ئابدۇقادىر جالالىدىن: «قانداق جاي بۇ، بارارىم بار، يانارىم يوق»

0:00 / 0:00

2018-يىلى 29‏-يانۋار كۈنى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئابدۇقادىر جالالىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق شېئر ۋە ئەسەرلىرى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە قايتا نامايان بولماقتا. بۈگۈن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇرمەنلىرى ۋە ئىخلاسمەنلىرى ئۇنى سېغىنىش ئىلكىدە ياد ئېتىشكە، ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى ھاياتى ھەققىدە ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.

نۆۋەتتە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە شېئىرى 2020-يىلى نويابىردا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى، خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ۋە تەتقىقاتچى جوشۇا فرىمەننىڭ قولىغا تەگكەن.

جوشۇۋا فرىمەن 23-نويابىر «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «خىتاي مېنىڭ پروفېسسورۇمنى غايب قىلىۋەتتى، ئەمما ئۇنىڭ شېئىرىنى جىمىقتۇرالمايدۇ» ناملىق ماقالىسىدە مەزكۇر شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچە دېكلاماتسىيەسى ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىز-دىرىكى بولمىغان شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ شېئىرى ئارقىلىق ھەم ئۆزىدىن خەۋەر بەرگەن ھەم لاگېر-تۈرمىلەرگە سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان. «يانارىم يوق» ناملىق بۇ شېئىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى تەسىر قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ شېئىرنى تەسىرلىك ئاھاڭدا دېكلاماتسىيە قىلغان، ناخشا قىلىپ ئېيتقان ھەمدە مۇزىكىغا كېرىشتۈرۈپ ئوقۇغان. ھەتتا ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق شائىرە مەدىنەئاي باۋۇدۇن «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىغا جاۋاپ شەكلىدە «يانارىڭ بار» ناملىق بىر پارچە شېئىر يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىمىزگە قارىغاندا، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاپتورنىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، «مەۋجۇدىيەت تەشنالىقى» قاتارلىق ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى ئوقۇش ۋە تەتقىقات ھاياتى ئاساسىدا يازغان كىتابلىرىنى يادىغا ئېلىشىدىكەن. بۇ كىتابلار ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر جەمئىيتىدە «ئۆزىنى تونۇش» ۋە «مەۋجۇدىيەت» قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇنازىرە بولۇشىغا تۈرتكە بولغانىكەن. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» ناملىق كىتابىدىكى مۇنۇ قۇرلار كىشلەرگە تەسىر قىلغان پارچىلارنىڭ بىرسى ئىكەن:

«ۋەتەنگە ھەرخىل سۈپەت بېرىش مۇمكىن:

ۋەتەن-مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەر،

ۋەتەن-مېنى تۇغقان خەلق،

ۋەتەن-بىر قەلب،

ۋەتەن-ئەقىدە،

ۋەتەن-ئۇ ھەقىقەت،

ۋەتەن-جاراھەت. . .

ۋەتەن بىر ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە قىممەت قارىشىنى شەرت قىلغان ھالدا تۈرلۈك سۈپەتتە نامايان بولىدۇ. ئەقىدە بىلەن ياشايدىغان ئىنسانلار مەيلى قەيەردە بولمىسۇن، ۋەتەنسىز بولمايدۇ.

ئەڭ بولمىغاندا ئۇ غايىۋانە ھالدا قەلبىدىكى ۋەتەندە ياشايدۇ.»

ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئوغلى بابۇر دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۆيىدىكى كىتابلار بىلەن ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دېگەندەك، ئابدۇقادىر جالالىدىن نۇرغۇنلىغان شېئىر، ماقالە، تەرجىمە ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار تالىشىپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرگە ئايلانغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى داڭلىق ئاۋاز ئارتىسلىرى تەرىپىدىن ئاۋازلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرۇلغان. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئىجادىي ئەسەرلەردىن باشقا يەنە داڭلىق يازغۇچى نىككولو ماكياۋىللىنىڭ «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» ناملىق ئەسىرىنى خىتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كىتابمۇ ئەڭ بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئابدۇقادىر جالالىدىن مەيلى ئۇقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئەسەر يېزىشتا بولسۇن، ناھايىتى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن بولغاچقا، كۆپ قېتىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.

«ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» ناملىق كىتاب ئۇيغۇر كارخانىچىلار ئارىسىدا ناھايىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. كارخانىچىلار مەبلەغ چىقىرىپ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنى قەشقەر، خوتەن، كورلا، كۇچا قاتارلىق شەھەر ۋە رايونلاردا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە لېكىسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ لېكىسىيەسىنى ئاڭلاشقا كېلىدىغانلار ھەر كەسىپ ھەر ساھەدىن بار بۇلۇپ، يازغۇچىنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىشكە باشلىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولغان ساناقلىق زىيالىيلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىنى قوغداش ئاساسىدا ئۆزىنى ئىلم-پەن ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنكەن.

ئەپسۇسكى، 2018-يىلدىن كېيىن تۇتۇلغان يازغۇچى-شائىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدا ئۇمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2016-يىلى كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان جوشۇۋا فرىمەن ئەپەندى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىنى مىسال كەلتۈرگەن. ئۇ بۇ شېئىرنىڭمۇ خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا سالغان قەبىھ زىيانكەشلىكىگە ئىسپات بولالايدىغانلىقىنى، بۇ زۇلۇمغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دائىم كۈچلۈك بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە شېئىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كۈچلۈك ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ماقالىسىدا مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر ئۇيغۇر 1933-يىل خىتاي مىلتارىست تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ۋە ئۇنىڭ ‹ئويغان› دېگەن شېئىرىنى بىلىدۇ. ئوت يۈرەك شائىرلارنىڭ جەڭگىۋار شېئىرلىرى نەچچە ئەۋلادتىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە، زۇلۇمغا قارشى كۈرەشلىرىگە ئىلھام بېرىپ كەلدى».

شائىر، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇندا تۇرۇپ يازغان «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىمۇ ئەنە شۇنىڭ بىر مىسالى:

پەسىللەرنى بىلىپ تۇردۇم بۇرجەكلەردىن،

ھېچبىر خەۋەر ئالالمىدىم چېچەكلەردىن،

بۇ سېغىنىش ئۆتۈپ كەتتى سۆڭەكلەردىن،

قانداق يەر بۇ، بارارىم بار، يانارىم يوق.

ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن 2009-يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىغان. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئايدا پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولغان.