22-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سابىخە گۆكچەن ئايرودرومىدىن ماراكەش خان جەمەتى ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، غەربىي ياۋروپا ئەللىرىگە ماڭغان بىر ئۇيغۇر ياش ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىدىكى مۇھەممەت 5-خەلقئارا ئايرودرومىدا ماراكەش ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىكىم ئابلا ئىسىملىك 22 ياشلىق بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرى گېرمانىيەگە بارماقچى بولۇپ قانۇنلۇق خىتاي پاسپورتى بىلەن يولغا چىققان. ئۇنىڭ پاسپورتى قانۇنلۇق بولسىمۇ، لېكىن نېمە سەۋەبلىك تۇتۇپ قېلىنغانلىقى، قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ئەمما ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتەك بىر خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئابلىكىم ئابلانىڭ ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق نەۋرە ئاكىسى مۇساجان ھەسەن تاموژنىدا ئابلىكىمنىڭ تېلېفونى ئېلىۋېلىنغانلىقى، شۇنداقلا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، «قايتۇرىمىز» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا، ئۇيغۇرلار قايتۇرۇلسا تەن جازاسى، قاماق جازاسىغا ئۇچراش ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
مۇساجان ھەسەن 24-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نەۋرە ئىنىسىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئابلىكىمنى ئىزدەپ بارغان كىشىلەرگە ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇساجان ھەسەن مۇنداق دېدى: «تۇتۇپ قېلىنىش سەۋەبىنى بىلمىدىم، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەم ‹ئۆچىرەتكە كىرىش ئۈچۈن توسۇپ قويغان يىپ توسۇقنى ئاتلاپ ئۆتتى، شۇ سەۋەبلىك تۇتۇپ قالدى› دەپ شۇ سەۋەبنى كۆرسەتتى. گېرمانىيەگە يولغا سالىمىز، دەپ ئېلىپ ماڭغان. خىتاي پاسپورتىغا ۋىزا ئالمايدىغۇ. كاسابلانكادا تۇرۇۋاتقان بىر ئادەم بىلەن پاراڭلاشقان. شۇ ئادەمگە بىز يېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەم ‹مەن پىيادە ئايرودرومغا كەلدىم، كەلسەم ماڭا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرگىلى ئۇنىمىدى، ئۇنداق ئادەم يوق بۇ يەردە دەپ. كېيىن تېلېفون قىل، دېگەن، تېلېفون قىلسام، 22-چېسلا كەچتە ئىشلىگەن ئادەم كەچتە ئىشلەيدۇ، شۇ چاغدا بەلكىم باشقا ئۇچۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ باشقا خەۋەر بەرگىلى ئۇنىمىدى،› دەپ شۇنى دېدى. ھازىرچە ئۇنىڭدىن باشقا خەۋىرىم يوق.»
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابلىكىم ئابلانىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، كاسابلانكادىكى «5-مۇھەممەت خەلقئارا ئايرودرومى» نىڭ چېگرا ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. ئايرودرومنىڭ چېگرا ساقچى پونكىتىدىكى بىر كەچلىك نۆۋەتچى ساقچى كېيىنرەك تېلېفون قىلىشىمىزنى، بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى 2-قېتىم ئالمىدى. ئۇ ئابلىكىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر خىتاي گىراژدانىنىڭ مەزكۇر ئايرودرومدا تۇتۇپ قېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا «سىز ئايرودرومدىكى خىتاي پۇقراسىنى سوراۋاتامسىز. يەنى ئۇيغۇرنىڭ گېپىنى قىلىۋاتامسىز. بىزگە ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بېرەمسىز. . . بىزنىڭ بۇ يەر ساقچى پونكىتىنىڭ ئالاقە ئىشخانىسى، بىزدە يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچۇرى يوق. ماڭا بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن تېلېفون قىلامسىز. مەن بۇ ئادەمنى سۈرۈشتۈرۈپ باقاي. سىزنىڭ بۇ ئادەم بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار، ئۇ سىزنىڭ بالىڭىزمۇ ياكى (تۇغقىنىڭىزمۇ). . . ئۇ قەيەردىن كەلگەن، تۈركىيەدىن دېدىڭىزمۇ؟ بولىدۇ، مەن سوراپ كۆرەي بولامدۇ. بىز پەقەت ئايرودروم ساقچى پونكىتىنىڭ ئالاقە ئىشخانىسى، بۇ ئادەم ھەققىدە مېنىڭدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ماڭا قايتا تېلېفون قىلىڭ، بولامدۇ» دېدى.
مۇساجان جېلىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىكىم ئابلا 2016-يىلى تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئىكەن. مۇساجان جېلىل 2016-يىلى ئابلىكىمنى تۈركىيەگە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەتكەنلىكى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاقسۇ ئايكۆلدىكى ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇساجان جېلىل مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە 2016-يىلى 1-ئايلاردا چىققان. ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە چىققان، يەنى لاگېرلار باشلىنىشنىڭ ئالدىدا. بۇ بالا چىققان ۋاقتىدا تۈركىيەگە ۋىزا قويۇپ، پاسپورت بىلەن چىققان. ئاتا-ئانىسى بۇ بالىنىڭ ئوقۇش ئىستىكى بولغاندىن كېيىن ئوقۇسۇن، دەپ تۈركىيەگە قويۇپ قويۇپ كەتتى. كەتكەندىن كېيىن ئاتىسىنى ھېچقانداق سەۋەبسىز شۇ بالىسىنى باھانە قىلىپ 10 يىللىق كەستى. ئاتا-ئانىسى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىقتىسادى ياردەم يوق، ئوقۇيالمىدى. دەسلەپكى مەزگىلدە ئىشلەپ، چىش ياساش زاۋۇتىدا ئىشلەپ كەتتى. بۇ ئۆزىمۇ چىش دوختۇرلۇقىنى ئوقۇغان، كەسپىي چىش دوختۇرى. چىش ياساش زاۋۇتلىرىدا 3 يىلدەك ئىشلىدى. ماۋۇ يېقىندا بىرەر ئايدەك بولغان باشقا بىر ئىشقا كىرگىلى. دادىسىنىڭ ئىسمى ئابلا جېلىل، ئۇلارمۇ شۇ ئاقسۇدىن، ئاقسۇ ئايكۆلدىن. ئۇلارمۇ دېھقان ئىدى. بىز ئائىلە تىجارەتچى ئەمەستى، ھەممىسى دېھقانچىلىق قىلاتتى. ئەمما شۇ مەھەللىدە نۇقتىلىق، دەپ قارىلىدىغان دىنىي ئائىلە دېيىشكە بولىدۇ.»
مەزكۇر ۋەقە ب د ت نىڭ يىللىق يىغىنى نيۇ-يورك شەھىرىدە باشلىنىپ، ئامېرىكا 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسىنى بۇ نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە قويۇۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. بۇ نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قاتار پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرغانىدى.