ئەنقەرەدە شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ تۇركچە شېئىرلىرى توپلىمى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ «سەسسىزلىگىن ھېكايىسى» يەنى «جىمجىتلىقنىڭ ھېكايىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 5-ماي كۈنى تۈرك ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەنىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتكە بېغىشلاپ شېئىر كېچىسى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى، خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى مەھمەت ئۆز ئەپەندى يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتنى چەكلىگەنلىكىنى بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي 21-ئەسىردە ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىز بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. ئىلىم ئادەملىرى، سەنئەتچىلەر، تەپەككۇر قىلغان كىشىلەرنى خىتاي تېررورچى ئېلان قىلىۋاتىدۇ، كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئىلىم ئادىمى تۈرمىدە، جازا لاگېرلىرىدا، مەن بۇ مەسىلىنى ھەممە يەردە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىۋاتىمەن، داۋاملىق بۇ ھەقتە پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بىزنىڭ تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 90 ئەتراپىدا شۆبىمىز بار. بۇ شۆبىلىرىمىزمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا. بۈگۈن بۇ يەردە شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ‹جىمجىتلىقنىڭ ھېكايىسى› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تونۇشتۇرۇلماقچى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ناخشا ئۇسسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بۇلارمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئويلايمەن».

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتكە بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن شېئىر كېچىلىكىدە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى مەھمەت ئۆز ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتكە بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن شېئىر كېچىلىكىدە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى مەھمەت ئۆز ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.

شېئىر كېچىسىدە ئالدى بىلەن كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئامىنە ۋاھىت خانىم شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئەنقەرەدىكى «ئومجا» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ، مەزكۇر 97 بەتلىك كىتابقا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدنىڭ2015-يىلىدىن تارتىپ يازغان 75 شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ شېئىرلاردا ئاساسلىقى ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش، ئۇيغۇر مىللىتى تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملەر ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ھازىرغىچە ۋاپات بولغان شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى باھالاپ، ئۇلار توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ بۈگۈنگىچە كەلدۇق. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۈگۈنكى دەۋردىكى بىزگە مىراس قالغان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شائىر، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ۋەتەندە بىرگە خىزمەت قىلغان زىيالىيلار، يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇرمە ۋە لاگېرلارغا تاشلىنىپتۇ. ئۇلار ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ بۇرۇن يازغان ئەسەرلىرىنى قوغداپ قېلىشمۇ مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھازىر ھەممىمىز ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن بىر ئىش قىلساق دەۋاتىمىز. بەزىلەر سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ خىل ئەدەبىي ئىجادىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. مەنچە بۇ خىل ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر».

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتكە بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن شېئىر كېچىلىكىدە ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ناخشا، ساز پروگراممىلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتكە بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن شېئىر كېچىلىكىدە ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ناخشا، ساز پروگراممىلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.

ئامىنە ۋاھىت خانىم سۆزىدە مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ ۋەتەندىكى ۋاقتىدا ‹تارىم، تەڭرىتاغ، خىتاي مۇسۇلمانلىرى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى، شىنجاڭ ياشلىرى› قاتارلىق تونۇلغان بەزى گېزىت-ژۇرناللاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ۋە 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ياپونىيەلىك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچى كاۋوباتى ياسورانىڭ ‹ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال› ناملىق رومانىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. ‹ئانامنىڭ ئەسلىمىسى› ناملىق بىر ماقالىلەر توپلىمى، ‹سەرسان روھ› ناملىق شېئىرلار توپلىمى، داڭلىق ناخشىچى مۇزىكانت كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان ‹كۈرەش ئۆلمەيدۇ› ناملىق كىتابى، 20-ئەسىردىكى مۇھىم ئىنقىلابچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ خانىمى ئامىنە بۇغرانىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان ‹تارىخ ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال› ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى. بۇلاردىن سىرت ۋەتەندە تۇتقۇندىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللاپ شىۋېتچىگە تەرجىمە قىلىپ ‹كېچە› نامىدىكى كىتابىنى نەشر قىلدۇردى. بۇلاردىن سىرت ‹تىلسىز قۇشلار› ناملىق كىتاب بىلەن ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنغان ‹تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى› ناملىق كىتابلاردىمۇ ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ئورۇن ئالدى. مانا ئەمدى بۈگۈن بۇ يەردە بىز تونۇشتۇرۇۋاتقان ‹جىمجىتلىقنىڭ ھېكايىسى› ناملىق كىتابى تۇنجى قېتىم تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابى ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمسىنىڭ باش كاتىپى، شىۋېتسىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسىدۇر».

كېيىن، ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر كىتابتا ئورۇن ئالغان شېئىرلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شېئىرلىرىممۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ شېئىرلىرىمدا نېمىلەر ئىپادىلەنگەن؟ نېمىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟ دېگەندە ۋەتەندە يازغان شېئىرلىرىمدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش، سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت بايان قىلىنغانىدى. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى شېئىرلىرىمدا بولسا ھەسرەت، سېغىنىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يەنى ھەسرەت دېگىنىمىزدە ۋەتەنگە بولغان ھەسرەت، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش. شېئىرلىم ھەمدە بىر ئىنتىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا كۆڭلىمىزدىكى ۋەتەننىڭ ئوبرازى، ئاتا-ئانىلىرىمغا بولغان سۆيگۈ قاتارلىق كەڭ ھېس تۇيغۇلارغا مەركەزلەشكەن».

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى 2017-يىلىدىن كېيىن يازغان شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «2017-يىلىدىن كېيىن يازغان شېئىرلىرىمدا بولسا، ۋەتىنىمىزدە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي، سىياسىي زۇلۇم ۋە خەلقىمىزنىڭ روھىي ھالەتلىرى، بىزنىڭ ئىچىمىزدىن قايناپ چىقىۋاتقان غەزەپ-نەپرەت قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ».

كېيىن يەنە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى «جىمجىتلىقنىڭ ھېكايىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلاردىن تاللاپ دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. ئارقىدىن ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر ياش ئۆتكۈر بىلەن قاھار «دىل كۈيى، كۆركەم تەڭرىتاغ» ناملىق مۇزىكىنى تەمبۈر ۋە داپ بىلەن ئورۇنلاپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا قاھار «پەتنۇس ئۇسسۇلىنى» ئورۇنلىدى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى1967-يىلى كۇچادا دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق چاغلىرىنى غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 1982-يىلى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۇچاغا قايتقان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان 2003. -يىلى شىۋېتسىيەگە چىققۇچە ئۈرۈمچىدە 13 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.