ئەدەبىيات ئىشقىدىن تۈرمە كامېرىغىچە: كەسىپداشلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى (2)

0:00 / 0:00

ئىسرائىلىيەدە ئىككى يىل ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا ئ‍بۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە، «شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى» دىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىدىغانلىقىنى يادىدىن چىقارمىغان ئابلەت ئابدۇرېشىد بەرقىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «سىياسىي» تېمىلاردا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشىنى ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى توغرا چۈشەنگەن. چۈنكى ئۇلار «سىياسىيغا ئارىلاشقان ياكى سىياسىي تېمىلاردا سۆزلەپ يۈرگەن كىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھۇجۇم نىشانى قىلىدۇ» دېگەن چۈشەنچىنى ھەرقاچان كۈچكە ئىگە، دەپ ئويلىغان. ئەمما ئابلەتنىڭ قايتىپ كېتىپ تۇتقۇنغا ئايلىنىپ كېتىشى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «سىياسىي بولمىغان» بىلىملىك ئۇيغۇرنىڭمۇ ئوخشاشلا «خەتەرلىك» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئۇلارغا نامايان قىلىپ بەرگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئابلەتنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى كەسىپداشلىرىدىن بولغان تاڭ دەنخوڭ مۇنداق دەيدۇ.

«ئەمەلىيەتتە ئابلەت بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرگە خېلى بۇرۇنلا ئۇچرىغانىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ بىر خىتاي دوستى بار ئىكەن. ئابلەت بىر قېتىم خىزمەت ئىشى بىلەن بېيجىڭغا بارغاندا ئاشۇ خىتاي دوستى ئۇنى خېلى ياخشى بىر مۇسۇلمانچە رېستوراندا مېھمان قىلىپتۇ. ئابلەتنىڭ يۈزىنى دەپ بۇ خىتاي يەنە ئۆزىنىڭ بىرنەچچە دوستىنىمۇ سورۇنغا چاقىرغانىكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى پۇل تاپقان بىر سودىگەر خىتاي سورۇن يېرىم بولغاندا ‹قېنى ئەمىسە، مەن ماۋۇ كاۋاپچى (ياڭرۇچۇەن) بىلەن بىر قەدەھ سوقۇشتۇراي! › دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابلەت چاچراپ تۇرۇپ: ‹ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە! ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى كاۋاپچى ئەمەس. مەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى› دەپتۇ. يەنە بىر قېتىم ئۇ ئىچكىرىگە يىغىنغا بارغاندا جېڭجۇدىكى مېھمانخانا خادىملىرى ئۇنىڭ كىملىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ياتاق بېرىشنى رەت قىلىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىلىرىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ پايدىسى بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كېچە يول بويىدىكى ئورمانلىقتا تۈنەپ چىقىپتۇ. ئۇ قايتىدىغان كۈنىسى مەن بىلەن خوشلىشىۋېتىپ ماڭا بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىمدا ئۇنداق ئۆتكۈر سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك تەكلىپىنى بەردى. يەنە بېيجىڭغا بارغاندا ئۆسەر (Tsering Woeser) بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى، كۆرۈشەلىسە ئۇنىڭغىمۇ ‹مىللىي ئۆچمەنلىك›كە سەۋەب بولۇپ قالىدىغان يازمىلارنى ئېلان قىلماسلىق ھەققىدە پىكىر بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.».

ئابلەت ئابدۇرېشىد بەرقىنىڭ ئۆز شېئىرىدا ئېيتقاندەك ئۇنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى ئۆزلۈك تەسۋىرىدىن ئۇنىڭ خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور نىمرود بارانوۋىچ ئابلەتنى تولۇق بولمىسىمۇ خېلىلا ياخشى چۈشەنگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادتا بولۇشى ۋە سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە دوست بولمىغان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولۇشى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا تەسىر يەتكۈزمىگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دېيۋىد مۇنداق دەيدۇ. .

«ئابلەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدىكى شائىرلىق بىلەن زىيالىيلىقنىڭ بىرگەۋدىلىشىشى، دېسەممۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە بەك كۆپ ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭدىكى يۇمۇر تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا چوڭ ھاڭ قالمىغان ئىدى. گەرچە مەن بىر يەھۇدىي، ئۇ بىر مۇسۇلمانلار توپىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى بولسىمۇ ئوتتۇرىمىزدا بەكلا يېقىن مۇناسىۋەت بار ئىدى. بەلكىم بىزنىڭ قەدىمكى پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، مەسىلەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام، ياقۇب ئەلەيھىسسالام قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بىر كىشى بولۇشى مۇھىم سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئاشۇ ۋاقىتلاردا بىز كۆپ مەسىلىلەرنى سۆزلىشەتتۇق ۋە كۆپ كۈلىشەتتۇق. شۇڭا ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى، مېنىڭ يەھۇدىي بولۇشۇم بىزنىڭ دوستلۇقىمىزغا قىلچىلىكمۇ تەسىر يەتكۈزمىگەن. بىز ئوتتۇرا شەرقتىكى دىنىي توقۇنۇشلار ھەققىدە تەرەپ تۇتقان ھالدا زىددىيەتلىشىپ قالمىغان. ئەكسىچە، بىز ئىنسان بولۇشنىڭ ھەممىدىنمۇ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدۇق. شۇڭا ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەر بىز ئۈچۈن دىنىي ۋە مىللىي مەسىلىلەردىنمۇ بەكرەك سالماققا ئىگە ئىدى.»

دەرۋەقە ئابلەت خىتايدىكى بۇ خىل ئاشكارا ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان ھادىىسىلەرنى ئەينى ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ بېيجىڭدا يېزىلغان خىتايچە شېئىرلىرىدا ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىر قېتىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنىمۇ ئىشارە قىلغانىدى.

«مەن ئاي دالادا تۈنەيمەن،

چۈنكى مەن مېھمانخانىنى ئايايمەن،

تېگىپ كەتسەم كىرلىكلىرى كۆيۈپ كېتەرمىش،

جۈمەكلىرى بۇزۇلۇپ قالارمىش.

ئايرودرومدا يالاڭغىداق مېڭىشىمغا بۇيرۇيدۇ،

قورقمايمەن، چۈنكى مەن يالاڭغىداق قوي بېقىپ چوڭ بولغان،

گۈل-گىياھلار يالاڭغىداق تاپانلىرىمنى ئەزىزلەيدۇ،

ماڭا ئۇنداق شۈبھىلىك تىكىلمەڭلار،

مېنى شىنجاڭدىن كەلگەن دەپ،

پالتا-پىچاقلار ئاشخانىدا قالغان،

ساقچىلارنىڭ قولىدىكى ئاپتوماتلاردىن،

كۆرگەنمەن ھەقىقىي قورالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى.»

ئەمما تاڭ دەنخوڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئابلەت ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى تاماملاپ ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىش ئالدىدا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئېغىر پېشكەللىككە ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتقان. شۇنداقلا بۇنىڭ بەلكىم ئايرودرومدىلا يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شۇ يەردىلا سوراق قىلىنىپ ئېغىر دۇمبا يېيىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا تاڭ دەنخوڭ ئۇنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى تەتقىقات ئىشلىرىغا دائىر بىر يازما ئىسپات ئېلىۋالماقچى بولغانلىقىغا ھەيران قالمىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا تاڭ دەنخوڭ مۇنداق دەيدۇ.

