تونۇلغان تارىخچى ئابلەت كامالوف قازاقىستاندا «ئەڭ ياخشى ئىلمىي خادىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2023.02.03
mukapatlash-1.jpg ئالمۇتادىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىملارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 3-فېۋرال.
RFA/Oyghan

3-فېۋرالدا ئالمۇتادىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كونسېرت زالىدا ئالىملارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستاننىڭ پەن ۋە ئالىي بىلىم مىنىستىرى ساياسات نۇربېك ھەر خىل دەرىجىدىكى مۇكاپات ساھىبلىرىغا گۇۋاھنامىلىرىنى تاپشۇردى. ئۇلار ئىچىدە «ئەڭ ياخشى ئىلمىي خادىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوفمۇ بار.

ھەر يىللىق «ئەڭ ياخشى ئىلمىي خادىم» مۇكاپىتىنى تاپشۇرۇش قائىدىلىرى 2021-يىلى 2-نويابىردە تەسىس قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر قائىدىلەر مەملىكەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدا تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات پەن-تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سالماقلىق تۆھپە قوشقان ئالىملارنى، ئىلمىي خادىملارنى رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە ئېلان قىلىنغان مۇسابىقە كومىسسىيەسىگە يەتتە ساھە بويىچە 468 كىشى ئىلتىماس سۇنغان. شۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت 50 ئادەم تاللاۋېلىنغان. مۇكاپاتنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليون 126 مىڭ تەڭگىنى، يەنى 13 مىڭ 317 دوللارنى تەشكىل قىلىدۇ.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان مىنىستىر ساياسات نۇربېك پرېزىدېنتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىلىم ساھەسىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاشقا سەرپ قىلىنىدىغان خىراجەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 58 مىليارد تەڭگە ئاجرىتىلغان بولسا، بۇ يىلغا 158 مىليارد، كېلەر يىلغا 245 مىليارد، 2025-يىلغا 245 مىليارد تەڭگە ئاجرىتىش قاراشتۇرۇلدى. يەنى ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىلىم ساھەسىگە ئومۇمەن 650 مىليارد تەڭگىگە يېقىن خىراجەت سەرپ قىلىنماقچى. ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە، ئالىملارنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈشتۇر. مۇشۇ ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىلا ئالىملارنىڭ ئىش ھەققىنى ئىككى ھەسسىگە كۆتۈرۈشنى قاراشتۇرۇۋاتىمىز. بىز شۇنداقلا ئالدىنقى قاتارلىق ئالىملارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئىشلىرىنىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن كۈچەيتىمىز. شۇنىڭدەك بولۇپمۇ ئىلىم-پەنگە ياشلارنى جەلب قىلىشقا دىققەت بۆلۈمىز.»

ئالمۇتادىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىملارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 3-فېۋرال.

ساياسات نۇربېك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يالىملارنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇلارغا يەنىمۇ چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئابلەت ئاكا كامالوفنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقە دېسەم، ئاشۇرۇپ ئېيتقان بولمايمەن. بۇ بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇنىڭ ئىسمى پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە باشقىمۇ ئەللەردە ياخشى تونۇش. ئابلەت كامالوف 350 تىن ئوشۇق ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورى، بىر نەچچىلىگەن ئىلمىي لايىھەلەرنىڭ تەشەببۇسكارى ۋە رەھبىرى. بىز ئابلەت كامالوفقا مۇنداق يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى بىلەن ئۇنىڭدىن چەكسىز پەخرلىنىمىز.»

زۇلفىيە كەرىموۋا ئابلەت كامالوفنىڭ ئاخىرىقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر قاتار ئىلمىي لايىھەلەرگە رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى، بىر قانچىلىغان خەلقارا ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى، شۇنىڭدەك مەركىزىي ئاسىيانى تەتقىق قىلىش بويىچە ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى سۈپىتىدە مەركىزىي ئاسىيانى تەتقىق قىلىۋاتقان خەلقئارا كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرىغىمۇ يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئابلەت كامالوفنىڭ 2022-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكادىكى «مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئالىم تارىخ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە ئىلمىي خادىملارنى تەييارلاشقىمۇ ئاكتىپ ئارىلاشماقتا. بۇ ساھەدىمۇ ئابلەت كامالوف چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ، ئالدىنقى يىلى ئۇ قازاقىستاننىڭ بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىنىنىڭ «ئالىي ئوقۇش ئورنىنىڭ ئىلغار ئوقۇتقۇچىسى» ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان.

ئالمۇتادىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىملارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 3-فېۋرال.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئابلەت كامالوف ئەپەندى دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىن چىققان ئەڭ ئىقتىدارلىق، ئەڭ مۇكەممەل ئىلمىي خادىملىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ مىللىتىمىز ئەڭ قىيىن كۈنلەرگە قالغان بۇ مىنۇتلاردا ئابلەت كامالوف ئەپەندى تېخىمۇ تىرىشىپ، يازغان ئەسەرلىرى بىلەن، تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بۇ چوڭ بوشلۇقنى تولتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ناھايىتى كۆپ ئەسەر يېزىپلا قالماي، بەلكى ناھايىتى كۆپ شاگىرتمۇ تەربىيەلىدى. ئابلەت كامالوف ئەپەندى ھەر بىر ماقالىسىدە، ھەر ۋاقىت بىر يېڭىلىقنى، بىر يېڭى مەزمۇننى ياكى يېڭى بىر يېڭى تەتقىقات تېمىسىنى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز ئابلەت ئەپەندىدىن پەخرلىنىمىز ۋە ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە تېخىمۇ چوڭ مۇۋاپپەقىيەتلەر تىلەيمىز.»

قازاقىستاندىكى ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فىلولوگىيەسى ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى، دوتسېنت رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق بىر ئۇتۇق زور تىرىشچانلىق بىلەن قابىلىيەتنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. ئابلەت ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئاندىن تاشكەنت شەھىرىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى ئەلا باھالاردا تاماملىغان. ئابلەت خەلقىمىزنىڭ قەدىمىي تارىخى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى تارىخى بويىچە كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى يېزىپ، ئىلىم-پەندە ئۆزىگە لايىق ھۆرمەتكە ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولدى. مۇشۇنداق يۇقۇرى سەۋىيەدە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار كۆپ ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ پەن ۋە ئالىي ئوقۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ‹ئەڭ ياخشى ئىلمىي خادىم› باھالىشىدا غالىپ چىقىشى بىز كۈتكەن نەتىجە بولدى.»

ئابلەت كامالوف 1961-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى 1963-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. ئابلەت كامالوف تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ خىتاي بۆلۈمىنى تاماملىغان. ئۇ ئۇزۇن يىللار قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە، ئاندىن قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. ئالىم «موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇر خاقانلىقى (744-840-يىللار)» ماۋزۇسىدا كاندىدات دوكتورلۇق، ئاندىن «تاڭ ئىمپېرىيەسىدىكى تۈركلەر ۋە ئىرانلىقلار (618-907-يىللار)» ماۋزۇسىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيە ياقلىغان. ھازىر ئۇ «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى» بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.