ئۇ شۇنداق بىر ئەدىب ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2019-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Perzentliri teminligen

نۇرمۇھەممەت توختى تۈگەپ كەتتى، تىز پۈكمەس خوتەندە ئۇيغۇر! ئۇيغۇر! دەپ سوقۇۋاتقان بىر يۈرەك توختىدى، زۇلمەتلىك ۋەتەن ئاسمىنىدىن بىر ھۆرلۈك يۇلتۇزى سارقىپ كەتتى. بىز ئۇنى ئاكىمىزدەك كۆرۈپ نۇرمەمەتكام دەيتتۇق، شۇنداق دەيدىغانلاردىن بەزىمىز سىرتتا، قالغانلار بۇ مۇسىبەتتىنمۇ بىخەۋەر قارا زىندانلارغا بەند. ۋەتەندىكى تاراتقۇلاردا بۇ ئۆلۈمدىن ھېچ بىر خەۋەر يوق، يېزىلغان ھېچ بىر مەرسىيە يوق، ئەمما ئەركىن دۇنيادىكى ئاخبارات بۇ ئۆلۈمدىن لاگېردىكىلەرنى يالماۋاتقان بىر ئەجەلنىڭ بىشارىتىنى سەزدىمۇ جىددىيلەشتى. ئۇستازنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ئۇيغۇرنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئۆتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىر مىللەتنىڭ ئەجەللىك ھالىتىدىن دۇنيانى ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى ئۇستاز ئايۋاندا ئەمەس، زىندان سەۋەبلىك ئۆلدى، ئۈركۈپ كەتكەن ئەجەلنىڭ قولىدا ئەمەس، مىليونلىغان ئۇيغۇرغا ئەجەل ۋەھىمىسى سېلىۋاتقان ھۆكۈمران كۈچنىڭ زەربىسىدە جان ئۈزدى.

خۇددى يۈرىكىم تۇيغاندەك ئۈچ ئايدىن بېرى ئۇستازنى سۈرۈشتە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئاخىرى 9-ئىيۇن «نۇرمەمەت توختى ئۆلۈپ قاپتۇ» دېگەن جاۋاب كەلدى. ماڭا ئەزەلدىن ناخشىدەك لىۋەن ئاڭلىنىدىغان خوتەن شېۋىسى شۇ كۈنى ھازىدەك مۇڭلۇق ئاڭلاندى. ئۈچ كۈن سۈرۈشتە قىلدىم، خوتەندىن، ئۈرۈمچىدىن ۋە مۇھاجىرەتتىكى يېقىنلاردىن كەلگەن جاۋاب ئوخشاش، ئىشەنمەسلىككە ئامال يوق ئىدى. مېنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى 2018-يىلى نويابىردا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن يازغۇچى ھەققىدە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان يېقىن-يورۇقلارنىڭ تا ئۆلۈم خەۋىرى بولغۇچە بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمەسلىكى بولدى.

مەن ئۇستازنى پەقەت بىر قېتىملا كۆرگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان مېھرى، ئۇيغۇرلۇققا بولغان ساداقىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان ئىخلاس ۋە چىن مۇھەببەت بىلەن تولغان بايانلىرى مېنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇستازنىڭ ھەر قانداق ئىزىم ۋە ئىدېئولوگىيەلىك پەردازلاردىن خالى ئەسەرلىرى ماڭا ساپ ئەدەبىياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ روزى سايىت، ئەخمەت ئىمىن، جاپپار ئەمەت، تاھىر تالىپ قاتارلىق ئەدىب دوستلىرى ھەققىدە يازغانلىرى ماڭا دوستلۇق، ۋاپا ۋە ئەھدى-پەيمان ھەققىدە دەرس بەرگەن ئىدى. دوستلۇقنى ئەزىزلەيدىغان ئەدىب «قۇرئان» دىكى دوستلۇققا ئائىت ئايەتلەر ھەققىدە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلغان.

نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «شائىرغا كېسەل تەگكەن كۈنلەردە»، «ئۆز جىبرانىمىزغا مۇبارەك» «ئەلۋىدا، جاپپار ئاكا» دېگەن تەسىرلىك ئەسەرلىرى دوستلۇققا بېغىشلاپ يېزىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ روزى سايىتقا بېغىشلاپ يازغان «دېھقان شائىر روزى سايىت» دېگەن كىتابى بىر دوستلۇق ئابىدىسى ئىدى.

ئۇستازنىڭ قەلىمىدە يىراقتا قالغان تارىخ يېقىنلاپ، قاراڭغۇ ئۆتمۈش يورۇپ، مۈجمەل كەچمىشلەر سۈزۈلۈپ ئەينەككە ئايلانغان ئىدى. ئۇ «شاھ مەشرەپ خوتەندە»، «قوشتاغدىكى مۇشائىرە»، «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ» دېگەندەك ئالقىشلىق ھېكايىلىرى بىزگە تارىخىمىزدىكى ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سەۋەنلىكلەرنى يېشىپ بەرگەنلىكى بىلەن ئەھمىيەتلىك. مەسىلەن، شاھ مەشرەپ خوتەندە دېگەن ھېكايىدە ھەقىقەتكە ئەمەس نوپۇزغا چوقۇنۇش، بىلىمگە ئەمەس بىلىم ئەھلىگە چوقۇنۇش، كىتابقا ئەمەس مەدداھقا ئەگىشىشكە ئوخشاش نۇقسانلارنىڭ ئېچىنارلىق ئاقىۋىتىنى سەنئەتلىك تىل، قىزىقارلىق ۋەقەلىك بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ» دېگەن ھېكايىدە خوتەن كېرىيەدىكى جاھاندىن، تەرەققىياتتىن، پەندىن بىخەۋەر قارام ئىنقىلابچى ۋە ئىلىمسىز ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قانداق چاپسان ئۇتۇق قازىنىپ، قانداق پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغانلىقى يېزىلغان.

ئەدىب نۇرمۇھەممەت توختى ساپ ئەدەبىياتقا مەنسۇپ ئەسەرلىرى بىلەن سۆيۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئامانەت»، «شەھلا كۆز»، «قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا»، «چۆل ئوغلى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەر قانداق غەرب تىلىغا تەرجىمە قىلىنسا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالايدىغان ھالدا ئۇتۇقلۇق يېزىلغان. بولۇپمۇ «چۆل ئوغلى» ناملىق پوۋېستىنى دۇنياۋى يازغۇچى ئايتماتوۋنىڭ «ئاق پاراخوت» دېگەن ئەسىرىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. ئۇنىڭ «بەش تۈپ سەگۈ تېرەك»، «يېڭى قوشنا» دېگەن ھېكايىلىرى تۈزۈم پەيدا قىلغان پىرامىدىنىڭ ئاستىدا بۇلغانغان تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتلارنىڭ يونۇش، ئۇپرىتىشلىرىدا يىمىرىلىۋاتقان ئىنسان روھى ئۆزگىچە سۈرەتلىگەن.

نۇرمۇھەممەت توختى ساپ ئەدەبىيات بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەسكىن ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئەمەس، ئۇ «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» نى تەرغىب قىلىپ ئاۋام كۆنگەن، ئاددىي، ئاممىباب ئۇسلۇپتىكى ئەدەبىياتنى رەت قىلغان يازغۇچى تېخىمۇ ئەمەس. ئۇ خەلق تىلىدا «رەڭگارەڭ ئالۋاستىلار»، «خوتەندىن خەت»، «خوتەن دىھقانلىرى ۋە شائىر روزى سايىت» دېگەندەك ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يېزىپ ئۇيغۇر ھاياتىدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كىرزىسلارنى قەلەمگە ئالغان. ئۇ «رەڭگارەڭ ئالۋاستىلار» دېگەن ئەدەبىي ئاخباراتىدا 90-يىللاردا ئۇيغۇردا يامرىغان زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان. «خوتەندىن خەت» دېگەن ئەسىرىدە ئاپتور ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ھاشار مەسىلىسى، بولۇپمۇ خوتەن دىھقانلىرىغا مەجبۇرىي تېڭىلغان پىلە ئالۋىنى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ۋەيرانچىلىقلارنى ئېچىپ بەرگەن.

نۇرمۇھەممەت توختى تولىمۇ ئۈمىدۋار ئەدىب ئىدى، ئۇ مىللىتى ياراتقان زەررىچىلىك نەتىجە بولسىمۇ قەلەمگە ئالاتتى، يۇرتىمىزدىكى ئالمىدەك ئۇتۇقتىن ئالەمچە خۇشاللىق تاپاتتى. ئۇ ئۇيغۇرغا بېرىلگەن تېرىقتەك پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئەلگە خىزمەت قىلغان ھېچ بىر كىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايتتى. مىللەتكە كۈچ قوشقان ۋەزىپىدارلارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق باشقا ئەمەلدارلارغا مەدەت بېرەتتى. ئۇنىڭ «سەن بىزنى باي قىلدىڭ، خوتەن قاشتېشى»، «كىمدۇر ئۇل كۆپلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغان»، «سېكىرتارلىقتىن تېۋىپلىققىچە»، «خوتەن سەيپىدىن ئەزىزىنى ئەسلەيدۇ»، «ھاكىمنىڭ كەپىسى» دېگەن ئەسەرلىرى ئۇنىڭ شۇ خىلىدىكى ياخشى نىيەت، رىغبەت ۋە ئۈمىدۋارلىق روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان.

نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ يازغانلىرىدىن يازىدىغانلىرى كۆپ ئىدى، گەرچە ئۇنىڭ «چۆل ئوغلى»، «شەھلا كۆز»، «كۈلۈپ كۆرگەنلەر ۋە كۆرۈپ كۈلگەنلەر»، «سەن بىزنى باي قىلدىڭ، خوتەن قاشتېشى»، «قوشتاغدىكى مۇشائىرە»، «دېھقان شائىر روزى سايىت» قاتارلىق بىر قانچە كىتابى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن تېمىلار ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى.

نۇرمۇھەممەت توختى تۈگەپ كەتتى. ئۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ماتەملەرنىڭ ھازىدارى، كۈلپەتلەرنىڭ مۇڭلۇق كۈيچىسى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۈمىدلىك كەلگۈسىنىڭ بىشارەتچىسى، پارلاق ئىستىقبالىنىڭ جاكارچىسى ئىدى. ئۇ زالىمنىڭ ئالدىدا ھەقتىن تايمىغان، زۇلۇم سەۋەبلىك ئادالەتكە بولغان ئېتىقادتىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇ ئىجادىيەتلىرىنى مەزلۇم ئۇيغۇرنىڭ كۆزىدىكى ئۈمىد، چېھرىدىكى كۈلگە، قەلبىدىكى ئىشەنچنى پورەكلىتىش ئۈچۈن بېغىشلىغان ھەقىقىي ئەدىب ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت