1980-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيا تارىخى دەرسلىكىدە سۆزلىنىدىغان «بوستوندىكى چاي تۆكۈش ۋەقەسى» ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى ھېلىھەم ئەسلىيەلەيدۇ. ئامېرىكا تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ۋەقەدە بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق مۇستەملىكە رايونلىرىدىن ئېلىپ كەلگەن چايلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يەنە بىر مۇستەملىكە رايونى بولغان ئامېرىكا زېمىنىدا باجسىز سېتىشى، 13 شىتاتتىكى ھەق ۋە ھوقۇق دەۋاگەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئەركىنلىك ئوغلانلىرى» تەشكىلاتىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئۇلار بۇ خىل باجسىز سودىنىڭ داۋام قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 1773-يىلى 16-دېكابىر كۈنى بوستون شەھىرىدە نامايىش قىلغان. ئارقىدىنلا قېنى قىزىپ كەتكەن نامايىشچىلار بوستون پىرىستانىغا توختىتىپ قويۇلغان چاي توشۇغۇچى پاراخوتلارغا يامىشىپ چىققان ھەمدە غايەت زور ساندىكى ساندۇقلۇق چايلارنى دېڭىزغا تۆكۈۋەتكەن.
«بوستوندىكى چاي تۆكۈش ۋەقەسى» دىن ئىلھاملىنىپ قوزغالغان ئامېرىكا ئىنقىلابى شۇ ۋاقىتتىكى 13 شىتاتنىڭ بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىقىشى ۋە مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلىشى، ئاخىرىدا بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئامېرىكانىڭ «ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى» نامىدىكى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشىغا يول ئاچقان. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، يەنى 1776-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى ئىنقىلاپ غەلىبە قىلىپ، «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» جاكارلانغان ھەمدە مۇستەقىل ئامېرىكا دۆلىتى رەسمىي ھالدا دۇنياغا كەلگەن.
ئەنە شۇ ۋەقەلەردىن ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى خاراكتېر جەھەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر «چاي ۋەقەسى» ئۇيغۇر دىيارىدا تەدرىجى ھالدا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان ئىدى. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئالدىنقى 30-40 يىلدا ئىزچىل ئىچىپ كەلگەن ھەمدە «قارا چاي» ياكى «كېسەك چاي» نامى بىلەن تونۇلغان چايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا شۇ قەدەر سىڭىپ كېتىشى، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ چاينى سېلىپ تەييارلىغان «ئەتكەن چاي» نى ئىچىپ شاما چاينىمىغان كۈنى چاي خۇمارىنى باسالماس بولۇپ قالىدىغانلىقى، بۇ چاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايەت زور بازار مۇھىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇ چايلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى چاي زاۋۇتلىرى ھەر يىلى بۇ بازاردىن غايەت زور پايدا ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ چاينى خىتايلارنىڭ قەتئىي ئىچمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى، تىبەت، ئىچكىي موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىلا سېتىلىدىغانلىقى بىر قىسىم كىشىلەردە ھەيرانلىق پەيدا قىلغان ئىدى. ئەمما 1994-يىلى تۇنجى بولۇپ بىر قىسىم ئۇيغۇر مويسپىتلىرى بۇ چايلارنىڭ تازىلىق ئۆلچىمى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەۋى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا شۇ ۋاقىتلاردىكى «قارا چاينى بايقۇت قىلىش» ھەركىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىلىرىدىن بىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر چاي بازىرىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەبىبۇللا ئىزچى شۇ ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتىدۇ.
مەرھۇم ئۇيغۇر زىيالىسى نىزامىدىن ھۆسەيىننىڭ بىۋاستە رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پىدائىلىرى «كېسەك چاينى پاش قىلىش» ھەركىتىگە ئاتلانغاندا ئابلەت ئابدۇرىشىد بەرقىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغان. يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتتا «كېسەك چاي» نىڭ خىمىيەۋى تەركىبى ھەققىدىكى ئىلمىي دوكلاتنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشىمۇ بۇنىڭ توغرا پىكىر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر ياقتىن ۋاستىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ھەبىبىۇللا ئىزچى بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.
ماددىي ئىسپاتلار تولۇق توپلانغان ئەھۋالدا ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى ئۆزىنىىڭ يېزىقچىلىقتىكى تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ «قارا چاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شاللاش ئېڭى» تېمىسىدا بىر ئوبزور ماقالىسى يېزىپ چققان. يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە نەشر قىلىنىۋاتقان خىتايچە گېزىت-ژورناللاردا بىر قىسىم خىتاي ئاپتورلار «كېسەك چاي» نىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ھەققىدە ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى زور غۇلغۇلا قوزغاۋاتقاندا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە كەڭ تارقالغان. ھەبىبۇللا ئىزچى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر پېشقەدەملىرى ۋە زىيالىلىرى باشلىغان «قارا چاينى بايقۇت قىلىش» ھەركىتى تېزلا ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، «كېسەك چاي» نى بازاردىن سىقىپ چقارغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر چاي تىجارىتىگە كەڭ مەيدان ئېچىلغان. بۇ ئومۇمىي يۈزلىنىش بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ساراسىمگە سېلىپ قويغان. شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭ باشقا ئىجتىمائىي ھەركەتلەرگە «تۇترۇق» بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش مەقسىدىدە تېزدىن بۇ ھەركەتكە «رەددىيە بېرىش» كە ئۆتكەن. شۇنداقلا ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى «گۇمانلىق شەخس» بولۇپ رويخەتكە ئېلىنغان. ھەبىبۇللا شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئەنە شۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىنىڭ پاسپورت ئېلىشى ئون-يىگىرمە يىلغا سوزۇلغان ئىكەن. 2017-يىلى ئۇ ئىسرائىلىيەدىن قايتىش ئالدىدا ئايالى ۋە بالىسىنىڭ پاسپورتى ئالىقاچان يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئابلەتنىڭ دوكتۇر-ئاشتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇلارغا چەت ئەلنى كۆرسىتىش ئارزۇسى ئۈزېل-كېسىل بەربات بولغان. يەنە كېلىپ ئابلەتنىڭ چەت ئەلدە بولۇشى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر «گۆرۈگە ئېلىنغان» ھېساپتا ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ تۈگىمەس سوراقلىرىدىن خالىي بولالمىغان. بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولغان ئابلەت «ۋەتەندىكىلەرنىڭمۇ بىزگە ئېھتىياجى بار» دېگەن قارىشىدا چىڭ تۇرغىنىچە، دوستلىرىنىڭ چەت ئەلدە قېلىش ھەققىدىكى شۇنچە كۈچلۈك تەۋسىيەلىرىنى رەت قىلىپ ئۈرۈمچىگە قايتقان. تىراگېدىيە ئەنە شۇنداق باشلانغان.