ئەدەبىيات ئىشقىدىن تۈرمە كامىرىغىچە: كەسپداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.07.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئەدەبىيات ئىشقىدىن تۈرمە كامىرىغىچە: كەسپداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى (1) تۇتقۇندىكى شائىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى ئەپەندى.
Photo: RFA

لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن تېخى تور مۇنبەرلىرىدىن ئايرىلمىغان ۋاقىتلىرىدا «چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۈچۈن تېپىلماسنىڭ خورمىسىدەك ئەتىۋارلىق» دەپ يازغان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى بولۇپ، خىتايدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 2014-يىلى تەقدىرنىڭ پۇرسەت ئىشىكلىرى ئېچىلغاندا ئىسرائىلىيەدىكى خايفا (Haifa) ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇش ئارزۇسىدا يولغا چىققان. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ پاسپورت ئالالماسلىقتەك مۈشكۈلاتىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىزتىراپلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا مەسچىت-مەسچىتلەر بويىچە «ھىجرەت» ھەققىدىكى تەبلىغلەر ھېچقانداق چەكلىمىسىز ۋە ئاشكارا سۆزلىنىۋاتقان، «ھىجرەت» كە ئاتلانغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى «ئوڭۇشلۇق» ھالدا يۈننەندىكى خىتاي چېگرىسىدىن قانۇنسىز ھالدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا پاسپورتسىز ئ‍ۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنى 2013-يىلى ئۈرۈمچىدە «تارىم» تەخەللۇسىدا خىتايچە يېزىلغان «پاناھلىق» ناملىق شېئىرىدىمۇ ئىپادىلىگەن ئىدى:

«مەن پاسپورتسىز ئىنسان،

چەت ئەلگە چىقالمايمەن،

چىقىشنىڭ يىگانە يولى ئوغرىلىقچە مېڭىش،

ئەمما قورقىمەن چېگرىدا ئېتىلىپ كېتىمەنمىكىن دەپ،

پۇلۇممۇ يوق تۆلەي دېسەم ئادەم بېدىكلىرىگە بەرگۈدەك.»

ئ‍ابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىي ئىسرائىلىيەدە ئىككى يىللىق ئىلمىي تەتقىقاتنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قايتقان ھەمدە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جەمئىيەتتىن غايىپ بولغان. ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىقى قېتىم رەسمىي يوسۇندا تىلغا ئېلىنىشى 2017-يىلى 5-يانۋار كۈنى مەزكۇر مەكتەپنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي تەستىقلىغان تەتقىقات تېمىلىرى ئىچىدە ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇقىملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىپ تەدبىرلەر» تېمىسىدىكى تەتقىقات تۈرى بارلىقى ئېيتىلغان.

ھالبۇكى، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تىزىملىكىدە ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىندى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرغا بولغان قاتتىق كونتروللۇقى تۈپەيلىدىن ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە، يەنى 2022-يىلى ئىيۇلدا ئاندىن نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلار ۋە كۆپ قېتىملىق ئۇرۇنۇشلار نەتىجىسىدە ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىنىڭ 13 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاخىرىقى يوسۇندا دەلىللەندى. خۇددى يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ۋە سەرخىللىرىغا ئارتىلغاندەك ئۇنىڭغىمۇ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «خەتەرلىك شەخس» دېگەندەك «ئەيىب» لەر ئارتىلغان ئىدى.

2000-يىللاردا ئېلان قىلغان بىر يازمىسىدا ئابلەت ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن «بەرقىي» تەخەللۇسىنى قوللانغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «بىرىنچىدىن ئىسمىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىت بىلەن ئوخشاش بولغاچقا گېزىت-ژۇرناللاردىكى ماقالىلىرىم بىر قاتار ئۇقۇشماسلىقلارغا سەۋەب بولدى؛ ئىككىنچىدىن، ‹بەرقىي› تەخەللۇسى ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت يولۇمدا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلدىم،» دېگەن ئىدى. ئەمما ئۇ بەرق ئۇردۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان قىلغان ئارزۇ-ئارمانلىرى تېخى ئەمەلگە ئاشمايلا دەسلەپ لاگېرلىق زەنجىرى، ئارقىدىن خىتاي تۈرمىسىنىڭ قاراڭغۇ كامىرلىرى ئۇنى مەھكۇملۇققا سۆرەپ كىردى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئابلەتنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە خىتايچە تور ئارخىپلىرىدا تارقالغان «ئاپتونومىيە» ماۋزۇلۇق شېئىرىدا ئېيتىلغان رېئاللىقنى قىسمەن بولسىمۇ ئەكس ئەتتۈردى:

«مەن كۆرەلمەيمەن،

خىتايلار كۆرگەن كىتابلارنى،

مەن دېيەلمەيمەن،

خىتايلار دېگەن گەپلەرنى،

مەن قىلالمايمەن،

خىتايلار قىلغان ئىشلارنى،

چۈنكى مەن شىنجاڭدا.»

ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ھەمدە ئالىقاچان خىتاي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغان بولسىمۇ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلىم ئېلىش ۋە دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئاخىرى ئىسرائىلىيەدىكى خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا كەلگەن. ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە كېلىپ تەتقىقاتچى بولۇشىغا يېقىندىن ياردەم بولغان پروفېسسور نىمرود بارانوۋىچ (Dr. Nimrod Baranovitch) بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇ 2014-يىلى ئىسرائىلىيەگە كەلگەن. مەن ئابلەتنى 2004-يىلىدىن تارتىپ بىلەتتىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كەلگەن ئىدىم. ئۇ يالغۇز مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىن تارتىپ ئۆزئارا بىلىشىدىغان دوستۇم ئىدى. بىز 2004-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندىن تارتىپ خېلى يىللارغىچە ئ‍ۆزئارا ئالاقىلىشىپ تۇرغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ئوقۇش ياكى تەتقىقات ئۈچۈن بۇ جايغا ئېلىپ كېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ باقماقچى بولدۇم. دەسلەپ بۇ ئىشلار تازا ئەپلەشمەي ئابلەت چەت ئەلگە چىقالمىدى. كېيىن مەن ئۇنىڭغا دوكتۇرئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئىلتىماسلىرىنى بىرلىكتە تەيارلاپ چىقتۇق. يەنە تەتقىقات پىلانىنى يېزىپ چىقتۇق. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشلار ئۇتۇقلۇق بولۇپ، ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات قىلىشقا بۇ يەرگە كەلدى.»

ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىينىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر رادىيومىز تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنى ئەڭ دەسلەپ ھەمبەھىرلىگۈچىلەرنىڭ بىرى ئەينى ۋاقىتتا ئابلەت بىلەن ئىسرائىلىيەدە تونۇشقان خىتاي ئۆكتىچى زىيالىلىرىنىڭ بىرى تاڭ دەنخوڭ بولدى. ئۇ يەنە ئەينى ۋاقىتتا ئابلەتنىڭ غايىپ بولغانلىقى ھەمدە كېيىنچە لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنى تۇنجى بولۇپ خىتاي ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىگەن يازغۇچى ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «سىياسىي» لىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي تالانتىبىلەن تونۇلغان ئابلەتتەك بىر زىيالىنىڭ بۇنچە ئېغىر قىسمەتكە مۇپتىلا بولۇشىنىڭ ئۆزى بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ «سىياسىي بولۇش-بولماسلىق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«بىز ئەينى ۋاقىتتا بىر دوستىمىزنىڭ باھانىسىدە تونۇشۇپ قالغان. ئۇ ئىلگىرى فېيسبۇكتا ئېلان قىلغان بەزى يازمىلىرىمنى قىزىقىپ ئوقۇغان ئىكەن. شۇڭا مېنى سىرتتىن بىلىدىكەن. مەنمۇ ئىلگىرى ئۇنىڭ توردىكى بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى كۆرگەن بولغاچقا، دوستلىرىم ماڭا ئىسرائىلىيەگە بىر ئۇيغۇر شائىرنىڭ كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مەن بۇنىڭ ئاشۇ كىشى ئىكەنلىكىنى پەملىگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىز تونۇشۇپ قالدۇق ۋە تور ئارقىلىق پاراڭلىشىپ تۇردۇق. قارىسام، ئۇ بەك ئېھتىياتچان بولۇپ، كۆپرەك ئەدەبىيات ھەققىدە سۆزلەيتتى. مەن ئۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستاندا بولغان ئىشلاردىن ‹5-ئىيۇل› ۋە ‹كۇنمىڭ پويېز ئىستانسىسىدىكى ھۇجۇم› قاتارلىقلارنى سورىغىنىمدا، ئ‍ۇنىڭ بەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ ۋاقىتتا مەن يولدىشىم بىلەن تېل ئاۋىۋ شەھرىدە، ئابلەت بولسا خايفا شەھرىدە تۇرىۋاتقان ئىدى. كېيىن بىز بىرلىكتە دالا سەيلىسى قىلىشتا ئۇچراشتۇق ۋە ئ‍ۇزۇن پاراڭلاشتۇق. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ لاگېرغا ياكى تۈرمىگە كېتىپ قالىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولغاچقا بەك دىققەت قىلىپ كەتمىگەن بولسام كېرەك، شۇ ۋاقىتتا نېمىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكىنىم بەك يادىمدا قالماپتۇ. ئەمما ئاساسلىقى بىز شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىيات ھەققىدە كۆپرەك سۆھبەتلەشكەن ئىدۇق.»

