مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان، ئون نەچچە پارچە كىتاب-يازمىلارنى يازغان ۋە تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىز ئابدۇلھەق ئەپەندى، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 73 يېشىدا تۈركىيەنىڭ تېكىرتاغ شەھىرىگە قاراشلىق چەركەسكۆي مەھەللىسىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
مەرھۇمنىڭ نەۋرە سىڭلىسى مۇنەۋەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم ئابلىز ئابدۇلھەق بۇران 1950-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش رايونىدا دۇنياغا كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى دىندار بىر ئائىلە بولۇپ، ئابلىز ئبدۇلھەق ئەپەندى ئەينى زاماندا توقسۇننىڭ قازىسى بولغان تۆمۈر قازىنىڭ نەۋرىسى ئىكەن. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن.
مەرھۇمنىڭ ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان قىسقىچە تەرجىمەھالىدا يېزىلىشىچە، ئۇ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈرۈمچى 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. ئاندىن كېيىن 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى خىمىيە فاكولتېتىىدا ئوقۇغان. 1976-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە پەن-تېخنىكا تەرجىمانلىقى قىلغان. 1980-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ خىمىيە فاكولتىتېدا لېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. 1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە تيەنجىن نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكولتىتېدا بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ 1989-يىلى 19-مايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قاتنىشىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە كېيىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن، بىراق ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

ئابلىز ئابدۇلھەق ئەپەندى 1993-يىلى قازاقىستانغا چىقىپ، ئۇ يەردىن 1994-يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئۇ ئىستانبۇلغا كەلگەندىن بۇيان، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن نەزەرىيەۋىي جەھەتتىن ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ۋە ئەسەرلەرنى يازغان ھەم تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان. 1996-يىلىدىن بۇيان، ئىستانبۇل سۇ ئىدارىسىنىڭ ھامىدىيە بۇلاق سۇ شىركىتىدە لابورانت بولۇپ ئىشلىگەن. 2019-يىلى كېسەللىك سەۋەبىدىن پىنسيەگە چىقىپ، ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە يېتىپ داۋالانغان.
مەرھۇمنىڭ توغقىنى مۇنەۋەر ئۆزئۇيغۇرخانىم، ئانىسىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن 2004-يىلى ئىستانبۇلدا نەۋرە ئاكسىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇچراشقانلىقىنى ۋە بىر يىلدەك ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىللە تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەرھۇمنىڭ تۇغقىنى مۇنەۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم ئابلىز ئابدۇلھەق بوران ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەتنىڭ قىزى ئامىنە بىلەن توي قىلغان ۋە بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن ئىكەن، ئەمما كېيىن ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەن ئىكەن. مۇنەۋۋەر خانىم، مەرھۇم ئابلىز ئەپەندىنىڭ شۇ قىزىنى ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈپ ئوقۇتقانلىقىنى، ئەمما قىزىنىڭ ئانىسى ۋە تۇققانلىرىنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلشى بىلەن قىزىنى ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم مەرھۇم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابلىز ئاكامنىڭ ۋاپاتى كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلدى، ئابلىز ئاكامنىڭ ھاياتى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھاياتتۇر. ئۇ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەردىن ئىدى.»
ئابلىز ئابدۇلھەق ئەپەندى تۈركىيىدە بىر تەرەپتىن خىزمەت ئىشلەش بىلەن مەشغۇل بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق يولىدا ئىزدىنىپ، بىر قانچىلىغان كىتاب ۋە ئەسەرلەرنى يازغان ھەم تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ «تەرجىمەھالىم» دېگەن يازمىسىدا، تۈركىيەدە يازغان ۋە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان كىتابلىرىنىڭ 11 پارچە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مەرھۇم تۈركىيەدە ياشىغان مەزگىللەردە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ئۇسۇلى توغرىسىدا ئىزدىنىش» (1997)، «شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئازادلىق يولى» (2000)، «شەرقىي تۈركسىتان ئازادلىق يولى تەجرىبىلىرى» (2002) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ يەنە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، ئەخەت ئەندىجانىنىڭ «جەدىتچىلىكتىن مۇستەقىللىققىچە: چەت ئەللەردە تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەشلەر» دېگەن كىتابنى، شۇنداقلا چەت ئەللىك ئاپتورلار يازغان «ناپالېئون بىئوگرافىيەسى»، «چېرچىل بىئوگرافىيەسى»، «ئادولۇف ھىتلېر بىئوگرافىيەسى»، «ك گ ب مەخپى ئارخپى» قاتارلىق كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
مەرھۇمنى يېقىندىن تونۇيدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى مەرھۇمنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتتە كىشىلەر بىلەن بەك ئارىلاشمايدىغانلىقىنى، بىراق داۋاملىق ئوقۇش، يېزىش ۋە تەپەككۇر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخىپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتنىشىپ، تەكىرداغ شەھىرىنىڭ چەركەسكۆي رايونىدا يەرلىكىگە قويغان.