بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەجرىبىلىك مۇھەررىرى، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن، مۇخمىرىمىز ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئېنىقلىدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ دەسلەپ ئۈرۈمچى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېلىنگەنلىكى ۋە بىر «يەرلىك دېلو» غا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. ئابلىز ئورخۇننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى، ئابلىز ئورخۇننىڭ چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار بىلەن ئېلىپ بارغان تەتقىقات تۈرلىرى سەۋەبلىك2010 -يىللاردىلا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئاۋارىچىلىققا ئۇچراشقا باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بىز مىللەتلەر نەشىرياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ كېسىلگەن ياكى تېخىچە كېسىلمىگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ بىر خادىمى، ئابلىز ئورخۇننىڭ يەرلىكتىكى، يەنى قومۇلدىكى بىر دېلوغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ قەيەردىكى دېلوغا چېتىشلىق بولسا، شۇ يەردە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئابلىز ئورخۇننىڭ ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۆزىنىڭ بىر بۆلۈم مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم، ئابلىز ئورخۇننىڭ قۇمۇلدىكى قايسىي قاماقخانىغا ياكى لاگېرغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئۇ يەنە ئابلىز ئورخۇننىڭ كېسىلىپ بولغان ياكى كېسىلمىگەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمىدى. بۇ سوئاللارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىـت سەزگۈر تېمىلار» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بۇ خادىم، رەسمىي بىر خەت ئالاقە بولماي تۇرۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
توردىكى بىر قىسىم ماتېرىيللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇرمەنلەردىن ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابلىز ئورخۇن خىزمەت داۋامىدا ياپونىيە ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە «چاغاتايچە مازار ھۆججەتلىرى» ناملىق مەخسۇس بىر تەتقىقات تۈرىنى تاماملىغان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ تەتقىقات تۈرى سەۋەبلىك ئەينى يىللاردا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنىڭ تەقىپ ۋە سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن ئىكەن. ئابلىز ئورخۇننىڭ «يەرلىك بىر دېلوغا چېتىلىپ قالغان» لىقىنى «بىر باھانە» دەپ كۆرسەتكەن ھۈسەنجان ئەپەندى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئومۇمى تەقدىرى، بولۇپمۇ نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئابىز ئورخۇن كېيىنكى يىللاردا «‹شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردىن تاللانما» ناملىق 6 توملۇق يۈرۈشلۈك كىتابنى ۋە نوشرۋان يائۇشېۋنىڭ «ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابىنى نەشىرگە تەييارلىغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئابلىز ئورخۇن يەنە 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم سەيدۇللا سەيپۇللايۇپنىڭ ئەسلىمىلىرىنى رەتلەپ «شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرغان ئىكەن.
يۇقۇرىدا تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېلىنگەنلىكى ۋە قۇمۇل ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.