تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئاۋازى قانىلىنىڭ «يىلتىزىمىزنى بويلاپ» ناملىق پروگراممىسىنىڭ 26-بۆلۈمى «بىر كارۋان، ئۇزۇن بىر كارۋان، ئۇزۇن يوللاردىن كېلىپ تېخىمۇ ئۇزۇن يولغا قاراپ كېتىدىغان بىر كارۋان» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ.
بۇ بۆلۈم «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق مەشھۇر تارىخىي رومانلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر ئەپەندىگە بېغىشلانغانىدى.
تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئاۋازى قانىلىنىڭ مەزكۇر پروگراممىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 25-يىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى بىلەن قايتا تونۇشۇش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇردى شۇنىڭدەك ئۆتكۈر ئەپەندى تەسۋىرلىگەن «كارۋان» نىڭ «چۆللەردىكى ئىزلىرى» ھەققىدە مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تېكىست يازغۇچىسى، ياۋروپا-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ژۇرنىلى بولغان «قېرىنداش قەلەملەر» ۋە «تىل تەتقىقاتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ساھىبى، دوتسېنت ياقۇپ ئۆمەرئوغلى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تېكىستىنى يېزىش جەريانىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن قايتا تونۇشۇپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «‹يىلتىزىمىزنى بويلاپ› پروگراممىسى كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم پروگراممىسىدۇر، تۈرك دۇنياسىدىكى داڭلىق يازغۇچى ۋە شائىرلارنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر پروگرامما. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇر خەلقى يېتىشتۈرگەن، لېكىن پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ھەتتا ئەسەرلىرى باشقا دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر يازغۇچى. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئازاب چەككەنىكەن. ئۇ، بۇ ئازابىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چەككەن. ئۇ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى مىللىي كىملىكىنى تېپىۋېلىشقا، ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا، مىللىي كۈرىشىگە ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى».
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق قىزى زۇلھايات ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خانىم دادىسىنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «دادام ئۆزىنىڭ تارىخى رومانلىرى ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا ھەقىقىي مەلۇماتلارنى، ھەقىقىي تارىخنى يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارىغان. خەلقىمىزمۇ بىلگىنىدەك، دادام ‹ئويغانغان زېمىن› رومانىنىڭ ئۈچىنچى قىسمى بارلىقىنى، لېكىن ئاشۇ ۋاقىتتا روماننىڭ ئاخىرىدىكى ۋەقەلەرنى قەلەمگە ئېلىشنىڭ تەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆرتەنگەنىدى».
ياقۇپ ئۆمەرئوغلى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى تونۇتۇش دېگەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كرىزىسىنى تونۇتۇش دېگەنلىكتۇر. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، ئاشۇنداق قىيىنچىلىق مەزگىللەردىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندى يېزىشتىن توختاپ قالمىدى، خەلقىگە بىباھا ئەسەرلەر قالدۇرۇپ كەتتى. ھازىرقى كۈنىمىزدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد بېرىدىغان، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىغان، دۇنيادا ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى نامايان قىلالىغۇدەك دەرىجىدىكى ئېسىل ئەسەرلەردۇر. ئۆتكۈر ئەپەندى ئالىم، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ۋە يەنە تەرجىمان. بىز ئۇنى تۈركىيەدە ۋە تۈرك دۇنياسىدا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلدۇق».
2015-يىلى 18-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەشھۇر شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغانىدى. بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى قىلغان تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى قەدىمكى تۈرك تىلى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، تۈركشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى پروفېسسور ھۈليا چەنگەل خانىم ھۆججەتلىك فىلىمدا، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» شېئىرىنى ھاياجان ئىچىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ، «ئىز» ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاتلىرىمىز ئورۇق بولسىمۇ بۇ كارۋان، ئۇيغۇر كارۋىنى، تۈرك كارۋىنى داۋام قىلىدۇ. بۇ ئىزنى بالىلىرىمىز ياكى نەۋرىلىرىمىز بىر كۈنى تاپىدۇ».
زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم دادىسىنىڭ، «ئىز» رومانى نەشردىن چىققاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەردىن نۇرغۇن خەت-چەكلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە دادىسىغا ئەڭ تەسىر قىلغانلىرى ياشلاردىن، كىچىك ئوقۇغۇچى بالىلاردىن كېلىدىغان خەتلەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ياقۇپ ئۆمەرئوغلى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» شېئىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چۆلدە ئىزلارنى تېپىش تەس، دائىم شامال-بوران چىقىپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇ ئىزلارنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك. ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈرنىڭ ئېيتقىنىدەك ئېزىپ قالماي، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى بويلاپ ماڭىدۇ».
مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر ئەپەندى 1923-يىلى قۇمۇلدا سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق مەزگىلىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇچتۇرپاندا ئۆتكۈزگەن. 1936-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. ئۇ 1943-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئىزتىراپ چەككەن بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان 1949-يىلىدىن كېيىن تاكى1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە سىياسىي رېجىم، تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئازاب چەككەن، 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىقى قەيت قىلىنىدىغان «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق نادىر تارىخىي رومانلارنى، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ئۆز خەلقىگە سۇنغان. ئۇ 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئەلەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ رومانلىرى ۋە شېئىرلىرى دۇنيادىكى بىر قانچە چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغانىدى.
0:00 / 0:00