خوتەندە دىنىي ئۆلىما ئابدۇرەئۇپ ھاجىم تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئابدۇرەئۇپ ھاجىم ئىسىملىك خوتەنلىك بىر دىنى ئۆلىمانىڭ تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولدى. مەرھۇم دىنىي ئۆلىمانىڭ ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان يېقىن سەپدىشى ئابدۇلئەزىز خەلپەت ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇرەئۇپ ھاجىم 2021 ‏-يىلى 2 ‏-ئاينىڭ 12 ‏-كۈنى خوتەندىكى تۈرمىدە ۋاپات بولغان، بىراق مەرھۇمنىڭ دىئابىت كېسىلى بار بولۇپ، ئۇ بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدىمۇ ياكى تۈرمە ئازابلىرى ياكى قىيناشلاردا ئۆلدىمۇ؟ بۇنى ئېنىق بىلمەيدىكەن. ئەمما ئۇ تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانىكەن.

بىز خوتەنگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا تىرىشقان بولساقمۇ تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ بولمىغانلىقى ۋە قىيىنلىقى تۈپەيلىدىن بۇنى سۈرۈشكە ئىمكان بولمىدى.

ئابدۇلئەزىز خەلپەت ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە مەرھۇم، 2017 ‏-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆيىدە دىنى كىتاب ساقلىغان دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ ئۆيىدىن بىرقىسىم كىتابلارنى تاپقانىكەن.

ئابدۇلئەزىز خەلپەت ھاجىم، مەرھۇمنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن سانجى تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن 3-4 ئاي ئىلگىرى خوتەندىكى تۈرمىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ ھاجىم، 2017 ‏-يىلى نويابىردا خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان ئاتاقلىق دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ دادىسىدىن دىنىي تەربىيە ئالغان ۋە خوتەن شەھىرىدە بالىلارغا دىنىي تەربىيە ۋە ئەخلاق تەربىيەسى بېرىش بىلەن جامائەت ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇنداق بالىلارغا دىنىي تەربىيە بېرىشنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئۆيىدە مەخپىي ھالدا دىنى تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئابدۇرەئۇپ ھاجىم ھەققىدە تەزىيەنامە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەزىيەنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئابدۇرئۇف ھاجىمنىڭ زالىم خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرىنى 2021 ‏-يىلى 2 ‏-ئاينىڭ 12 ‏-كۈنى جۈمە ئىنتايىن قايغۇ ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالدۇق. مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ ھاجىم ئۆمرىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىغان قەيسەر ۋە پىداكار ئۇستازلاردىن بىرى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 1993-يىلىدىن بۇيان خوتەننىڭ سىرتىغا چىقىشى چەكلەنگەن. ئۇ 2015‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 2017 ‏-يىلى قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆيىدە دىنى كىتاب ساقلىغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەرھۇم ئۇستاز 63 يېشىدا تۈرمىدە شېھىت قىلىنىپ مېيىتى ئائىلىسىگە بېرىلگەن بولسىمۇ جىنازا نامىزى ئوقۇلۇپ دەپنە قىلىنىشتىن مەھرۇم قېلىنغان. مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولۇپ، ئاللاھتىن مەرھۇمغا رەھمەت-مەغپىرەت تىلەش بىلەن بىرگە فىردەۋس جەننەتكە نائىل قىلىشىنى تىلەيمىز».

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2 ‏-ئاينىڭ 15 ‏-كۈنى مەرھۇم ئابدۇرەئۇف ھاجىم ئۈچۈن ئىستانبۇلدا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى. غايىبانە جىنازا نامىزىغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. غايىبانە جىنازا نامىزىدا مەرھۇمنىڭ يېقىن دوستى ۋە سەپدىشى ئابدۇلئەزىز خەلپەت ھاجىم سۆز قىلىپ مەرھۇمنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئابدۇلئەزىز خەلپەت ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ ھاجىم ئۇيغۇر ياشلىرىغا دىنى جەھەتتىن مەخپىي ھالدا تەلىم-تەربىيە بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بۇ جەريانىدا ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم تۇتقۇن قىلىنغانىكەن.

مەرھۇمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىدا يەنە تۈركىيەدىكى مەشھۇر دەۋەتچى ۋە دىنى ئۆلىما مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم سۆز قىلىپ، زالىم بىر ھاكىمىيەت سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقى، سانسىزلىغان ئادەملەرنىڭ لاگېر-تۈرمىلەردە ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقانلىقى، ئەمما زۇلۇمنىڭ ھېچ قاچان ئەبەدىي داۋام قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇش جەريانىدا يەنە لاگېردا قازا قىلغانلىقى خەۋىرى كەلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭمۇ غايىبانە نامىزى چۈشۈرۈلدى.

مۇھەممەد يىلدىرىم بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىسقىچە بىر بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن ھەپتە خوتەندىكى تۈرمىدە شاھادەت شەربىتى ئىچكەن دىنى ئالىم ئابدۇرەئۇپ ئابدۇلئەھەد ئۈچۈن سەفاكۆي فاتىھ جامەسىدە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدۇق. ئۇ جەريانىدا يەنە شېھىت بولغانلىق خەۋىرى كەلگەن 4 نەپەر كىشىنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى. دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بىر مىللەت يوق بولۇۋاتىدۇ ۋە بىزلەر پەقەتلا فىلىم كۆرۈۋاتقاندەك تۇرۇۋاتىمىز».

مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ ھاجىم ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلار ئېلان قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە مەرھۇمنىڭ دادىسى ۋە چوڭ دادىسىمۇ دىنىي ئۆلىمالاردىن بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا خىتاي تۈرمىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانىكەن.