ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى لوندوندا ئېچىلغان «ئادەم قاچاقچىلىقى» ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىننىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى بولغان

0:00 / 0:00

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئېچىلغان يەر شارى خاراكتېرلىك لېدىرلار بىلەن ئۇچرىشىش خەلقئارالىق يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى زۇلۇم ۋە پاجىئەلەر يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ قېتىملىق يىغىندا، «ئادەم قاچاقچىلىقى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى قۇللۇق ئەمگىكى مەسىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان. بۇ قېتىملىق يىغىندا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

30-ئاۋغۇست كۈنى، لوندوندىكى ۋېستمىنىستېر مەركىزىي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2023-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك ‹ئادەم قاچاقچىلىقى› توغرىسىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك لېدىرلار يىغىنى» غا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ قاتناشقان. ئۇ، يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇلارنى خەلقئارا قانۇنلار بويىچە قوغداش توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يۈز بېرىۋاتقان «ئادەم قاچاقچىلىقى» نىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى بايقاش، ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنى قوغداشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ قېتىملىق يىغىن، «ئادەم قاچاقچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە پارلامېنتلار ئارا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسى» (ITHT) نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. روشەن ئابباس خانىم، ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى يىغىنلاردىن پەرقلىق بىر يىغىن بولغانلىقىنى، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسىيونلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇ گۇرۇپپىدىكى لېدىرلارنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك بۇ كەڭ سۇپا ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روشەن ئابباس خانىم، بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملارنى يىغىن ئەھلىگە تەپسىلىي ئاڭلاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ دوكلاتىدا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي نىكاھ، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلار مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر تېمىلارنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«2023-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك ‹ئادەم قاچاقچىلىقى› توغرىسىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك لېدىرلار يىغىنى» قاتناشقۇچىلار خاتىرە سۈرەتتە. 2023-يىلى 30-ئاۋغۇست، لوندون.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئۇگاندا، رۇمىنىيە، جەنۇبىي سۇدان، ئالبانىيە، كوسوۋو قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن 80 گە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى، قانۇن چىقارغۇچىلار، ئادۋوكاتلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، جامائەت ئەربابلىرى، شۇنداقلا ئادەم قاچاقچىلىقىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن بولۇپ 100 يېقىن كىشى قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگۈچى ئورگان بولغان «ئادەم قاچاقچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە پارلامېنتلار ئارا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى ئاننا باشام (Anne Basham) خانىممۇ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بۇ قېتىملىق يىغىندا يەر شارى بويىچە ئادەم قاچاقچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قوغداش جەھەتتە زۆرۈر چارە-تەدبىرلەرنى ئېلىش مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«بىز بۇ يىغىنغا ئاساسلىقى قانۇن چىقارغۇچىلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەكلىپ قىلدۇق. بىزنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىمىز، ئادەم قاچاقچىلىقىقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشتۇر. ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتتىكى، ھازىرغىچە ئادەم قاچاقچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار دېلوسىنىڭ 99.5 پىرسەنتى ئېنىقلانمىدى. بۇ كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ساندۇر. بىز ئەگەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 50 مىليون كىشىنىڭ قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنغانلىقىنى پەرەز قىلساق، ئۇلارنىڭ 99 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنىڭ دېلوسى ئېنىقلانمىدى. شۇڭا بىز بۇ قېتىملىق يىغىندا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشنى كۆپرەك مۇھاكىمە قىلدۇق.»

«ئادەم قاچاقچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە پارلامېنتلار ئارا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئاننا باشام خانىم، زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭمۇ بۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان يەر شارى ئادەم قاچاقچىلىقى مەسىلىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:

«بىزگە ئايانكى، ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خىتايدا قۇل ئىشچى سۈپىتىدە ئەمگەك لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلار بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا يەر شارىدىكى قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئېنىق سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشنى ئىستەيمىز. نۆۋەتتە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى شۇكى، كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ تېمىنى قانۇن تۇرغۇزغۇچىلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشتۇر. ئۇنداق قىلمىغاندا، قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار بۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. تەمىنلەش زەنجىرى دېگىنىمىز، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىدىغان بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ناھەق تۈرمىگە سولانغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە دۇنيا بازىرىدا سېتىلىشىدۇر. شۇڭا، قانۇن چىقارغۇچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىشنىڭ ئاساسىي نىشانىمۇ ھەقىقىي تۈردە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشتىن ئىبارەتتۇر.»

روشەن ئابباس خانىم يەنە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەھمىيىتى، تەسىرى ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك «ئادەم قاچاقچىلىقى توغرىسىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك لېدىرلار يىغىنى» غا ئوخشاش خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش، ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئادەم قاچاقچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە پارلامېنتلار ئارا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسى» (ITHT) 2020-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا دۇنيادىكى 6 قىتئە ۋە 25 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ئىكەن. مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا يەر شارى بويىچە ئادەم قاچاقچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر چارە-تەدبىر تۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلار بۇ قېتىملىق لوندون يىغىنى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، يەر شارى خاراكتېرلىك ئادەم قاچاقچىلىقى مەسىلىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئېنىقلاپ چىقىش نىسبىتىنى قانداق قىلغاندا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن تېمىدا كېلەر يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىننى ئېچىشنى مۇزاكىرە قىلغان.