96 ياشلىق ئابىدىن داموللامنىڭ ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى قايراق كەنتىدىكى مەھەللە مەسچىتىدە 30 يىلچە ئىمامەتچىلىك قىلغان ۋە ئۆمرىنى دىنىي ئىلىم بويىچە بالا تەربىيەلەشكە ئاتىغان ئابدىن داموللام 2017-يىلى 6-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە 2-ئاينىڭ 5-كۈنى جان ئۈزگەن. تۈرمە دائىرىلىرى، مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى ئىككى كۈن مۇزلىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ساقچى ئىدارىسى مېيىتنى ئائىلىسىگە بەرمەستىنلا مەلۇم بىر زاراتگاھلىققا دەپنە قىلىۋەتكەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مارىيە مۇھەممەد خانىمنىڭ ئۆتكەن ھەپتە فېيسبۇك ھېسابىدا ئۇچۇر قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ئاتۇشتا جازا ئۆتەۋاتقان 96 ياشلىق چوڭ دادىسى ئابىدىن داموللام، مۇشۇ ئاينىڭ 5 ‏-كۈنى تۈرمىدە جان ئۈزگەن ۋە مېيىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمىغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى، تۈرمىگە تاشلانغان دىنىي زاتلار ئارىسىدا ئابىدىن داموللام ئىسىملىك بىرسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ يېقىندا ۋاپات بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەرھۇمنىڭ نەۋرىلىرىدىن مارىيە خانىمنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ قايراق كەنتىدە 30 يىل ئىمامەتچىلىك قىلغان ئابىدىن داموللام، ھاياتىنى ياش-ئۆسمۈرلەرنى دىنىي ئىلىم بويىچە تەربىيەلەشكە سەرپ قىلغان. خىتاينىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە ئېغىر دەرىجىدە كۈرەشكە تارتىلغان ئابىدىن داموللام، كېيىنكى يىللاردا بىر نۆۋەت قاماققا ئېلىنىپ يەنە بىر مەزگىل رىيازەت چەككەن. 2017-يىلى 5-ئايدا، يەنى 89 يېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىم، ئابىدىن داموللامنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ مېيىتنى ئىككى كۈن توڭلىتىپ ساقلىغاندىن كېيىن، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى، ساقچى ئىدارىسىنىڭ بولسا، مېيىتنى ئائىلىسىگە تاپشۇرماستىنلا دەپنە قىلىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇشتا 2018 ‏-يىلى 5 لاگېر ۋە بىر چوڭ تۈرمە بار بولۇپ، بۇ تۈرمە ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىغا جايلاشقان ئىكەن. ئاغۇ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى، ئابىدىن داموللامنىڭ مېيىتىنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ دائىرىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىدى. ئۇنىڭ جاۋابىدىن بىئارام بولغان مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى تېلېفوننى تارتىپ ئېلىپ ئېلىپ، بۇ تەپسىلاتلارنىڭ «مەخپىيەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتىمىزگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، 96 ياشلىق ئابىدىن داموللامنىڭ ئاتۇشنىڭ ئاغۇ تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى ۋە بۇنىڭ دەلىللەنگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردۇق.