قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان كەسپىي خادىملىرىدىن بىرى، سىنگاپوردا ئوقۇپ قايتقان مۇدىر ۋىراچ دوختۇر ئابدۇقېييۇم ياسىن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ 4 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىش ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلار ئۈچۈن مۇئاشى ئۆسۈش، مەرتىۋىسى يۈكسىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىمتىيازلارنى ئاتا قىلىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «گۇمانلىق ئۇنسۇر» غا ئايلىنىش ۋە ئاخىرىدا تۈرمىگە تاشلىنىش قاتارلىق ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە مۇپتىلا قىلماقتا. دېيىلىشىچە، بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى سىنگاپوردا ئوقۇپ قايتقان مۇدىر ۋىراچ دوختۇر ئابدۇقېييۇم ياسىندۇر.
نۆۋەتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى قەشقەردە مېدىتسىنا ساھەسىدە خىزمەت قىلغان بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، 2017 -يىلنىڭ بېشىدا قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا بىر جىددىي يىغىن ئېچىلغان. شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خادىملىرى ۋە دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا، بىر تۈركۈم دوختۇر ۋە سېستىرالارنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغان. يىغىندا ئۇلارنىڭ «گۇمانلىق كىشىلەر» ئىكەنلىكى ۋە تەكشۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، يىغىن مەيدانىدىن ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن. شۇ قېتىم تۇتۇپ ئەكىتىلگەندىن بۈگۈنگە قەدەر ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان بۇ كىشىلەردىن بىرى ئابدۇقېييۇم ياسىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرەسكىز غايىپ بولغانلىقى نورۋىگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ تىزىملىكىدە قەيت قىلىنغان. «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى باتۇر قارىخانلى ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئابدۇقېييۇم ياسىن شاڭخەيدىكى بىر مېدىتسىنا ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىنگاپوردا بىلىم ئاشۇرغان ۋە تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدىدا قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىكەن.
قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانا خادىملىرى دەسلەپتە بۇ دوختۇرخانىدا بۇنداق بىر خادىمنىڭ بولغانلىقىنى رەت قىلدى، ئارقىدىن بۇ دوختۇرخانىدا 3000دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر كىشى بولغان تەقدىردىمۇ تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىنكاسچى مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ كومپيوتېرىدىن تېپىلغان «قانۇنسىز ماتېرىياللار» ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەپلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئۇ تەكشۈرۈلۈش جەريانىدا سىنگاپوردا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە كىملەر بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ۋە كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە نۇقتىلىق سوراق قىلىنغان. بۇ مۇھاجىرنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، ئۇنىڭ شۇ مەزگىلدە خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى دوستلىرى بىلەن قىلىشقان پاراڭلىرى «بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دەپ قارالغان.
كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ خادىملىرى ئابدۇقېييۇم ياسىننىڭ قاچاندىن بېرى خىزمەتتىن توختىغانلىقى ياكى تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ھەقتە دوختۇرخانا قوغداش بۆلۈمىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
قوغداش بۆلۈمى خادىمى ئابدۇقېييۇم ياسىننىڭ 4 يىلدىن بۇيان ئىشتىن توختىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئىنكاسچى مۇھاجىر ئابدۇقېييۇم ياسىننىڭ 9 يىل ۋە ياكى 15 يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئىككى خىل گەپ ئاڭلىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بىز بۇ ھەقتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئالاقىدار بىر خادىم ئابدۇقېييۇم ياسىننىڭ قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن خەۋىرىنى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئەمما ئۇ ئابدۇقېييۇم ياسىن ئىسىملىك بىر دوختۇر ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان بىر دېلونىڭ ئارخىپتىكى تىزىملىكتە بارلىقىنى دەلىللىدى.
يۇقىرىدا سىنگاپوردا ئوقۇپ قايتقان مۇدىر ۋىراچ دوختۇر ئابدۇقېييۇم ياسىننىڭ 4 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.