16 ئايدىن بېرى گوللاندىيە پايتەختى ئامېستېردامدىكى دام مەيدانىدا يالغۇز نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى 16-نويابىر كۈنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ئامېستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى 16-نويابىر شەنبە سائەت 12:00 دە ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە گوللاندچە نۇتقى بىلەن باشلاندى. ئۇنىڭ نۇتقى يەنە ئۇيغۇر تەرجىمان ئارقىلىق نەق مەيداندا ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىندى.
ئابدۇرېھىم غېنى نۇتقىدا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق تارىخىي شارائىتتا يىقىلغانلىقىغا دائىر تارىخى ساۋاقلارنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ۋە دىنىي باستۇرۇشلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىگە تارتىشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نەق مەيداندىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرەھىم غېنى ئۆزىنىڭ 2 ئايدىن بۇيان جىددىي تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتكە ئائىت تارىخىي سۈرەتلەرنى توپلىغانلىقىنى، مەخسۇس لوزۇنكا ياسىغانلىقىنى شۇنداقلا ئىلگىرى ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشى جەريانىدا ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ 16-نويابىر ئامېستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى گوللاندىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە تائاملارنى ھازىرلاش، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تەييارلاش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن بولسا، باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئابدۇرېھىم غېنىغا دوپپا قاتارلىق ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئەۋەتكەن.
پائالىيەتكە قاتناشقان ئەخمەتجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن گوللاندچە، تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە تىللاردا ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز زىيارىتمىز جەريانىدا ئامېستېردامدىكى دام مەيدانىغا كېلىپ مەزكۇر پائالىيەتنى كۆرگەن بىر ساياھەتچىدىن تەسىراتنى سورىدۇق.
ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان بۇ خىل پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ ساياھەتچى مەيدانغا قويۇلغان لوزۇنكا ۋە تەشۋىقات سۈرەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىنى چۈشەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بىلىملەردىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئامېستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر پائالىيەتكە گېرمانىيەدىن كېلىپ قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ 16 ئايدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يالغۇز كىشىلىك نامايىشىغا يۇغۇرى باھا بەردى. ئۇ يەنە ئابدۇرەھىم غېنىنىڭ دۇنيانىڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئامېستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00