مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق نامايەندىلىرىنى خاتىرىلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەت ۋە جامائەت ئەرباپلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، ئالىملار، شائىر ۋە يازغۇچىلار، باشقىمۇ ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بار بولۇپ، ئۇلارنى ياد ئېتىش بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈرنىڭ ۋاپاتنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدۇر. ئۆتكەن يىلى يازغۇچىنىڭ «ئىز» ناملىق رومانى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم سىلاۋيان يېزىقىدا نەشىر قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر ۋە يۇرت-جامائەتچىلىك ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. بىز ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى بىر تۈركۈم زىيالىيلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەرھۇم ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.
ئەينى ۋاقىتلاردا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈر بويى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرىگە خۇشتار بولۇپ، ئوقۇپ، ئۆگىنىپ، بۈگۈنكى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەمتېلى زۇنۇن شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇيتتى. شۇ ئاغىنەم بىلەن كېيىنكى يىللاردا ئۇ ياققا بارغاندا ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىپ، شۇ ئۇستازنى يوقلىغان ئىدۇق. ئۇنىڭ بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتىمىزمۇ مۇشۇ كۈنلەردە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ يۈرىدۇ. مەمتېلى زۇنۇن بولسا، خىتاي بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك دراماتورگ بولۇپ تونۇلدى. مەن بولسام قازاقىستانغا چىقىپ، ئۆمرۈم ئەدەبىيات-سەنەت، گېزىت-ژورنال ساھەلىرىدە ئۆتتى. مەن ئۇنى باھالاش دەرىجىسىدىكى ئادەم ئەمەسمەن. مەن تۇرغۇن ئالماس ئاكا بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ناھايىتى چوڭ باھالايمەن.»
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە ياشىغان ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشىر قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ كېلىۋاتقانلىلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغۇن ئالماس ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىجادىيىتىنى يۇقىرى باھالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەم مۇشۇ كۈنگىچە ئۇلاردىن ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ژورنالىست يادىكار سابىتوف ئەپەندى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن 1994-يىلى ياز ئايلىرىدا ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن بىر كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلىشىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز جۈمەخۇن ئاكا بىلەن ئۇ ياتقان ئاغرىقخانىغا باردۇق. جۈمەخۇن ئاكا مېنى ‹يېڭى ھايات› گېزىتىدە ئىشلەيدۇ، سابىتوفنىڭ ئوغلى دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ: ‹ھە، بىلىمەن، تېيىپھاجىنىڭ ئوغلىغۇ سىز؟› دېدى. ‹ئالمۇتادىكى زىيالىيلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ زىيا ئەپەندى نېمە قىلىۋاتىدۇ؟› دەپ سورىغان. مەن: ‹سىزگە سالام ئېيتتى، ئىشلەۋاتىدۇ› دېدىم. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›، ‹قۇتادغۇ بىلىك› قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى نەشىر قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى قىسقىچە بايانلاپ بەرگەندى.»
يادىكار سابىتوف شۇ چاغدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ھاياتىدا بىرلا قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇچرىشىشتىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىجادىي مىراسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنىڭ ئالىملار ئالدىدا تۇرغان چوڭ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ياشىغان دەۋىر بۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئەۋجىگە چىققان پەيتى بولغاچقا، ئۇنىڭ باشقىچە يېزىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۆمىن ھەمرايېفنىڭ ‹دولقۇنلار ئارىسىدا› ئەسىرىگە ئوخشاش، ئۇمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ‹ئىز› ۋە ‹ئويغانغان زېمىن› قاتارلىق رومانلىرىنى يېزىپ، شۆھرەت قازانغان. بۇ جەھەتتە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، زىيا سەمەدى قاتارلىق ئۈچ يازغۇچىمىز گويا تەڭرىتاغ دەرىجىسىدىكى ئەدىبلىرىمىزدۇر. شۇڭلاشقا ئۇ ھەرگىزمۇ كوممۇنىستىك ئەقىدىلەرنى ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرەلمىگەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كلاسسىك ئەمەللىرىنى يۈكسەلدۈرگەن، راۋاجلاندۇرغان ئەخمەت زىيائى، شۈكۈر يالقۇن قاتارلىق ئەدىبلەر بىلەن بۇ يۆنىلىشتە بىر سەپتە تۇرغان.»
ئالىمجان ھەمرايېف ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ خىتاي ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشىغا، چەكلەشلىرىگە قارىماي، مىللىي ئەنئەنىلەرنى راۋاجلاندۇرغان ھەم يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش بۈيۈك نامايەندىلەرنىڭ مىراسىنى تەرغىب قىلغان ئەدىب ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان 60 تىن ئوشۇق مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىگە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، تېيىپجان ئېلىيېف، تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى ھەر خىل ئەدەبىي كېچىلىكلەردە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىپ، داۋاملىق تەرغىب قىلىنىپ كەلمەكتە.