قازاقىستانلىق ئابدۇۋاھاپ ھاكىم: «تاغام ئابدۇخېلىل ھاشىم كۈنەس تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن، ئۇرۇق-تۇغقانلار خەۋەر يەتكۈزۈشكىمۇ چارىسىز»

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن تىجارەتچى ئابدۇۋاھاپ ھاكىمنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى تاغىسى - تۆمۈر سودىگىرى ئابدۇخېلىل ھاشىم 2‏-ماي كۈنى كۈنەستىكى يېڭى تۈرمىدە جان ئۈزگەن. ئابدۇۋاھاپنىڭ دىيىشىچە، ئۇ بۇ ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر قاناللىرى ئارقىلىق ئىگىلىگەن. ئەمما ئۇنىڭ غۇلجادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئابدۇخېلىلنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرەلمىگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفوىنىنى قوبۇل قىلغان كۈنەس ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى ئالاقىدار خادىملار ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىمۇ ئىنكار قىلمىدى.

قازاقىستان ۋەتەدىشى ئابدۇۋاھاپ ھاكىم ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇر قاناللىرى ئارقىلىق كۈنەستىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان تاغىسى ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ2-ماي كۈنى تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن ئابدۇخېلىل ھاشىم غۇلجا شەھەر تۆپىچى مەھەللىدىن بولۇپ، ئۇ 2017‏-يىلى لاگېرغا ئەكىتىلگەن ۋە 2019-يىلنىڭ ئاخىرى 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇۋاھاپ بۇ ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىپ ۋە ئۈندىداردا سۆز قالدۇرۇپ، تاغىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا بەزىدە كۈندە، بەزىدە ھەپتىدە بىر سۆزلىشىپ تۇرۇۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ قېتىم تېلېفوننى ھېچقايسىسى ئالمىغان ۋە ئۈندىداردىكى سوئالىغا جاۋاپ قايتۇرمىغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستلىق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن يېقىنقى كۈنلەردە غۇلجا شەھەر تۆپىچى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەردىن تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ياكى جەسىتىنى سوراپ تېلېفون قىلغان ياكىقىلمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر ئىلتىماسنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭغا ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ 2-ماي كۈنى جان ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگىنىمىزدىن كېيىنلا، ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقى، بۇ خىل سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئابدۇۋاھاپ ھاكىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ بۇ ئۇچۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدكى قارادۆڭ ساقچىخانىسى ۋە قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ باققان بولسىمۇ، تېلېفونى قوبۇل قىلىنمىغان. ئۇ دائىرىلەردىن ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بۇ ھەقتە جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن يەنە باشقا قاناللىرى ئارىلىق كۈنەسنىڭ ئۆزىدىن ئەھۋال سۈرۈشتە قىلغۇزغان. بۇ قېتىممۇ يەنىلا ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ۋە ھەتتا ئابدۇخېلىلنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆيىگە ئانچەمۇنچە-پەتىچىلەرنىڭمئۇ كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمىمۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرەلمىدى.

ئابدۇۋاھاپنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇېخېلىل ھاشىمنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى كوچا خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتكەن. ئۇ تۆنۈگۈندىن باشلاپ ئۆيىدە پەتچىلەرنى كۈتىۋېلىشقا باشلىغان.

كۈنەستە تۈرمىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىمئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا بۇنىڭغا پەقەت تۈرمە سىياسىي بۆلۈمىنىڭلا جاۋاپ بېرەلەيدىغالىقىنى بىلدۈردى ۋە ئابدۇخېلىلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىنكار قىلىمىدى.

بىز ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالدىنقى يىلى بىر خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. شۇ خەۋىرىمىزدە قەيت قىلىنىشىچە، 3 بالىنىڭ ئاتىسى بولغان ئابدۇخېلىل ھاشىم شاڭخەيدە 20 يىلچە تىجارەت قىلغان، كېيىنكى مەزگىللەردە قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقئارا تۆمۈر سودىسى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئىكەن.