كارخانىچى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت سىچۈەنلىكلەرگە 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپمۇ سىياسىي تارىخىدىكى «قارا چېكىت» نى يوقىتالمىغان

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، «قىزىل تۆگە بىيو-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت 2008‏-يىلى سىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان سىچۈەنلىكلەرگە 120 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان. ئەمما 2017-يىلى لاگېرغا تۇتقۇن باشلانغاندا ئۇنىڭ بۇ ھىممىتى نەزەرگە ئېلىنمىغان. ئەكسىچە ئۇنىڭ 1990‏-يىللاردىكى 3 يىللىق سىياسىي مەھبۇسلۇق ھاياتى ئەستە تۇتۇلۇپ، سابىق مەھبۇسلار قاتارىدا ئەڭ باشتا تۇتقۇن قىلىنغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 2011‏-يىللىق 5-‏سانىدا ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت تونۇشتۇرۇلغان. «يول مۇنداقمۇ ئېچىلىدۇ» ماۋزۇلۇق بۇ خەۋەردە تونۇشتۇرۇلىشىچە، 1974‏-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ياپچان يېزىسىدىكى چەت بىر كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت بالىلىق مەزگىللىرىدە ھويلىسىدىكى باغنىڭ مېۋىلىرىنى يول بويىغا ئېلىپ چىقىپ سېتىش بىلەن تىجارەت سېپىگە ئاتلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇرتى ياپچاننىڭ مىۋىسىنى قەشقەرگە، قەشقەرنىڭ مېۋىسىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ گۈلىقاق سودىگىرىگە ئايلانغان. ئۇ 1990‏-يىللارنىڭ ئاخىرى قەشقەردە «ئىستانبۇل تاللا بازىرى» نى ئېچىپ، تىجارىتىنى گۈلقاقچىلىقتىن يىمەك-ئىچمەك سودىسىغا كېڭەيتكەن. 2003‏-يىلغا كەلگەندە ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ قىزىل تۆگە بيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ، تىجارىتىنى يىمەك-ئىچمەك سېتىشتىن ئىشلەپچىقىرىشقا كېڭەيتكەن ۋە ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە 100 مو، يەنى 60000 كۇۋادىرات مېتىر يەر سېلىۋېتىپ، شىركەتنىڭ زاۋۇتىنى بەرپا قىلغان.

تور ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، مەزكۇر شىركەت 2013 ‏-يىلى «چىمبۇلاق» تور بېكتىدە شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلگەن.
«شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىدا تونۇشتۇرۇلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىكى زاۋۇتى ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپ «كەۋسەر» ماركىسىدا كولا ئىشلەپچىقارغان. ئاندىن «قىزىل تۆگە»، «ياۋا تۆگە»، «يۇرتۇم»، «كۈچلەن» قاتارلىق داڭلىق ماركىلاردا يۈز خىلغا يېقىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان. كۆپىنچىسى ئالىي مەلۇماتلىق 100 گە يېقىن خادىمى بولغان بۇ شىركەت 2006‏-يىلى 6‏-ئايدا جوڭگۇ ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جوڭگۇدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان 28 كارخانىنىڭ بىرى» دېگەن نامغا، شۇ يىلى 7‏-ئايدا خىتايدىكى مەملىكەتلىك ئىشەنچىلىك كارخانىچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جوڭگۇنىڭ ئا-دەرىجىلىك ئىشەنچلىك كاراخانسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 2007‏-يىلى 9‏-ئايدا خەلقئارا يېشىل مەھسۇلات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.

مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمىدە سۆز قىلغان ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت شىركەت بۇ پەللىگگە كەلگىچە كۆپلىگەن داۋانلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، ئەمما بۇ داۋانلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت قەشقەردە تونۇلغان دىنىي زات - سىدىق خەلپىتىم جەمەتىدىن بولۇپ، ئۇ 1993‏-يىلى ۋە 1997‏-يىللىرى ئىككى قېتىم 17 ئاي ۋە 3 يىللىقتىن كېسىلگەن ۋە جازا مۇددىتىنى تولۇق ئۆتىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ سودا تىجارىتىنى مانا مۇشۇ داۋانلارنى ھالقىپ، بىر نۇقتىلىق ئائىلە باشتىن كەچۈرىدىغان بارلىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ داۋام قىلغان.

ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت «چىمبۇلاق» تورىدىكى مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمىدا بۇ شىركەتنىڭ يۈز يىللىقىنىڭمۇ خاتىرىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مانا مۇشۇ ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولسا كېرەك، ئۇ خەير-ساخۋەت ئىشلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقلىرىغىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان. «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدىكى مەزكۇر ماقالىدا دېيىلىشىچە، ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت 2008 ‏-يىلى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان سىچۈەنلىكلەرگە 120 مىڭ يۈەن ياردەم قىلغان. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا 2017‏-يىلى لاگېرغا ئادەم توپلاشتا ئۇ ئەڭ باشتىكى قاتاردا تۇتقۇن قىلىنغان. دائىرىلەر ئۇنىڭ سىچۈەنگە قىلغان ياردىمىنىمۇ نەزەرگىمۇ ئالمىغان. پەقەت ئۇنىڭ سىياسىي مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ئەستە تۇتۇپ، ئۇنى سابىق مەھبۇسلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ‏2017‏-يىلىدىكى تۇتۇلۇشىدا نامەلۇم سەۋەپ بىلەن 3 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت 2018‏-يىلى 2‏-ئايدا «دىنىي ئەسەبىيلىككە رىغبەتلەندۈرۈش» ئەيىبلمىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان.