قىرغىزىستانلىق ۋە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بىشكەك شەھىرىدە ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

9-نويابىردا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتىكى «ئارزۇ» رېستورانىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت بېشى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەرھۇم ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى.

بىر گۇرۇپپا قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مۇراسىمغا ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنى ياخشى بىلگەن يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى شۇنداقلا زىيالىيلار، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشتى.

مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى نۇرمۇھەممەت بايئاخۇنوف ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيۇشتۇرغان كۆپلىگەن مۇراسىملارغىمۇ ئۆزىنىڭ مەسلىھەتلىرى ۋە ئەمەلىي ئىشلىرى بىلەن ياردەم قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنىڭ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى، بولۇپمۇ ئىككى مەملىكەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر يىغىندا سۆزگە چىققان قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموف، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف ۋە باشقىلار قىرغىزىستان ھەمدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، مەتبۇئاتىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇلار يەنە مىللىي مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشىدىكى رولى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قېلىپلىشىپ قالغان مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇئات، ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قايتا جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ ئۆز تىلى، مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا زور ئۇتۇقلار قازىنىۋاتقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ئۆگىنىدىغان، تەجرىبە ئالىدىغان كۆپ نەرسىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سۆزگە چىققانلار ئارىسىدا قازاقىستاندىكى «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت فوندىنىڭ مۇدىرى، دۇنيا تۈركىي خەلقلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى كارلىن مەخپىروف ئۇيغۇرلارلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ دۇنيادا بىردىن-بىر «ئۇيغۇر» نېمە بىلەن نەشر قىلىنىۋاتقان، قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىراجەت بىلەن تەمىنلىنىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

كارلىن مەخپىروف مەرھۇم ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنىڭ ھايات ۋاقتىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى مۇشتەرىلىرىنىڭ سانىنى 20 مىڭغا يەتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى، ھازىر قازاقىستاندا مۇشۇ مەقسەتتە جاي-جايلاردا مەخسۇس مۇشتەرى توپلاش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، بۇ ھەرىكەتكە يىگىت باشلىرى، يۇرت ئاكتىپلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭمۇ جەلپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن قازاقىستاندا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس مەرھۇم ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. بۈگۈنكى مەرىكىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۇق. ئۇنىڭدا ئۇنىڭ قانچىلىك مىللەتپەرۋەرلىكىنى، ۋىجدانلىقىنى، مېھماندوستلۇقىنى ئەسكە ئېلىپ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۆۋرۈك تۈزۈپ، ئىككى مەملىكەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭ ئىشلىرى ھېچ قاچان ئۇنتۇلمايدۇ. مەن ئويلايمەنكى، بىزنىڭ ياشلار بۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇمايدىغان بولىدۇ.»

بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمنىڭ ئاساسىي ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئۆمەرجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى كۆپ ئىكەن. ئۇ يېقىندا مۇشۇ مەقسەت بىلەن بىر گۇرۇپپا قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ قەبرىسىنى، 1918-يىلىدىكى «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ يالدامىسىنى، يەنى سوۋېت قىزىل ئەسكەرلىرى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغان يەرلەرنى، قەھرىمان قىز نۇزۇگۇم ماكان ئەتكەن ئۆڭكۈرلەرنى ۋە باشقىمۇ تارىخىي يادىكارلىقلارنى كۆرۈپ، قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز شەھەر كۆرۈش ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاندا قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قايتتۇق. بىزنىڭ بۇ يەردىكى ياشلىرىمىز بۇ زىيارەتتىن كۆزىنى ئاچتى. بىز ئۇلارغا كۆرسەتتۇق. قازاقىستاندىكى ياشلارنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۆم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتۇق. ھازىر ئىشلار يۈرۈشۈۋاتىدۇ، ئەمدى ئاياللارمۇ بىزنى ئاپارساڭلار دەۋاتىدۇ.»

ئۆمەرجان ھەمرايېف ئوتتۇرا ئاسىيادا پەقەت قازاقىستاندىلا ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ، مىللىي مائارىپنىڭ، تىياتىرىنىڭ، مەتبۇئاتىنىڭ، ئەدەبىياتنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياشلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەش مەقسىتىدە بەزى ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز 19 بالىنى ۋەتەندە ئوقۇتۇپ كەلدۇق. شۇ يەردىكى بىر ئۇسسۇلچى قىزىمىز: ‹ئاكا، بۇ قىزلىرىڭىز ئۇسسۇل ئويناشنى بىلىدىكەن، بىراق مىللىي پۇراق، يەنى ئۇيغۇرچە پۇراق يوق› دېگەن ئىدى. قازاقىستان بىزدىن تۆت-بەش قەدەم ئالدىدا كېتىپ بارىدۇ. مۇشۇلاردىن ئۈلگە ئالايلى. ئابدۇرېشىت بىلەن بۇ ھەقتە كۆپ مەقسەتلىرىمىز بار ئىدى.»

ئۆمەرجان ھەمرايېف جۇمھۇرىيەتلىك باش يىگىت بېشى لاۋازىمىغا كەلگەن يارمۇھەممەت كىبىروفنىڭمۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ ئۈلگۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىككى مەملىكەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەشتە جەزمەن ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنىڭ ئىشىنى داۋام قىلىدىغىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىم ئاخىرىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف 100 دانە گېزىتنى قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلارغا تاپشۇردى. سۆزگە چىققان ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئۇنىڭ ئوغلى ئەنۋەر، ئاكىسى، تونۇلغان ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ۋە باشقىلار مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.