دائىرىلەر دىنىي زات ئابلىمىت ئىمىننىڭ پەرزەنتلىرىنى ئاممىۋى سورۇندا دادىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدۇرغان

0:00 / 0:00

يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا قەشقەردىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاھالىلەرنى بىر-بىرىنىڭ ئاتالمىش «خاتالىقلىرى» نى پاش قىلىشتىن باشقا يەنە ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنىڭمۇ «خاتالىقلىرى» نى پاش قىلىشقا قىستاۋاتقانلىقى ۋە ھەتتا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا يېڭىشەھەرنىڭ ئەرمۇدۇن يېزىسىدا ئۆتكەن يىلى ئېچىلغان بىر سىياسىي ئۆگىنىش يىغىندا دائىرىلەرنىڭ تۈرمىدىكى دىنىي زات ئابلىمىت ئىمىننىڭ لاگېردىكى ئوغلى ۋە قىزىنى دادىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار مەزكۇر شىكايەتتە ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇلۇشىغا دادىسىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كۆپچىلىكنى دادىسىدىن ئىبرەت ئېلىشقا دەۋەت قىلغان.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، قەشقەردە يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەر ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىنلىك سوراق ۋاقتىدا مەھەللىداشلىرى، قوشنىلىرى، دوستلىرى ياكى خىزمەتداشلىرى توغرىلىق «مەسىلە پاش قىلىش» قا قىستالغان. بۇلار ھەققىدە ھېچ نېمە دەپ بېرەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئائىلە ئەزالىرى توغرىلىق «مەسىلە پاش قىلىش» قا زورلانغان. بۇ قىستاش ۋە زورلاش بەزىدە تىل-ھاقارەت، بەزىدە تاياق-توقماق ۋە كۆپىنچە ھاللاردا ئاچ قويۇش ياكى ئۇيقۇسىز قالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن داۋام قىلغان. دائىرىلەر مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇلغان بۇ پاكىتلارغا ئاساسەن تۇتقۇن دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، لاگېرلارنى تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ كىشىلەر بىلەن تولدۇرغان بولسا، يەنە بەزى تۇتقۇنلارنى ئاممىۋى يىغىنلاردا ئۆز ئائىلە ئەزالىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، تۇتقۇنلار ئەگەر ئائىلە ئەزالىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلمىسا مۇددەتسىز كېسىۋېتىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىنغان. يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنلىرىدىكى بۇ خىل ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەرمۇدۇن يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى ئۆتكەن يىلى قوشنا كەنتتە ئېچىلغان بىر سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنىدا ئىككى نەپەر تۇتقۇننىڭ ئۆز دادىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىقى ۋە كۆپچىلىكنى دادىسىدىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، يېشى 60 تىن ھالقىغان دىنىي زات ئابلىمىت ئىمىن بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بولۇپ، ئۇ 2017‏-يىلى قانۇنسىز تەبلىغ سۆزلەش ئەيىپلىمىسى بىلەن تۇتۇلغان ۋە 7 يىللىق كېسىلگەن. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى 1 ‏-تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئابلىمىت ئىمىننىڭ بىر قىز ۋە بىر ئوغلىمۇ لاگېردا بولۇپ، ئۇلار سىياسىي ئۆگىنىشتە ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىدا دادىسىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، شىكايەت قىلغان. ئەمما مەھبۇس ئابلىمىت ئىمىننىڭ ئوغلى مەمتىمىن ئابلىمىتنىڭ كونكرېت قانداق قېيىن-قىستاققا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە ياكى ئۇنىڭغا دائىرىلەر تەرىپىدىن قانداق ۋەدىلەر بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان قاماقخانا ۋە لاگېردا كىشىلەرنىڭ يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ۋە راست ياكى يالغان «مەسىلە» دىن بىرنى پاش قىلماي تۇرۇپ، قېيىن-قىستاقتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ تورلاردا ئاشكارا تارقىتىلغان 1500 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ماتېرىياللاردىن بىرىدە لاگېرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەزمۇندا شەرھلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى: «ئۇلارنى (لاگېردىكىلەرنى) ھەقىقىي بىر خىتاي پۇقراسى قىلىپ قايتا تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈۋېتىش، نەسەب-يىلتىزىنى قىرقىۋېتىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى كېسىپ تاشلاش ۋە كېلىپ چىقىش يىلتىزىنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇلدۇرۇش زۆرۈر.»

يېڭىشەھەر ئەرمۇدۇندىكى شۇ قېتىملىق دادىسىدىن شىكايەت قىلدۇرۇش يىغىنىنىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئاشكارىلىغان يۇقىرىقى ھۆججەتتىكى چاقىرىققا ئاساسەن ئېچىلغانلىقى ۋە ياكى خىتاينىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە ئەۋجىگە چىققان سىنىپىي كۈرەش يىغىنلىرىنى تەقلىد قىلىپ ئېچىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بەزى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەرەپسىز دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرىدىن ئاشكارىلانغان يۇقىرىقىدەك بايانلار ۋە ئاخباراتتا ئاشكارىلانغان يېڭىشەھەر ئەرمۇدۇندىكىگە ئوخشاش پاكىتلارغا ئاساسەن لاگېرلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ پەقەت بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋاسىتە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.