ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلەت مەخسۇت: «بۇ دۇنيادا ئادالەت بارمۇ-يوق؟» ( 1 )

0:00 / 0:00

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ كورلادىكى ئائىلىسى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى

يېقىندا ئامېرىكانىڭ «خىرىستىيان ئىلىم-پەن كۆزەتكۈچىسى» (Christian Science Monitor) ناملىق ژۇرنىلىدا «مەن ئەمەلىيەتنى بالدۇرراق ئاشكارىلىسام بوپتىكەن» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە ئامېرىكادا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ يۇرتى كورلادا خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئۇ جىيەن قىزىنىڭ «تېررورلۇققا ئائىت ماتېرىياللارنى ساقلاش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىلىشى ۋە ئىنىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ 2017-يىلى يازدا كورلاغا بارغان مەزگىلدە بېشىغا كەلگەنلەرنى ئېيتىپ بەرگەن. بىز بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن بۇ ھېكايىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىدۇق.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندى بۇندىن 20 يىل ئاۋۋال ئامېرىكادا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ ئامېرىكادا دورىگەرلىك پەنلىرى بويىچە كەسپىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلىپ قەپ قالغان.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ ئامېرىكادىكى نورمال ۋە خاتىرجەم ھاياتى 2016-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىغا كەلگەندە يۇرتىدىكى جىيەن قىزىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ ئاچىسىنىڭ قىزى بولغان مېھرىگۈل ئابلا ئەسلىدە شاڭخەيدىكى خۇاداڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتى كورلاغا قايتىپ، كورلادا بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 2016-يىلى ئۆكتەبىرگە كەلگەندە بىر كۈنى شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچى مەزگىلىدە ئىشلەتكەن كونا كومپيۇتېرىدىكى ھۆججەتلەرنى يېڭى كومپيۇتېرىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ، ئۇ ھۆججەتلەرنى «بەيدۇ» تورىنىڭ ھەقسىز بۇلۇت بوشلۇقىغا قاچىلىغان. نەتىجىدە كومپيۇتېرى ئۆچۈپ قېلىپ، ئۆزى ئەتىسى، يەنى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. ساقچىلار ئۇنى تۇتقۇن قىلغاندا ئۇنىڭ «ئەكسىلئىنقىلابىي ماتېرىيال» كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق مېھرىگۈل ئابلا ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز قويۇۋېتىلگەن.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مېھرىگۈل قويۇۋېتىلىپ بىر ئايدىن كېيىن ساقچىلار مېھرىگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پۈتۈن ئۆينى ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭ كىتاب-كومپيۇتېرلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. مېھرىگۈل ئابلا 2017-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. مېھرىگۈل ئابلانىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىلىسى كېسەلچان، پالەچ بولۇپ، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىردىن-بىر پەرزەنت ئىكەن.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندى جىيەن قىزىنىڭ قايتا تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر ئامال قىلىپ ياردەم قىلىش ئۈچۈن ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىپ خىتايغا بارغان. ئۇ شاڭخەيگە بارغاندا 6 سائەت سوراق قىلىنغان. شۇڭا ئۇ شاڭخەيدىن چىڭداۋغا بېرىپ شۇ يەردىكى «West Inn» مېھمانخانىسىدا 3 كۈن ۋەزىيەت كۆزىتىپ تۇرغان. چىڭداۋدا بىر پېشكەللىككە ئۇچرىمىغاندىن كېيىن ئاندىن 3-كۈنى كورلاغا يېتىپ كەلگەن. بىراق كورلاغا كېلىشىغىلا ساقچىلار ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈۋالغان. ئۇ شۇ كۈنى ساقچىلارغا ئەتە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆرۈشۈشكە ۋەدە بەرگەن. ئۇ ئەتىسى ئۈرۈمچىگە كېتىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نوپۇسىنى ئۆچۈرۈش ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ، كورلاغا قايتىپ كېلىشىگىلا كورلادىكى ساقچىلار ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن.

ساقچىلار ئۇنى 10 سائەت ئەتراپىدا سوراق قىلغان. يېرىم كېچە بولغاندا سوراقنى ئەتە داۋاملاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قايتىپ كېتىشىگە يول قويغان. بىراق ئۇ بىنانىڭ سىرتىغا چىققاندا بىر ماشىنا يۇقىرى سۈرەت بىلەن كېلىپ ئۇنى سوقماقچى بولغان. ئابلەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ماشىنا شوپۇرى ئۇيغۇر بولۇشى ئۇنى گۇمانغا سالغان. چۈنكى ئۇ چاغلاردا ساقچىلار كۆرگەنلا ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىدىغان ۋاقىت بولغانلىقتىن ھېچقانداق ئۇيغۇر سىرتقا چىقالمايدىغان ۋاقىتلار ئىكەن. شۇڭا بۇ ئۇيغۇر بالىنىڭ كېچىدە بىكار ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈشى مۇمكىن ئەمەسكەن.

خىتاينىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى پەملىگەن ئابلەت ئەپەندى ئامېرىكاغا قايتىش قارارىغا كەلگەن ۋە ئەتىسى جىمجىتلا يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچى - چىڭداۋ - شاڭخەي ئارقىلىق ئاخىرى ئامېرىكاغا سالامەت قايتىپ كەلگەن. بىراق ئۇ جىيەن قىزىغا ھېچقانداق ياردەم قىلالمىغان.

بەختسىز مېھرىگۈل ئابلا بولسا كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە دائىر ماتېرىيال ساقلاش» جىنايىتى بىلەن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بىز ئاڭلىتىشىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا مېھرىگۈل ئابلانىڭ ئاقىۋىتى شۇنداقلا ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ ئىنىسى قۇربانجان مەخسۇتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.