بىشكەكتە 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى ۋاپات بولدى
2025.03.10

7-مارت كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى 97 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى 1928-يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1942-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «ئايدىن» مەھەللىسىدىكى مەكتەپتە بىلىم ئالغان.
1944-يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى باشلىنىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانىدى. 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى تەشكىل قىلىندى. ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى 1946-يىلىنىڭ بېشىدا مىللىي ئارمىيە سېپىگە چاقىرىلىپ غۇلجا زاپاس 2-پىيادىلەر پولكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ تاكى 1946-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە غۇلجا ئازاد نىشانلىق پىيادىلەر پولكى ئىككىنچى باتالىيون بەشىنچى روتىسىدا ماناس دەرياسىنىڭ بويىدا مۇداپىئەدە تۇردى. ئۇ، ھەرەمباغ جەڭلىرىگە ۋە خىتاي قوشۇنلىرىنى جىڭ-شىخولاردىن ماناس دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ چىقىرىش جەڭلىرىگە شاھىت بولغان جەڭچى ئىدى.
1951-1952 يىللىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساقچىلار مەكتىپىدە ئوقۇشنى تۈگىتىپ 1952-1955 يىللاردا غۇلجا شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىدە خىزمەتتە بولدى. ئۇ، 1955-يىلى ئائىلىسى بىلەن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان.
شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇراسىملىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ شۇ پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تارتقان جاپالىرى يۈرىكىدىن چىقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف ئابلىمىت بەكرىنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.
پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋدۇنوف، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىۋى تارىخىنىڭ، جۈملىدىن 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ شاھىتى ئىدى. ئۇ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۈلگە كۆرسەتكەن كىشىلەردىن ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر جامائىتى، بولۇپمۇ «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ ئاكتىپ جانكۆيەرلىرىدىن بولغانىدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف ئەپەندى ئابلىمىت بەكرى ئەپەندىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: «ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىلەرنىڭ قەھرىمانلىقى ۋە پىداكارلىقى ئۇيغۇر تارىخىدا مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ» دەپ تەكىتلىدى.
تەزىيە مۇراسىمىدىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ مېيىتى، جامائەتنىڭ ئۇزىتىشى بىلەن بىشكەك شەھىرىنىڭ شەرق يېزىسىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.