خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» 8-مارت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئويناپ كەلگەن گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادىيان زېنزنى سوتقا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، رايوندىكى ئاتالمىش بۇ كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ قارارىنى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 8-مارت كۈنىدىكى قەرەللىك ئاخبارات يىغىنىدا بەزى سىياسىيونلارنى «ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشنى تاللىۋالدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
بىراق بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادرىيان زېنزنى تۇنجى قېتىم سوتقا بېرىدىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىشى ئەمەس. ئۇ ئۆتكەن يىلىمۇ ئۇنى سوتقا بېرىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلغان، ئەمما سوتقا ئەرز قىلىپ باقمىغانىدى. «تەڭرى تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «دەۋاگەرلەر» ئادرىيان زېنزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئاتالمىش «شىنجاڭغا ئالاقىدار ئۆسەك» تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرگەنلىكى، ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كەچۈرۈم سورىشى ۋە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
بىراق خەۋەردە، ئاتالمىش بۇ كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قايسى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ئادرىيان زېنز 9-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇنى سوتقا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەھدىتلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ «سوتقا بېرىمىز دېگەنلىرىدىن بەك بىئارام بولۇپ كەتمىگەن».
ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى: «بىراق مېنىڭچە شەخسەن مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا بىز پەقەت قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا قارايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى تەھدىت ۋە قورقۇتۇشنىڭ ھەر خىل چارىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار دەلىللەرگە ھۇجۇم قىلالمايدۇ، چۈنكى دەلىللەر ئۇلارغا قارشى. ھازىرچە ئۇلارنىڭ سوتقا بېرىمىز دېگەنلىرىگە پىسەنت قىلمايۋاتىمەن. قانداق بولۇشىغا قارايمەن، ئۇلار ئۆتكەن قېتىممۇ سوتقا بېرىمىز، دەپ تەھدىت سالغان، بىراق ھېچقانداق ئىش بولمىدى. بىز خىزمىتىمىزنى ياخشى قىلىپ، قانداق ئىشلارنى بولۇشىغا قارايمىز. ھازىرچە مەن سوتقا بېرىمىز دېگەنلىرىدىن بەك بىئارام بولۇپ كەتمىدىم».
ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنى سوتقا ئەرز قىلىش توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق تەرىپى ئېمبارگونىڭ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتلىقىدا ئىكەن. ئادرىيان زېنز، بۇ ئېمبارگونىڭ تەسىر بولۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىجابىي سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئېنىقكى، بۇ ئەرزىنى خەلقئارادا ئېلىپ بېرىشى مۈشكۈل. شۇڭا، بۇ بەلكىم سىمۋوللۇق بىر تەھدىت بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە بىر بۇلۇڭغا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سوتقا ئەرز قىلىش توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق تەرىپى ئېمبارگونىڭ زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، شۇنىڭدەك غەرب شىركەتلىرىنىڭ مال مەتبەئەسىنى شىنجاڭ تەمىنات زەنجىرىدىن باشقا ياققا يۆتكىگەنلىكىدە. مېنىڭچە ئەلۋەتتە ئىقتىسادى تەسىر ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نۇرغۇن جەھەتلەردە خۇسۇسەن ئىقتىسادى تەسىر، شىنجاڭدىكى شىركەتلەرنىڭ باستۇرۇشنى قوللاپ تۇرۇپ، سودىنى داۋاملاشتۇرۇلمايدىغانلىقى جەھەتلەردە ياخشى بىر سىگنال».
ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن ئۇنىڭ 2017-يىلدىن بېرى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە رايوندىكى باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زور كۆلەملىك ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئائىت خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان. ئۇ تەييارلىغان بۇ دوكلاتلار بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.
خەلقئارا ئادۋوكاتلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئادرىيان زېنزنى چەتئەل سوتىغا ئەرز قىلىشقا پېتىنالمايدىكەن. ئەنگلىيەلىك خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مايكېل پولاك ئۇنىڭ پەقەت شىنجاڭدىكى سوتلارغا ئەرز قىلىدىغانلىقى، بىراق شىنجاڭ سوتلىرىنىڭ چىقارغان قارارىنى ھېچكىمنىڭ ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مايكېل پولاك: «خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئادرىيان زېنزنى سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ئۇنى خىتاي سوتىغا بېرىدىكەن. بىراق دۇنيادا ھېچكىم خىتاي سوتىنىڭ بۇ ئەرزنى رەت قىلىشىغا ئىشەنمەيدۇ. بۇنىڭدا خىتاي سوتى قانۇن تەرتىپلىرىنى قايرىپ قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قانداق قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلسا شۇنداق قارار چىقىرىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭ سوتىنىڭ دوكتور ئادرىيان زېنز توغرىسىدىكى قارارىنى كىشىلەر ئەتىۋارغا ئالىدۇ، دەپ قارىمايمەن» دېدى.
مايكېل پولاكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىشىلەر خىتاي سوتىنىڭ قارارىغا ئېتىبار قىلمىسىمۇ، بىراق بۇنداق بىر سوت خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قەبىھلىكلەرگە بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ قوزغايدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قانچىلىك ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنياغا قانداق كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. مېنىڭچە شىنجاڭدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە بولىدىغان ھەرقانداق بىر ساختا قانۇنىي دەۋا ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان قەبىھ جىنايەتكە بولغان دىققەتنى تېخىمۇ قوزغايدۇ. پۈتۈن دۇنياغا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى خاتىرىلىتىدۇ».
بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئادرىيان زېنزنى سوتقا بېرىمىز، دېگىنى پەقەت ئىچكى قىسىمغا قاراتقان «تەشۋىقات ھەيۋىسى» ئىكەن. كانادادىكى پائالىيەتچى مەمەت توختى 9-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كۆپرەك ئىچكى تەشۋىقاتقا قارىتىلغان تەشۋىقات ھەيۋىسى. چۈنكى، خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقات يولى بىلەن خەلقنىڭ كۈنتەرتىپىنى بۇراپ، ئۆزىنىڭكىنى توغرا، دەپ قىلىۋاتىدۇ».
مەمەت توختى، خىتاينىڭ بىر تەتقىقاتچىنى سوتقا ئەرز قىلىشى ئۇنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا قارشى ئىشلىتىۋاتقان ھەرخىل چارىلىرىنىڭ پەقەت بىر خىلى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان غەربتىكى «خىتاي جەمئىيەتلىرى» نى ئىشقا سېلىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلىشقا ئاۋاز بەرگەن سىياسەتچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بىراق بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كانادادا خىتاي نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 4 % ئەتراپىنى تەشكىل قىلىدۇ. يەنى بىر مىليوندەك خىتاينىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن خىتايلار ئەمەس. خىتاي بۇلاردىن پايدىلىنىپ سايلام مەزگىلىدە سايلام نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيمىز، دېگەننى ئاساس قىلىپ، كانادادىكى سىياسەتچىلەرگە كوزىر قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بىراق مەنچە ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق».
ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ئۇنى سوتقا بېرىش مەقسىتىنىڭ دۆلەت ئىچىگە قارىتىلغانلىقىدا باشقىلار بىلەن پىكىرداش بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ توغرىسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قارشى قورقۇتۇشىنىمۇ مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «بەلكىم خىتاي شىركەتلىرى ھۆكۈمەتكە غەزەپلىنىۋاتقان، قارا، بىز بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ناچار ئەھۋالدا قالدۇق دەۋاتقان، شۇڭا ئۇ دۆلەت ئىچىدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك بۇ يەنە شىنجاڭ توغرىسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قارشى قۇرقۇتۇشقا ئۇرۇنۇشى بولۇشىمۇ ئېھتىمال. ئۇ بۇ ئارقىلىق غەرب ژورنالىستلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئاقىل ئامبارلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
بىراق خىتاي ئادرىيان زېنزنى سوتقا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان دەل 8-مارت كۈنى ئامېرىكادىكى «نيۇلاينىز ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ بارلىق ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدا ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپات بارلىقىنى جاكارلىغان. بۇ دوكلاتنى دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە خەلقئارا قانۇن ساھەسىدىكى 50 دىن ئارتۇق نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس تەييارلىغان بولۇپ، ئۇنى تەييارلاشقا ئادرىيان زېنزمۇ قاتناشقان.
لېكىن «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە، بەزى دۆلەتلەر ۋە كارخانىلارنىڭ ئۇنىڭ «ئۆسەك سۆزىگە ئىشىنىپ»، شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقى، شىنجاڭدىكى بەزى پاختىكار ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ نىسبەتەن زور ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، «شۇڭا، زىيانغا ئۇچرىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ ئەرزى قىلىشىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.