خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر مەنبەلىرىنى قاتتىق قامال قىلىشى ۋە ئالاقىدار جازالاش سىستېمىسىنىڭ تەسىرىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى پاش قىلىشمۇ ئىنتايىن رىقابەتلىك بىر تاللاش بولماقتا. تۇرپان ئالتۇن كۆۋرۈك ساياھەت شىركىتىنىڭ خادىمى ئابدۇراخمان مەمەت ئۆز ئائىلىسىدىن لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېردىن يازغان سالام خېتىنى ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان جىيەنى مۇھەررەم مۇھەممەتئېلىگە يەتكۈزگەنلىكى ۋە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ كېتىشى سەۋەبلىك، ئۇ 11-ئىيۇن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىتىدۇ.
ياپونىيەدىن رادىئومىز بىلەن ئالاقىلەشكەن مۇھەررەم مۇھەممەدئېلى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان شەھىرىدىن بولۇپ. ھازىر ياپونىيەدە خىزمەت قىلماقتىكەن. ئۇ تۇتقۇندىكى ئائىلە ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن رادىئومىزغا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇشلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئاتىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرى بولۇپ سەككىز ئادەم تۈرمىدە ۋە ياكى ئاتالمىش تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا ئىكەن. يېقىندا ئۇ ئۆز ئائىلىسىدىكى تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىنى «شاھىت بىز» تورىدا ئېلان قىلغان. بۇ ئۇچۇرلار كېيىنچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان. ھالبۇكى لاگېردىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۇچۇرى ۋە لاگېردىكى مومىسى ۋە بوۋىسى ھەمدە چوڭ تاغىسىنىڭ سالام خەتلىرىنى ئۆزىگە يەتكۈزگەن تاغىسى ئابدۇراخمان مەمەت يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغان.
خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىن «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى قاتارلىقلار بۈگۈن، بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن تۇرپان ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى ئابدۇراخمان مەمەتنىڭ لاگېردىكى تۇغقانلىرىنىڭ سالام خېتىنى ئاشكارىلىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مۇھەررەمنىڭ بايان قىلىشىچە ۋەقەلىكنىڭ باش ئاخىرى مۇنداق ئىكەن.
«شىنجاڭ ئالتۇن كۆۋرۈك ساياھەت شىركىتى» تۇرپان تارماق شىركىتىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇراخمان مەمەت خىزمەت ۋەجىدىن پىلان بويىچە ساياھەتچىلەرنى باشلاپ غۇلجىغا 7-ئىيۇل يولغا چىقماقچى بولغان.
دەل شۇ كۈنى، لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلىسىدىكىلەر ھەققىدە مۇھەررەمنىڭ گۇۋاھلىقى «شاھىت بىز» تورىغا چىقىرىلغان ھەمدە تېز سۈرئەتتە فېيسبۇك ۋە باشقا سۇپىلاردا تارقالغان.
9-ئىيۇل كۈنى تۇرپان تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىدىن ئابدۇراخمانغا تېلېفون كەلگەن، تېلېفوندا ئاپىسى ئايشەمخان مۇھەممەتنىڭ ئىشىنى (لاگېردىن كەلگەن بىر پارچە خەت) نى كىملەرگە دېگەنلىكى سورالغان ۋە شۇ كۈنى كەچتە تېلېفون قايتۇرۇشى ئېيتىلغان.
11-ئىيۇل كۈنى ئابدۇراخمان مەمەت ساياھەت خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرپانغا قايتقان. شۇ كۈندىن باشلاپ مۇھەررەمنىڭ تاغىسى ئابدۇراخمان بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.
تونۇش-بىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە قىلغان تېلېفونلىرى جاۋابسىز قالغان مۇھەررەم ئاخىرى 13-ئىيۇلدا «پۇل مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تاغىسىنىڭ ئىز دېرىكى بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. تۇرپاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بۇ مۇخبىر تۇرپاندا زىيارەت جەريانىدا تۇرپان دائىرىلىرىنىڭ كەينىگە چۈشۈش، بىئارام قىلىشىغا ئۇچرىغان. شۇ پەيتتە شۇ كىشىلەردىن ئابدۇراخمان مەمەتنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغاندا «بىز سەن بىلەن كېيىن ئالاقىلىشىمىز» دەپ مۇخبىرنى يولغا سالغان. مۇخبىر ئۇلاردىن ئالاقە ئۈچۈن نومۇر سورىغاندىمۇ تەمىنلەشنى رەت قىلغان.
مۇھەررەم كېيىن تونۇشلار ئارقىلىق تاغىسى ئابدۇراخمان مەمەتنىڭ 20-ئىيۇل تۇتۇلۇپ تۇرپاندا ئىكەنلىكى ئېنىقلىغان.
26-ئىيۇل كۈنى ئۇنىڭ چەتئەلدىكى مەلۇم تونۇشى تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغان، تېلېفوننى ئالغان خىتاي ساقچى تېلېفون قىلغان كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىسا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىز بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن تۇرپان شەھەر، ئىدىقۇت رايون ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ساقچى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەن ھامان تېلېفوننى ئۈزدى.
«ئالتۇن كۆۋرۈك ساياھەت شىركىتى» تۇرپان شۆبىسىنىڭ توردا ئېلان قىلىنغان تېلېفون نومۇرى ئۇلانغان بولسىمۇ، لېكىن تېلېفون ئالغۇچى «خاتا ئۇرۇپسىز»، دېگەندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.
مۇھەررەم ئىگە بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاتىسى 49 ياشلىق مۇھەممەدئېلى تۇرسۇن تۇرپان شەھەر يار بازىرى، يېڭى مەھەللە 4-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كەسپى دېھقانچىلىق ئىكەن. ئۇ قوشۇمچە مەھەللە جۈمە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىكەن. 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھەللە كومىتېتىدىن ئۇنى يىغىنغا چاقىرتىش باھانىسى بىلەن يىغىن مەيدانىدا تۇتقۇن قىلىنغان. مۇھەررەمنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يىلى سەككىزىنچى ئايلاردا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئادۋوكاتسىز ۋە ئائىلىسىگە بىلدۈرمەستىن يېپىق سوت ئېچىلىپ، «ئۆكتەملىك جىنايىتى» بىلەن ئالتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ، ھازىر كورلىدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.
مۇھەررەمنىڭ ئاپا تەرەپتىن تۇغقانلىرىدىن بوۋىسى مەمەت ئىسمائىل تۇرپان شەھەر ئۈزۈمچىلىك بازار بۇلاق مەھەللە 2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئۇمۇ دېھقان ئىكەن ۋە 2017-يىلى ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2019-يىلى باشلىرىدا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما لاگېرىدا ئۇنىڭ تېنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ داۋالانماقتىكەن. مومىسى ئايشەمخان ياسىن، 2017-يىلى ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان. 2019-يىلى باشلىرىدا قويۇپ بېرىلگەن، ئۇمۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ چىققاچقا داۋالانماقتىكەن. بۇلاردىن باشقا تاغىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى كېلىنلىرى بولۇپ، بۇ ئائىلىدىن 10 غا يېقىن كىشى لاگېردا ئىكەن.
تاغىسى ئابدۇراخمان مەمەت ئۇنىڭغا بوۋىسى مەمەت ئىسمائىل، مومىسى ئايشەمخان ھەمدە تاغىسى مەھمۇد مۇھەممەتنىڭ لاگېردا تۇرۇپ ساقچى ئىش قەغىزىگە يېزىپ ئۆيگە چىقارغان سالام خېتىنى يەتكۈزگەن. مۇھەررەم كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق، بۇ سالام خەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ۋە لاگېرلاردىكى زۇلۇملىرىنى ئاشكارىلاشتا ئىسپاتلىق قىممىتى بار دەپ ئويلىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى ئۆزىنىڭ لاگېردىكى تۇغقانلىرى ھەققىدە «شاھىت بىز» تورىغا بەرگەن گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرىغا قوشۇپ يوللىغان ئىكەن.
مۇھەررەم ئەمدىلىكتە تاغىسىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جازالىنىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل قانۇنسىز ۋە ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيەدىكى مۇھەررەمنىڭ رادىئومىزغا تەمىنلىگەن لاگېردىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ سالام خەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا تەپسىلىي توختالماقچىمىز.