مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈز يىللىق تارىخى داۋامىدا كۆپلىگەن يازغۇچىلار يېتىلىپ چىقتى، ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي مۇھىتىدا تەربىيىلەندى، چېنىقتى. 70 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سوۋېت ئىدېئولوگىيەسى ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىنى بەلگىلىگەن ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان بۇ ئەلدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار بەزىدە ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلسە، بەزىدە سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭغا قارىماي، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات ساھەسى ۋەكىللىرى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمۇ جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى ئەينەن تەسۋىرلەشكە، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئوچۇق يورۇتۇشقا تىرىشتى. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ پروزا، پويېزىيە ۋە دراماتۇرگىيە ئوخشاش ئاساسىي ساھەلىرىدە قەلەم تەۋرەتكەن يازغۇچىلار ماۋزۇلارنى، ژانېرلارنى، ئوبرازلارنى، خاراكتېرلەرنى تاللاشتا ئۆزلىرىنىڭ تالانتىغا، تەژرىبىسىگە تاياندى.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرىكى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلسا، بەزىلىرى ھەر خىل بىلىم دەرگاھلىرىدا ئوقۇپ، يېڭى كەسىپلەرنى ئىگىلىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تالانتلىق يازغۇچىلارمۇ يېتىلىپ چىقتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرىك ئەسەرلىرى بىلەن بۇ ئەلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن بېيىشىغا، ئۇنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشتى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق بېساغاش يېزىسىدا ياشايدىغان ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوفتۇر.
ئابدۇخالىق ماھمۇدوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 15 يىللىق ئۆمرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەنلىكىنى، دەسلەپتە غۇلجانىڭ جېلىليۈزىدە 7-سىنىپقىچە ئوقۇپ، ئاندىن غۇلجادا بىر يىل داۋامىدا مالىيە بوغالتىرلىق ئوقۇشىدا بىلىم ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ، قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىش سەۋەبىنى مۇنداق دەپ بايان قىلدى: «1962-يىلى غۇلجادىكى ماي ۋەقەسىگە بېشىدىن ئاخىرىغىچە قاتناشتۇق. شۇ ۋاقتىدا مەن 14 ياشتا. كېيىن شۇنىڭ تەسىرىدىن بىر يىلدىن كېيىن شۇنىڭغا قاتاناشقانلارنى تۇتۇش باشلاندى. شۇ چاغدا مېنىڭ سپىسكام بىزنىڭ رايونغا چىقىپتۇ. شۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ياققا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇ ئەستىن چىقمايدىغان ۋەقە. بۇ يەردە ئىككىنچى بىر مەسىلە بار. جېلىليۈزىدىن غۇلجاغا كەلگەندە بىر يىگىتنىڭ يىغلاپ، سۆزلەپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۇ ئادەم مىللىي ئارمىيەدە بولغان ئىكەن. ‹مەن نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم؟ ھەممىسى بىر تىيىن بوپ كەتتى. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز باي مەملىكەت. ئۇنىڭ پۈتكۈل بايلىقىنى خىتاي يەپ كېتىۋاتىدۇ› دەپ ئۇزاق سۆزلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەندە ۋەتەنگە بولغان ھېسسىياتىم تېخىمۇ ئۇلغايدى.»
ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەزگىلىدە شېئىر يېزىشقا قىزىقىپ يۈرگەنلىكىنى، قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، چونجا يېزىسىدا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مەكتەپنىڭ تام گېزىتىدە بىر قاتار ھەجۋىي شېئىرلىرىنىڭ داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ يازغۇچى بولۇپ تەربىيىلىنىشىدە ئىككى ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئوقۇۋاتقاندا ئۇيغۇر ناھىيىسىدە ‹ئىلى گېزىتى› بار ئىدى. شۇ يەردە ناسىر ھەسەن دېگەن ئىجادكار ئىشلەتتى. بىر-ئىككى شېئىرىمنى ئوقۇپ، ماڭا قاراپ، ‹ئۇكام، يېزىۋېرىڭ› دېدى. كېيىن شۇ شېئىرىمغا 50 پىرسەنت ئۆزى قوشۇپ، گېزىتقا چىقىرىپتۇ. شۇ چاغدا بېشىم ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ناسىر ئاكا كېيىن ماڭا ئۇستازلىق قىلدى. مېنىڭ بىرىنچى ئۇستازىم شۇ بولدى. تاشكەنتتە ئوقۇغاندا داۋۇت تۇرئەخمەتوف دېگەن بىر ياخشى شائىر بولغان ئىدى. رادىيودا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىدىم. ئۇ شۇنداق بىر كەمتار، سەمىمىي كىشى ئىدى. ناسىر ھەسەن بىلەن داۋۇت تۇرئەخمەتوف مېنىڭ ھەقىقىي ئۇستازلىرىم.»
ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنىڭ بىر قاتار شېئىرلىرى ناھىيەلىك ۋە جۇمھۇرىيەتلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇردى. كېيىنكى يىللىرى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ھەجۋىيە ژانىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەشكە باشلىدى. «ھاياتتا بولىدىغان قالايمىقانچىلىقلارنى، بەزىدە قانۇن بىلەن جازالانمايدىغان نەرسىلەرنى تاللاپ، ئويلاپ، ئادەملەرنىڭ ئېسىدا قالىدىغان كۈلكىلىك قىلىپ، ھەجۋىيلەرنى يېزىپ يۈردۈم. ئۇلار ناھىيەلىك گېزىتتە كۆپرەك نەشر قىلىندى. 1969-يىلى بىرىنچى توپلىمىمنى ‹جازۇشى› نەشرىياتىغا تاپشۇردۇم. لېكىن شۇ دەۋرلەردە كىتاب چىقىرىش يا گېزىتتە ماقالە، شېئىر چىقىرىش خۇددى بىر تاغنى ئاغدۇرۇۋەتكەندەك بىر ئىش بولۇپ كېتىدىغان. بىر يىلدا بىرلا شېئىرىم ‹كوممۇنىزم تۇغى› گېزىتىدە بېسىلاتتى. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى، داۋۇت تۇرئەخمەتوف ۋە ناسىر ھەسەندىن باشقا مەن ئۆزۈمگە ياردەم بەرگەن ئادەمنى كۆرمىدىم.»
ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنىڭ پىكرىچە، ھەر قانداق بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىدە ۋەتەن ماۋزۇسى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىشى لازىمكەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەتەن تەقدىرى، ئازادلىق، مۇستەقىللىق قەدرىيەتلىرى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ئابدۇخالىق ماھمۇدوف مۇنداق دېدى: «مەن بېشىدا ئىجدىمنى ۋەتەن توغرىلىق باشلىغان. ھازىرمۇ شۇ. مەن ۋەتەن توغرىلىق ئالاھىدە بىر كىتاب چىقارمىدىم. بىراق ۋەتەن توغرىلىق شېئىرلىرىم بار. ۋەتەن، مىللەت ماۋزۇسى ئىژادىمدا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ تەبىئىي نەرسە. چۈنكى مىللەتنى سۆيۈش ئۈچۈن شۇ مىللەتكە، تۇغۇلغان يۇرتۇڭغا بولغان مۇھەببىتىڭ كېرەك. مىللەتكە بولغان كۆيۈمچانلىق كېرەك.»
ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان چوڭ شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ناھايىتى كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى، ياش ئىجادكارلار بولسىمۇ، ئۇلار ئالدىدىمۇ بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئۇيغۇرلارنىڭ پات يېقىندا ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ، ۋەتەن ئازادلىقىنى، خەلقىنىڭ بەختىنى كۆرىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلدى.
0:00 / 0:00