ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 15 يىللىق مۇساپىسى: ئىزدىنىشلەر ۋە نەتىجىلەر

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.07.15
Uyghur-akademiyesi-rehberliri-1024 ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، ئىستانبۇل
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «قۇرۇلۇشىنىڭ 15-يىلىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ دىياسپورادىكى رولى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان 15 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مېھنەتلەر شۇنداقلا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە قاراپ چىقىلدى.

13-ئىيۇلدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، دورىگەرلىك ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس بېرىش ئۈچۈن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇر ياشلار ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر يىغىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دورىگەرلىك ئالىمى، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى: «2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 9 نەپەر ۋەتەن سۆيەر ئۇيغۇر ياش تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىدى. 15 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان بىر بالىمۇ چوڭ بولۇپ، جەمئىيەتكە قوشۇلغاندەك ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىمۇ 15 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.»

دوكتور رىشات ئابباس ئېچىلىش نۇتۇقىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش مەقسىتى، ۋەتەندىن تۈركىيەگە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش؛ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن ئىلگىرىلىشى ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشمۇ ئاكادېمىيەنىڭ مەقسىتى ئىدى.»

ئارقىدىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق سۆز قىلىپ، قۇرۇلتاي قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 15 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ كېيىنكى 7-8 يىلدىن بۇيان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىق يۈكسەك نۇقتىغا چىقتى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى مەن ھەر دائىم تەكىتلەۋاتقاندەك، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان لوندوندىكى ئۇيغۇر سوتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىشىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى غايەت زور بولدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر سوتى ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاش، يىغىش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلمىغان بولسا، ئۇيغۇر سوتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بولاتتى.»

ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 15 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە 7 دۆلەتتە شۆبىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي ۋە پىسخولوگىيەلىك بېسىملارغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتى بويىچە قەتئىي ئىرادە ۋە پىداكارانە روھ بىلەن ئىزچىل ئىلگىرىلەپ، ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا 7 تارماق شۆبىسى  قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خەلقئارالاشقان تەشكىلاتلاردىن بىرىگە ئايلاندى. ئەلۋەتتە، بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان بولمىدى، نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى بەدەللەر تۆلەندى. مەن بۇنىڭغا تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فىرانسىيە دۆلەتلىك پەن تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن 15 يىللىق مۇساپىسى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2022- يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكادىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»، 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچقان ئىدى. بۇلاردىن سىرت كۆپ قېتىم «ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاتا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» ئاچتى. ھازىر بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاتا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە داۋاملاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.