ئابلەتنىڭ خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان پروفېسسور نىمرود مۇشۇنداق بىر تالانت ئىگىسى مۇپتىلا بولغان قىسمەتتىن بەكلا ئۆكۈنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۆزى ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا ئابلەتنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى: «مېنىڭچە، ئۇنىڭ مىجەزىنى ۋە شەخسىيىتىنى بەكمۇ كەڭ تەرەپلىمە خاراكتېرگە ئىگە ئىدى، دېيىش مۇمكىن. ئۇ يەنە ناھايىتى بىلىملىك ئىدى. بەك كۆپ ساھەدىن خېلىلا چوڭقۇر دەرىجىدە خەۋەردار ئىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بىلىملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزىدە ئۇنى ئېنسىكلوپېدىيەگە ئوخشاتقۇم كېلىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ ئۇچۇرلاردىن ۋە بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشى ھەمدە ئاجايىپ كۈچلۈك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان. ئۇ نۇرغۇن ساھەگە قىزىقىدىغان بولۇپ، ھەرقاچان تىنىم تاپماي ئۆگىنەتتى. كۆپلىگەن ‹بىلىملىك› كىشىلەرگە ئوخشاش ئۇ ئۆز بىلىمىنى كۆز-كۆز قىلىپ ۋاتىلداپ يۈرمەيتتى. ئۇنىڭ ئاغزى ئوچۇق بولمىغان بىلەن كۆزى ۋە قۇلىقى ھەرقاچان ئوچۇق ئىدى، قاچان بىر يېڭى بىلىمنى بايقىسا ئۇنى دەرھال ئۆگىنىشكە، تەھلىل قىلىشقا ھەمدە ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ باقاتتى. ئەڭ ئاددىيسى ئىسرائىلىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنىمۇ ياخشى كۆزەتكەن ۋە ئۆگەنگەن ئىدى. لوگىكىلىق ھالدا مەسىلىلەرگە تەنقىد ۋە تەھلىلنى باراۋەر تەدبىقلاشنى ياخشى بىلەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ياخشى بىر تەتقىقاتچى بولۇپلا قالماستىن يەنە ياخشى بىر شائىر ئىدى. بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە بەك كۆپ ئەمەس. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا بولسا كېرەك.»

تاڭ دەنخوڭنىڭ بايقىشىچە، ئابلەت ئىسرائىلىيەدىكى تەتقىقاتىنى تامام قىلغاندىن كېيىن، چەت ئەلدە قېلىپ قېلىشنى پىلان قىلىپ چەت ئەلگە چىقمىغان. ئەكسىچە قايتىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئ‍ۈچۈن ئۇ بەزى تېمىلاردا ۋە مەسىلىلەردە ئېھتىياتچان بولغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى ئېھتىياتچانلىقى ئاقىۋەت ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھېچقانداق كېپىل بولالمىغان. ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان بىر نۇقتا 2012-يىلى شى جىنپىڭ خىتايدىكى ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن پەيدا بولغان «سىياسىي فانتازىيە» لەرگە ئابلەتنىڭ ساددىلارچە ئىشەنگەنلىكى بولغان. شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ئىچى-تېشىدا شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جوڭشۈننىڭ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىغا قەتئى قارشى تۇرغانلىقى ھەمدە شۇ سەۋەبتىن دېڭ شياۋپىڭ باشچىلىقىدىكى ئەمەلدارلار قاتلىمى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان كوچا پارىڭى ئەۋج ئالغان. بۇنىڭ بىلەن بەزىلەر «شى جىنپىڭ ئەمدى دادىسىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ خىتايدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ» دەپ ئويلىغان ۋە بۇنىڭغا ئىشەنگەن.

تاڭ دەنخوڭ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى: «ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدىكى فانتازىيەلەرگە ئىشەنگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. قارىسام ئۇ بەك ساددا ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى ئۇنچە چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەيدىغاندەك بىلىنگەن ئىدى. يەنە بىر ياقتىن ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا خېلى كۆپ كىشىلەر ئىشىنىپ قالغان شى جىنپىڭ بارلىق ھوقۇقنى قولغا مەركەزلەشتۈرگەندىن كېيىن خىتايدا دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەپسانىلەرنى بىرنەچچە يىلدىلا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغاندەك قىلاتتى. شى جىنپىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىككى يۈز يىللىق پىلاننىڭ گېپىنى قىلغان بولۇپ، بىز بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھازىر كۆرۈۋاتىمىز. يولدىشىممۇ شۇ ۋاقىتتا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئابلەت ئۆزىنىڭ بىر قىسىم خىتاي ئەدىبلىرىگە، جۈملىدىن مېنىڭ پەقەتلا خوشام يوق بولغان چىن خۇي قاتارلىق يازغۇچى-شائىرلارغا قايىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. مەن شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىمنى ۋە بۇنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىرلەر بارلىقىنى ئېيتقىنىمدا، ئۇ سۈكۈت قىلغاندەك قىلغان. ئۇ بەلكىم مەندىن ئېھتىيات قىلغان بولسا كېرەك. مەن بىر ئۆكتىچى يازغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسى مېنى چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن، ئابلەت ھەتتا ئۆزىنىڭ مەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمىغان ئىدى.»

دەرۋەقە، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتى تۈگىگەندىن كېيىن ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە قايتقان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش سەپىرىدە ئۆگەنگەنلىرىنى يۇرتىدىكىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئالدىرىغان. ئەمما كېيىنكى ئىشلار پۈتۈنلەي ئويلىمىغان يەردىن چىققان.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.