شائىر ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

تۇتقۇندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋە پېداگوكلاردىن بىرى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىدۇر. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مائارىپ ئىنستىتۇتى ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇنىڭ يۇرتى لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل يېزا ساقچى خادىمى شائىرنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە تۇمشۇق تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

تور ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شائىر ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» تېمىسىدا ياقىلىغان. بۇ تېمىنىڭ مۇھىملىقى ۋە سەزگۈرلۈكىنىڭ ئۆزىلا، شائىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتە تارقالغان ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا رادىيومىزغا كەلگەن بىر يازما ئىنكاستا قەيت قىلىنىشىچە، شائىر ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئىقتىسادىي ئاڭ ۋە تەرەققىيات» ۋە «ئساپات ۋە ماغزاپ» قاتارلىق بىر تۈركۈم ماقاللىرى سەۋەبلىك، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش باشقارمىسى خادىمى، «ئابلەت ئابدۇرېشىت خىزمەت ئورنىدا بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت دەپ بىرىنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكىنىمىزدىن كېيىن، بۇ ھەقتە مەكتەپ مەمۇرىيەت ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما مەمۇرىيەت خادىملىرى ئابلەت ئابدۇرېشىت ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى.

شائىرنىڭ چەتئەلدىكى كەسىپداشلىرىدىن ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر ئالغان، ئەمما جازا مۇددىتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن.

بىز شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتوتىغا قايتا تېلېفون قىلىپ، ئابلەت ئابدۇرېشىت ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى، ئابلەت ئابدۇرېشىت ئىسىملىك بىر ئۇتقۇچىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. بىز ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكىنىمىزدە، بۇنداق بىر تېمىدا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىنكاسچى ھۈسەنجان ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ئابلەت ئابدۇرىشىتتەك ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ساھەدە تەڭ مېۋە بەرگەن ياراملىق بىر قەلەمكەشنىڭ ئامان قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ؛ بۇ ھەقتە شائىرنىڭ يۇرتى بولغان لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ ئېنىق بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سامپۇل يېزىلىق ساقچى خادىمى، شائىر ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ ئاتا‏-ئانىسىنىڭ سامپۇل يېزا ئايدىڭكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابلەت ئابدۇرېشىت «مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى» سەۋەبلىك «مۇقىملىققا تەھدىت» دەپ قارىلىپ كېسىۋېتىلگەن.

يەنە تور ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللاردا بايان قىلىنىشىچە، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى 2014- ۋە 2016-يىللىرى ئارىسىدا ئىسرائىلىيەدە ئىككى يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان. مەزكۇر ساقچى خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ، شائىرنىڭ «مۇقىملىققا تەھدىت» دەپ قارىلىشىدا يازغان ماقالە ۋە سۆزلىگەن لېكسىيەلىرىدىن باشقا، چەتئەلگە چىققانلىقىمۇ بىر سەۋەب بولغان. مەزكۇر ساقچى خادىمى شائىر ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە تۇمشۇق تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

يۇقىرىدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتېسنتى، شائىر ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.