مەلۇمكى، ئۇزۇن ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆپلىگەن ئاتاقلىق ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ، ئىجات ئېتىۋاتىدۇ. لېكىن كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغا، تارىخىغا، ئەدەبىياتىغا، مەدەنىيىتىگە، سەنئىتىگە، دىنىي ئېتىقادىغا، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ھەرتەرەپلىمە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش ھەرىكىتىنى يۈرگۈزۈۋاتماقتا. بۇ ھەقتە دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە داۋاملىق ئېيتىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى، خەلقئارا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلماقتا. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئېغىر بىر پەيتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىش ئىشلىرىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. يېقىندا ئالمۇتادىكى «ئىنتىزار» نەشرىياتىدا تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ۋە يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانىنىڭ ئىككىنچى كىتابى 500 تىراژ بىلەن يورۇق كۆردى. كىتاب «ئىنتىزار» ژۇرنالىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن تەييارلاندى.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» رومانىنىڭ چۈشەندۈرۈش قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، ئىستېداتلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ‹ئويغانغان زېمىن› رومانى تارىخىي ۋەتىنىمىزدە 33 يىل مۇقەددەم يورۇق كۆرگەن بولسىمۇ، بۇ نۆۋەت كىرىل يېزىقىدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنماقتا. خەلقىمىز تارىخىدىكى مۇھىم بىر دەۋرنىڭ ۋەقەلىرىگە بېغىشلانغىنى ئۈچۈن خەلق ئارىسىغا كەڭ تارىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خەزىنىسىگە قوشۇلغان نادىر ئەسەرلەر تەكچىسىدىن ئورۇن ئالغان مەزكۇر ئەسەر بىلەن تونۇشقان كىتابخانلىرىمىز ئۈچۈنمۇ بىباھا مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ قالغۇسى.»
بىز مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان ئاتاقلىق شائىر، «ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ھازىرقى پەيتتە مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» رومانىنىڭ نەشردىن چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ 1-كىتابىنى چىقىرىپ، قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تاراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى مەقسەت خۇددى «قۇرئان كەرىم» ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدەك ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنىڭ تەكچىسىدە تۇرۇشقا تېگىشلىك، بىلىشكە تېگىشلىك كىتابلارنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلىۋېدۇق. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، كېيىن كۆيدۈرۈلۈپ كەتتى، يوقالدى. ھازىر ئۇ ياقتا ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بۇ كىتابلار قالمىدى. شۇنداق بىر پەيتتە بىز بۇنى قېرىنداش قازاق ئېلىدە چىقاردۇق.»
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف بۇنىڭ ئالدىدا ئەھەت شاكىروفنىڭ «سەرسانە روھ» ناملىق رومانىنى يورۇققا چىقارغاندا ئۇنىڭ كىتابخان تەرىپىدىن ياخشى قارشى ئېلىنغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن باشقىمۇ كىتابلارنى قايتا نەشر قىلىشقا كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائىتىگە مۇراجىئەت قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل شەھىرىدە ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1934-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئالغاندىن كېيىن ئۇ 1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى 1-گىمنازىيەدە 1939-يىلغىچە ئوقۇپ، ئاندىن شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا چۈشىدۇ ۋە 1942-يىلى ئۇنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملايدۇ. گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋج ئالغاندا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزى ئىشلەۋاتقان قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك روھىدا تەربىيەلەشكە كۈچ سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئوخشاش تالانتلىق يازغۇچىلار ئىجادىيىتىنى قازاقىستانلىق كىتابخانلارنىڭ قىزىقىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تارىخىي ۋەتىنىمىزدە كېيىنكى يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن كۆپلىگەن كلاسسىك دۇردانىلىرىمىز يوقاپ كەتتى ۋە يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇنداق بىر ۋاقىتتا ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئوخشاش مىللەتپەرۋەر شائىر ئاكىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەت ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، ئۇ ياقتا چىققان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كىرىل يېزىقىغا ئاغدۇرۇپ، نەشر قىلىشنى يولغا قويدى. بۇ، ئەلۋەتتە، جاپالىق، ئەمما ئىنتايىن ئالىيجاناب ئىش. چۈنكى بۇ يەردىكى ئاھالە ئاساسىي جەھەتتىن كىرىل يېزىقىنى تونۇغانلىقتىن ئۇلار شۇ يېزىقتىكى كىتابلارنى كۈتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹ئىز›، ‹ئويغانغان زېمىن› رومانلىرى بۇ، ئەلۋەتتە، خەلقىمىزنىڭ ئۆچمەس تارىخ سەھىپىلىرىنى يورۇتىدىغان، بۈگۈنمۇ كىتابخانلىرىمىزنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە، ئەركىنلىككە ئۈندەيدىغان ئۆلمەس ئەسەرلەردۇر».
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1944-يىلى پارتلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ بېسىمى ئاستىدا 1945-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1946-يىلى شائىرنىڭ «يۈرەك مۇڭلىرى» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىدۇ. 1949-يىلدىن باشلاپ شائىر ئاساسەن تەرجىمانلىق، تەتقىقاتچىلىق، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق پائالىيىتى، شۇنداقلا چەتئەل تىللىرىنى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئەدىب 1979-يىلدىن 1984-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يازغۇچىنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زەمىن» ناملىق تارىخىي رومانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ زور ئىنكاسقا ئىگە بولغان. مەشھۇر ئالىم، شائىر ۋە يازغۇچى، تەرجىمان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995-يىلى 72 يېشىدا ھاياتتىن ئۆتتى.