغىتىش جەھەتتە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇقادىر داموللام ئەسەرلىرى، نۇتۇقلىرى ۋە دەرسلىرى ئارقىلىق ھەمىشە خەلقنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشقا تىرىشاتتى، ھەتتا تالىپلىرىغا بۇيرۇپ، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتاتتى. ئۇ تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا مۇنداق ئوتلۇق خىتابلار بار ئىدى: ‹. . بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر. سەئىي ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر، سۇسلۇق-بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر. باشقا خەلقلەر ئىلىم-مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە. بىزلەر بولساق تېخىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتىمىز. ئۇيقۇ _ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ تەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەت دېمەكتۇر. ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر».
مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى، «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەربىيە مېتودى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەلىم-تەربىيە ساھەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى»، دېگەن تېما سۆز قىلىپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا جەددىچىلىك مەكتەپلىرىنى ئاچقانلىقى، خانلىق مەدرىسەسى، ھېيتگاھ مەدرىسەسى قاتارلىق بىر قانچە مەدرىسەلەردە ئۇستاز بولۇپ دەرس ئۆتۈش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكلەرنى ئاسان چۈشىنىشى ئۈچۈن ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىكى دەرسلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۆگەتكەنلىكى، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ئومۇملاشتۇرغانلىقى، ھېساب، ئەدەبىيات قاتارلىق ھەر ساھەدە كىتاب يېزىپ مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەردە دەرسلىك قىلىپ ئۆگەتكەنلىكىدىن ئىبارەت مائارىپ ساھەسىگە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
تارىخىي مەنبەلەردە ۋە باتۇر روزى، خېۋىر تۆمۈر قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدىكى ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك ئالىمى، كۆپلىگەن پەلسەپىۋى، تىل ۋە ئەدەبىيات ھەم ئەخلاق ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورى، دىنىي ۋە مىللىي ئىسلاھاتچى، مەرىپەتپەرۋەر زات ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مائارىپ ئاقارتىش ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتى ياڭ زېڭشىن باشچىلىقىدىكى خىتاي مىلىتارىستلار ھۆكۈمرانلىرىنى قاتتىق قارشىلىقى ۋە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەكتەپلىرىنى تاقىۋەتكەن. ئۇ، 1924-يىلى 14-ئاۋغۇست كۈنى ھازىرغىچە سىرى ئېچىلمىغان مەخپىي پىلان بىلەن ئۆز ئۆيىدە پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى سىرتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار 100 يىلدىن بۇيان مەرھۇمنى ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئالىمى سۈپىتىدە ياد ئەتمەكتە.