«بەلكىم مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ قويۇشنى ئويلىدىمۇ، بىلمىدىم. ئابلەت شۇ ۋاقىتتا يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن مېنى ۋە دېيۋىدنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەنلىرىدىن تۇرسام مەن قانداق خىتايغا بارالايتتىم؟ بىز شۇ ۋاقىتتا بۇ توغرىسىدا ئاز-تولا چاقچاق قىلىشتۇق. ئەمما مەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان شائىر، ئەدەبىياتشۇناس، دوكتۇر، ئوقۇتقۇچى دېگەندەك ھەممىلا سۈپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى پاسپورت بەرگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىي ئۆز ئايىغى بىلەن قايتىپ كەلسە ئۇ نېمە دەپ تۇتقۇن قىلىنغۇدەك، دەپ ئويلىغان ئىدىم. دېگەندەك ئۇ قايتىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئابلەتنىڭ غايىب بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. كېيىنچە بىر دوستۇم ئۇنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك ئۇچۇرنى يەتكۈزدى. ئاڭغىچە لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكىرى ئ‍ۆلكىلەرگە يۆتكەپ مېڭىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئ‍ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ ۋاقىتتا ئابلەت مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. دائىم ‹ئاشۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى يۆتكىگەن پويىزدا ئابلەتمۇ بار بولغىيمىدى؟ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى توشۇغان ئاشۇ پويىزلار بىلەن ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىي تۇتقۇنلارنى يۆتكىگەن پويىزلارنىڭ قانداق پەرقى بار بولغىيتتى؟› دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئويلاپ كۆرسەم ئۇ پويىزلارنىڭ بىر پەرقى ئۇلارنىڭ سۈرئىتى بولسا كېرەك. يەھۇدىيلار بېسىلغان پويىز ئىرغاڭلاپ ئاستا سۈرئەتتە ماڭغىنىچە ھەممىلا جاينى كۆمۈر ئىسىغا تولدۇرۇپ ئۆتكەن بولسا، 21-ئەسىردە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بېسىلغان پويىزلار زامانىۋى پەن-تېخنىكىلار سەپلەنگەنلىكتىن پۈتۈن مۇساپىنى يەھۇدىيلاردىن نەچچە ھەسسە تېز تاماملىغان. يەنە ئويلاپ قالىمەن: ئاشۇ پويىزلارنىڭ پىشانىسىغىمۇ ‹ئىناق پويىز›، ‹گۈللەنگەن پويىز› دېگەندەك شوئارلار پويىز نامى قىلىپ ئېسىلغانمىدۇ؟»

ئابلەت ئابدۇرېشىد بەرقىنىڭ مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئوخشاش سىياسىي باستۇرۇشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە سۆز بولغاندا دېيۋىد ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بەكلا ئېچىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئابلەتنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. .

«بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. ئۇنى ھېلىھەم ھايات بولسىكەن، دەپ ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە ئابلەت روھىي جەھەتتىن خېلىلا پىشقان. شۇڭا ئۇنى ھاياتلا بولسا لاگېرلاردىكى تىراگېدىيەگە تولغان بۇ قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. يەنە بىر ياقتىن ئەنسىرەيدىغىنىم بولسا ئۇنىڭ يۇغۇرى قان بېسىمى بولغانلىقى ئ‍ۈچۈن ئابلەت شۇ ۋاقىتلاردىلا ھەر كۈنى بۇنىڭ دورىسىنى يەيتتى. لاگېرلاردىكى تېببىي داۋالاش شارائىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىز ئاڭلاۋاتىمىز. شۇڭا بۇ جەھەتتە مەن بەكلا ئەنسىرەيمەن. ئەمما بۇ ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس. مەسىلىنىڭ چوڭى ئابلەتنىڭ ئەركىنلىكىدۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەدە تەتقىقات بىلەن ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى رەسمىي كۆرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ بۇ خىل ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە ئەمەس، يىراقتىكى ئىسرائىلىيەدە تېتىغان ئىكەن. بىر قېتىم ئۇ ماڭا ‹ئىسرائىلىيە پۇقرالىقىدىكى ئەرەبلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەركىنلىكنىڭ بىر پىرسەنتى ئۇيغۇرلاردا بولغان بولسىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى جەننەتكە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلاركەن› دېگەن. بۇ يەردە ھېچكىم ئ‍ۇنى نازارەت قىلمايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا نېمىنى سۆزلەش ياكى ئويلاش ياكى يېزىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيدۇ. ئەمدى لاگېرلاردىكى سانسىزلىغان مەجبۇرلىنىشلار ھەققىدە بىز كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق. قىزىل ناخشىلار، سىياسىي مېڭە يۇيۇشلار ھازىر ھەممىگە مەلۇم پاكىتلارغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا ئابلەتنىڭ تېزرەك ئەركىنلىككە چىقىشىنى، شۇنىڭدەك لاگېرلارغا قامالغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشىنى تىلەيمەن.»

كېيىنچە ئابلەتنىڭ خىتايچە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم شېئىرلىرىدا ئۆز بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خېلى بۇرۇنلا ئويلانغانلىقى ئەمدىلىكتە تەخمىن قىلىنىشقا باشلىدى. شۇ شېئىرلىرىنىڭ بىرىدە ئابلەت «ئۇيغۇر بولۇش» نىڭ خەتىرى ھەققىدە ئالاھىدە پۇرىتىپ ئۆتكەن ئىدى.

«ھەر كۈنى بايقايمەن،

تۈنۈگۈنگە ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىمنى،

بارالمايدىغان يەرلىرىم خېلى بار ئىكەن،

دېيەلمەيدىغان گەپلىرىممۇ ئاز ئەمەسكەن،

ئىشلىتەلمەيدىغان تالانتىممۇ خېلى بار ئىكەن.

ھەر كۈنى بايقايمەن،

ئەسلىدە بۇ تەققى-تۇرقتا تۇغۇلمىسام بولارىكەن،

بۇ تىلدا سۆزلىمەيدىغان ئىنسان بولسام بولغانىكەن،

بۇ ئېتىقادتىمۇ بولماسلىقىم كېرەك ئىكەن.»

ئابلەت دۇچ كەلگەن قىسمەت ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» قالپىقىنى كىيىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سىياسىي» بولغان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئەكسىچە «سىياسىيدىن خالىي» بولغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىشىدەك تەبىئىتىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەردى. خەلقئارادىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەگە بىلىنىشىگە ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور دىيۋىد بارانوۋىچ مۇنداق دەيدۇ.

«ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلىسەم، مەن بىر يەھۇدىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرگەنمەن. چۈنكى ماڭا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقىلى 20 يىل بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىم شۇ بولدىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى ۋە جاھان كۆرگەنلىرى يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ئىجابىي قاراشتا. ئۇلار يەھۇدىيلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش زۇلۇمغا ۋە ئېزىلىشكە ئۇچرىغان بىر قوۋم، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك يەھۇدىيلارنىڭ مىڭ يىللاپ تىرىشىپ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزلىرىنىڭ يوقاتقان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىدەك مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە، دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى مائارىپتىن مەھرۇم قالغانلىرى بولسا دىنىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ يەھۇدىيلارغا سەلبىي كۆزدە قارايدىكەن. مەن تۇرپانغا بارغان ۋاقتىمدا يېزىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار مېنىڭ كىملىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ‹ۋوي بۇ جوھۇتكەن! › دېيىشىپ ماڭا شۇنداق تەرزدە قارىغان. ھازىر بولسا ئىسلام دۇنياسى تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئوخشىمىغان خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئ‍وتتۇرىغا چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە. بۇمۇ بەك ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ قان-ياشلىق تارىخىدا ئەسىرلەر بويى ئېزىلگەن يەھۇدىيلار ھازىر ئۆز بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە.»

تاڭ دەنخوڭ ئۆزىنىڭ كەسىپتىكى ئەڭ يېقىن دوستى قاتارىدا كۆرۈپ كەلگەن ئابلەت ئابدۇرېشىد بەرقى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر ئۇزۇن ئەسلىمە يېزىپ چىققان ھەمدە بۇنى ئاۋۋال خىتايچە، كېيىنرەك ئىنگلىزچە ئېلان قىلدۇرغان. شۇ ئەسلىمىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئابلەتكە بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە مەرھۇم ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رۇبائىيلىرىنى خاتىمە ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.

ئۈمىد پەرقلەندۈرەر بىزنى شەيتاندىن،

ئۈمىدسىز-شەيتان ئىمىش بىنەسىپ جاندىن،

مەڭگۈلۈك زۇلمەتتە قالماس بۇ ۋەتەن،

ئۈمىدنى ئۈزمىگىن سەن سۈبھى تاڭدىن.