كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆرىيەت ئىنسانىي ياردەم فوندى (IHH)نىڭ تارمىقىدىكى ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات مەركىزى(insamer) ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا دوكلات تەييارلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل تەييارلانغان «خەلقئارالىق قانۇندا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە شەرقى تۈركىستان» ناملىق دوكلات كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان.
خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىمۇ مەزكۇر رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەركەزلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر توك ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئابدۇقادىر توك ئەپەندى خىتاينىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ رايوندا ئەمەلىيلىشىشىگە يول قۇيۇلماسلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي شەرقى تۈركىستاندا ياشايدىغان تۈركلەرنى ئەزەلى ۋە ئەبەدىي تەھدىت دەپ قارايدۇ. خىتاي مۇستەقىللىق تۇيغۇسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا سىڭگەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. خىتاي ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. خىتاي تۈركىي قوۋملارنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئۆز-ئۆزىنى ئىنتايىن ياخشى باشقۇرالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. خىتاي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەركىنلىكلەرنى ئۇيغۇرلارغا بەرگىنىدە، ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئۆز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەق ۋە ھوقۇقلارنى بەرمەيۋاتىدۇ. بىزنىڭ غايىمىز مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى يېڭىدىن قۇرۇلۇشىغا دەستەك بولۇش.»
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنىۋاتقان بولۇپ، رايوندىكى قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى جىددى كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، رايوندىكى مۇرەككەپلەشكەن ۋەزىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئادىل چىقىش يولى، دەپ قارىماقتا.
ئابدۇقادىر توك ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار خەلقئارالىق قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىدىن ھەم خەلقئارادا ھەم يەرلىك سىياسەتتە مەھرۇم قىلىنغان. خىتاي چېگراسى ئىچىدە ھەل قىلىنمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپى ۋە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ھەم خىتاي ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئادىل ھەل قىلىش ئۇسۇلى، دەپ قارايمەن.»
ئادۋوكات تولگا تۈتۈنجى خەلقئارالىق ھوقۇق ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى جاۋابكارلىقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
«خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاز سانلىقلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان ماددىلارنى پەقەت خەلقئارادا ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈنلا قوللىنىۋاتىدۇ. خەلقئارالىق قانۇنغا نىسبەتەن مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە رايونلىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى مەمۇرىي قۇرۇلمىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلماقتا، رايوندىكى مەۋجۇت سىستېمىنى كونترول قىلىش ۋە ئۆز كۈچىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەقسىتىدە رايوندا ھاكىمىيەت ئورناتقان. يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە نىسبەتەن بەزى دۆلەتتىن ئىنكاس بىلدۈرۈۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش، زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى بىرلا كۈچنىڭ ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. دۆلەتلەر خەلقئارالىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق قۇرۇلۇشلارنى قۇرۇپ چىقتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى زىددىيەتلەر توقۇنۇشقا ئايلىنىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىش، توقۇنۇشقا ئايلانغان زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ قايتىدىن يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە نىسبەتەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتتىقراق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ئاكتىپ ھالدا كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىك كۈچلەر ۋە رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بولغان دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق يوللىرىنى پۈتۈنلەي توسۇۋەتكەن بولۇپ، پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشى خىتاي تۈزۈلمىسىنىڭ مۇستەبىت ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيلىقىدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا سەۋەب بولماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغۇچە، دېموكراتىك ھەق-ھوقۇق تەلەپلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن داۋاملىق باستۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.