ئاقسارايىنىڭ ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان لاگېر شاھىتلىرىنى 21-سېنتەبىر كۈنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرستوفېر سىمىس ۋە ئامېرىكانىڭ سابىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى كېللىي كۇررىي خانىم ئالاھىدە يوقلىدى. كرستوفېر سىمىس ئەپەندى سۆز قىلىپ لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر قارارنامە يېزىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بىز سىلەر ئۈچۈن كۈچلۈك بولىمىز. سىلەرنىڭ بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىڭلار خەلقىڭلارغا بولغان مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئىپادىسى. ئاچلىقنىڭ قانچىلىك قېيىن ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن.» يوقىرىقى سۆزلەرنى تەكىتلىگە كرستوفېر سىمىس ئەپەندى سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى: «بىز ھۆكۈمەتكە قارارنامە سۇنىمىز. قارانامىدە ھۆكۈمىتىمىزنى مېشىل باچېلېت ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسەن ب ب ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز. پۈتۈن دۇنيا سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلارغا، كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشى كېرەك.»

ئامرىكادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت ۋە گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى ۋە بىر قىسىم پائالىيەتچلەرنىڭ بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى، 19-سېنتەبىر كۈنى باشلانغانىدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىدە ئاچلىق ۋە كىسسەللىك بىلەن ئۆلۈمگە ئېتتىرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە كرستوفېر سىمىس ۋە كېللىي كۇررىي خانىمنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن ئۈمىدلەنگەنلىكنى بىلدۈرۈشتى.
كرستوفېر سىمىس ئەپەندى لاگېر شاھىتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت جەريانىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى، خىتايغا قاراتقان تەدبىرلىرى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن يىللاردىن بىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى قولىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىۋاتىمەن. كۆپ قىسىم كىشىلەر دىققەت قىلمىدى. ھازىر ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەن پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ نۇتۇقىدا ئىرقىي قىرغىنچلىق دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىدى. قىرغىنچلىق، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش ئېلىپ بىرىلىۋاتقان لاگېرلارنى تىلغا ئالمىدى. باچېلېتنىڭ دوكلاتى مېنىڭچە خېلى كۈچلۈك، ئەسلىدە تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەك ئىدى. كۆز ئالدىمىزدا ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. سىلەر بۇنىڭ شاھىتلىرى، سىلەر ۋە ئائىلەڭلار ھازىرغىچە ئازاب چىكىۋاتىسىلەر. بىز ئاشۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاقسارايدا بۇنىڭغا قارىتا يېتەرلىك بىر ئىش قىلالمىدۇق. بىز ھۆكۈمەتنى ب ب ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ قارارنامە سۇنىمىز، لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس. بىز شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى رەزىل دىكتاتور ھاكىمىيەت ھەققىدە ھەقىقەتنى سۆزلىشىمىز كېرەك. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمز.»
كرستوفېر سىمىس ئەپەندىدىن كېيىن، كېللىي كۇررىي خانىم سۆز قىلىپ، كرستوفېر سىمىس ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋرىنمۇ ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچلىق سىياسىتى ئۈچۈن جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، لاگېر شاھىتىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق نامايىشىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باشلانغان كۈنىدىن باشلاپ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ كەلگەن. مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېر شاھىتلىرى ئەسلىدە بۇ ھەرىكەتنى 19-سېنتەبىردىن باشلاپ بەش كۈن ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان ئىكەن. ئۇ كرستوفېر سىمىس ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە ئۇلارنى يوقلاپ كېلىپ قارارنامە سۇنۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كرستوفېر سىمىس ئەپەندىنىڭ قارارنامە سۇنۇش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۈچ كۈن ئېچىدە ئىككى قېتىم ھۇشىدىن كەتكەن كەتكەن بولسىمۇ، بۇ نامايىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلغان. ئۇ كرستوفېر سىمىس ئەپەندىنىڭ قارارنامە سۇنۇش ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نەچچە كۈندىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنى ئۈنۈملۈك بولغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلفىدار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان. مىنىستىرلىق ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىغا قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچلىرىنى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان.