ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر پارچە شىئېرى قاماقتىن چىقىپ جوشۇا فرىمەنگە يەتمىگەن بولسا، ئۇيغۇردىن بۇنداق بىر شائىرنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ نەزەرىدىن يىراق قالاتتى. شائىر 2018-يىلى فېۋرالدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا تىگىشلىك خەۋەر قىلىنمىدى. سەۋەبلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەڭ موھىم سەۋەبى ۋاقتىدا چىقمىغان گۇۋاھچى ۋە ۋاقتىدا تەمىنلەنمىگەن پاكىتلارنى دېيىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن.
ئەسلىدە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتۇلۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىكى نوپۇزى، نەتىجىلىك ئەمگەكلىرى، تەسىرچان شىئېر ۋە نەسىرلىرى، ئۆتكۈر ئوبزۇر ۋە ماقالىلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر بىناكار، پەرۋىشكار، بىر يېتەكچى سۈپىتىدىكى ئوبرازى نوقتىسىدىن ئالغاندا بەس-بەستە خەۋەر قىلىنىدىغان شەخس بولۇشى كېرەك ئىدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ۋەكىل بولالايدىغان قابىلىيەتكە، ئىناۋەتكە ۋە سالاھىيەتكە ئىگە ئىدى. خۇداغا شۈكۈركى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ئەپسۇسلۇق، بۇ بوشلۇقمۇ ئاخىرى ئۇنىڭ قاماقتىن قۇتۇلغان شىئېرى بىلەن تولۇشقا باشلىدى.
2020-يىلى نۇيابىرنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» سەرلەۋھىلىك شېئىرى ۋەتەندىن مۇھاجىرەتكە ئۇچۇپ چىقتى. بۇ ئەسەرنى ئەڭ دەسلەپ قولغا چۈشۈرگەن كىشى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى، خارۋارد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى، يەھۇدى تەتقىقاتچى جوشۇا فرىمەن، مەزكۇر شىئېرنى چۆرىدەپ ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە دۇنيادا ئەڭ داڭلىق گېزىتلەردىن «نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» دا ماقالە ئېلان قىلدى. شۇندىن كېيىن مەزكۇر ئەسەرنى چۆرىدەپ بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئوغلى بابۇر جالالىدىنمۇ چىرايىنى چىقىرىپ، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
«يانارىم يوق» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلاشقاندىن كېيىن قىزغىن ئالقىشلاندى. بىر قانچە ياڭراق، مۇڭلۇق ۋە يېقىملىق ئۈنلەرنىڭ دېكلاماتسىيەسى بىلەن تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ، مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى چەكتى. ئەلۋەتتە، ۋەتەندىكى چاغلىرىمىزدا بىزنى تولا بىزار قىلىپ، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ يېقىملىق ئاۋاز دولقۇنلىرىغا كاشىلا پەيدا قىلىدىغان خىتاينىڭ چاڭچىلىسىدەك، بەزىلەر چىقارغان غاژ-غۇژلارمۇ قىستۇرۇلماي، ئارىلاشماي قالمىدى.
مۇھاجىرەتتە «يانارىم يوق» ئالقىشلانغان كېيىن، بەزىلەر بۇنى خىتاينىڭ مۇھاجىرەتكە قاراتقان ئۆزىنى ئاقلاش ھەرىكىتى، ئۆزى قويغان ئوتنى ئۇيغۇرنىڭ قولى بىلەن ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى دەپ چۈشەندۈردى. ئۇلار بۇ ئەسەرنى «يالغان، قۇش ئۇچۇپ چىقالمايدىغان يەردىن شىئېر چىقامدۇ، قاماقتا شىئېر يازغىلى بولامدۇ، خىتاي مەقسەتلىك چىقارغان ئەسەر»، «ئۇيغۇرلارنى بىخۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەستەن قويۇلغان ئويۇن»، «ئارقىسىغا خىتاي يوشۇرۇنغان تەشۋىقات مۇلازىمىتى» دەپ قارىلاشقا باشلىدى. بەزى ئۇستاز ۋە پېشىۋالارمۇ ئىكرانلاردا بوي كۆرسىتىپ، مەزكۇر ئەسەرنى تەھلىل قىلغان قىياپەتتە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىستىكىنى قاندۇرۇش قەستىدە بولدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شىئېرلىرىنى مەزكۇر ئۇستاز ۋە پېشىۋالار ئۇقۇمىغان بولسا كېرەك. «يانارىم يوق» تىن گۇمان قىلمىغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر مەزكۇر پېشىۋالاردەك خىتاينىڭ ئويۇنىنى بىلمەيدىغان، يالغانغا ئالدىنىدىغان، خىتاينىڭ تەشۋىقات مۇلازىمىتى بىلەن ئۇيغۇرچە جەۋھەر ئەسەرلەرنى ئايرىيالمايدىغان قوي پادىسى، كۆزى تېڭىلغان ئەگەشكۈچى ئەمەس. ئۇلار ئۆزى ئۈچۈن قۇربان بەرگەن، ئۆزىنىڭ غېمىنى يېگەن ئادەملىرىنى ئۆزىنى سۆيگەندەكلا سۆيىدۇ، قەدىرلەيدۇ، يازغانلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇقراق ئوقۇپ باققان ھەر قانداق ئوقۇرمەن «يانارىم يوق» دېگەن ئەسەرنىڭ ھەقىقى ئاپتورىدىن گۇمان قىلمايدۇ. ئۇنى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئاستىرىتتىن خىزمەت قىلىۋاتقان، ئىدىيەسى «خىتايغا يېقىن» ئەسەر دەپ شەكلىنىپمۇ يۈرمەيدۇ. شۇڭا «يانارىم يوق» دېگەن شىئېرنى تۈزۈكرەك چۈشىنىپ ئوقۇپمۇ باقماي تۆھمەت قىلىۋاتقان، قارىلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى «قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋاتىدۇ» دەپلا ئۆتۈپ كەتكەن تۈزۈك.
ۋەتەندىكى قاماقتىن بىر شىئېرنىڭ چىقىشىغا ئىشەنمەسلىككە پەرۋا قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغان بىلەن ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان تەپەككۇر ئادىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ھەر قانداق ھادىسىنىڭ كەينىدە خىتاينىڭ سايىسىنى كۆرۈش، ئۇيغۇرنىڭ ئۇتۇق ۋە ئۇتتۇرۇقلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايغا دۆڭگەش، ھەر قانداق تەۋەككۈلچىلىكنىڭ يۈز بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر قېتىم خاتالاشتۇردى. بۇ خاتالىقتىن ئىبرەت ئېلىش كېرەك.
ۋەتەندىن چىققان شىئېردىن گۇمان قىلىۋاتقانلارنىڭ تەپەككۇر ئادىتى بىلەن ۋەتەندىن مىرئادىل ھەسەن گۇۋاھلىق ۋىدىيوسى چىقارغاندا شەكلەنگەن تەپەككۇر ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ بىر ئوخشاشلىق مەۋجۇت. بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق ئاشكارا دېيەلمەيۋاتقان، جامائەت ئالدىدا تولۇق ئىپادىلەشتىن قورقۇۋاتقان، لېكىن قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يىلتىزلاپ كەتكەن خىتاينى قۇسۇرسىزلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ كۈچىنى مۇتلەقلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇردىن ئۈمىدسىزلىكتۇر. شۇڭا ئۇنداق تەپەككۇرغا كۆنگەن كىشىلەر ۋەتەندىن چىققان مىللەتنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان، ئۇيغۇرنى جاسارەتلەندۈرىدىغان ھەر قانداق يېڭىلىق، ھەرىكەت ۋە پاكىتلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنى، مۇھاجىرەتتىكى دەۋانى ۋە دەۋاگەرلەرنى يوققا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى ئاممىۋىيلاشتۇرىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرنى سۆيىدۇ، مۇستەقىللىققا ئېتىقاد قىلىدۇ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقىغا سەجدە قىلىدۇ، ئەمما شۇ يولدا كېتىۋاتقان يولچىلار ۋە رولچىلارنى تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋېتىش ئۈچۈن بارلىق ئەقلىنى ئىشقا سالىدۇ. پەخەس بولۇشقا تىگىشلىكى مۇشۇنداق تەپەككۇر ئادىتىنىڭ سۈيقەست نەزەرىيەسى بىلەن بىرلىشىپ ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىدۇر.
قاماقتىن مەردانە گۇۋاھچىلار چىقتى. ئۇيغۇر جامائىتىگە يېزىلغان خەتلەر چىقتى. ئابدۇقادىر جالالىدىندەك تۇتقۇن باغۋەننىڭ شىئېرىمۇ چىقتى. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، قاماقلار، لاگېرلار ۋە تۈرمىلەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈمىدىنى، ئىشەنچىنى، غايىسىنى يەپ كەتكەن يوق، يالماۋۇزدەك دەم تارتىپ خاراپ قىلىۋەتكەنمۇ يوق. قامالغان نەچچە مىليون جان خىتاينىڭ كۆزىگە ھېلىمۇ مىقتەك قادىلىپ ياشاۋاتىدۇ، ھېچ قاچان پارغا ئايلىنىپ يوقاپ كەتمىدى. ھەر 30 يىلدا بىر چوڭ يوقىتىشقا، ھەر 10 يىلدا بىر كىچىك باستۇرۇشلارغا ئۇچراپ تاۋلانغان ئۇيغۇرغا بۇ قاماقمۇ ھېچ گەپ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن دۇنيا خىتاينى قىرغىنچىلىقتا ئەيىبلەۋاتقان، مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتە ئورنىدىن دەس تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنى كامىرلاردا پۈتۈنلەي يالماپ يۇتۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. خىتاينىڭ زۇلۇمى ئەركىن دۇنيادا بەزىلەرنى دەھشەتكە سالغان، ئۈمىدلەردىن مەھرۇم قويغان بىلەن قەھرىمان ئۇيغۇرلىرىمىز تۈرمە ۋە لاگېرلىرى ھەققىدە دۇنياغا توختىماي «قاراقاش ھۆججەتلىرى»، «ئاقسۇ تىزىملىكى» گە ئوخشاش پاكىتلارنى ئەۋەتىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىن قاماقتىن چىقمىدى، ئەمما شىئېرى چىقتى. مەزكۇر شىئېر بىلەن ئۇيغۇر شىئېرىيىتى دۇنيانىڭ نەزەرىگە يەنە بىر رەت تەقدىم قىلىندى. قاماقتىن پىدايىلارچە يادىلاپ چىقىلغان بۇ بىر پارچە شىئېر دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر سەرخىللارنىڭ تەقدىرىگە بۇرىدى. قاماققا قامالغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر خۇددى يۈز يىللار بۇرۇن گېزىت-ژورنال يوق چاغلاردا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شىئېرلىرىنى يادلاپ بىزگە يەتكۈزگەندەك، بۈگۈنمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شىئېرىنى ئەركىن جاھانغا چىقاردى. بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشكە، ئۈمىدلىنىشكە ۋە جاسارەتلىنىشكە ھەر بىر ئۇيغۇر ھەقلىق.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.