ئادرىيان زېنز: «قەشقەر سوتىغا مېنى ئەرز قىلغان خىتاي شىركىتى دەل مېنىڭ دوكلاتىم سەۋەبىدىن زىيان تارتقان شىركەت ئىدى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.04.16
Adrian-Zenz-guwahliq-dolet-mejlisi.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «خىتايدىكى سىياسىي ۋە دىنىي ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز ئەپەندى گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2019-يىلى 10-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشتا زور رول ئوينىغان تەتقىقاتچى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەت ۋە خەۋەرلەرنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ۋە شۇنداقلا «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» قاتارلىق مۇھىم دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇنىڭ بۇ دوكلاتلىرى ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇپ جەمئىي 30 دۆلەتنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبلىك ئۆز تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئىزچىل ئادرىيان زېنزغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. يېقىندا يەنە خىتاي ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دە «ئادرىيان زېنزشىنجاڭ پاختىلىرىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن قەشقەردىكى زاۋۇتلارنىڭ ئۇنى قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 14-ئاپرېل كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا قەشقەر سوتىنىڭ 2-ئاپرىل كۈنى مەزكۇر ئەرزنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلاپ: «قەشقەر سوتىنىڭ ئادرىيان زېنز ھەققىدىكى ئەرزنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇق. خىتاي قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت، بۇ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى،» دېگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادرىيان زېنزنى يەركەن ناھىيەسىدىكى «شيوڭيىڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى» ئەرز قىلغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت دەل ئادرىيان زېنز ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي توقۇمىچىلىق شىركەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تىلغا ئالغان شېركەت ئىكەن.

ئادرىيان زېنز رادىيومىزغا مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەت مەن تەتقىقات دوكلاتىمدا مەخسۇس تىلغا ئالغان شىركەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىش ۋە يۆتكەشتە غەيرىي-رەسمىي ھەربىي تۈزۈم بويىچە ئىش كۆرەتتى، مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىناتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا قانچىلىك ئېكىسپورت قىلغانلىقىنى ئوچۇق بىلمىسەممۇ، ئەمما ئامېرىكا شىنجاڭ پاختىلىرىنى چەكلىگەندىن كېيىن زىيان تارتقانلىقى مۇقەررەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئالسا، يەنىمۇ كۆپ زىيان تارتىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئۇلار مېنى سوتقا ئەرز قىلماقچى بوپتۇ.»

دەرۋەقە، جاۋلىجيەن شۇ كۈندىكى باياناتىدا «ئادرىيان زېنزنىڭ مىش-مىش پاراڭلىرى شىنجاڭنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلىرى ۋە جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، داۋانىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاي خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئادرىيان زېنز ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى يەنىمۇ تونۇپ يېتىدۇ،» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللانغان.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئۆزىنىڭ بۇ خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن تېد كرۇز، توم كوتتون قاتارلىق بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بىلەن بىر قاتاردا خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن بولسا، خىتاي ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە ياۋروپادىكى تەتقىقات ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغاندىمۇ، ئادرىيان زېنزگە جازا تەدبىرى قويغان ئىدى.

ئامېرىكادىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن ئادرىيان زېنزنى خىتايدا سوتقا بېرىشنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ داۋا پەقەتلا سىموۋللۇق خاراكتېرگە ئىگە،» دەپ كۆرسەتتى.

يەركەندىكى بۇ خىتاي شىركىتى ئادرىيان زېنز ئۈستىدىن قەشقەر سوتىغا سۇنغان ئەرزىدە قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادرىيان زېنزدىن تەتقىقاتىنى توختىتىشىنى، تۆلەم تۆلەتكۈزۈپ بېرىشىنى ۋە شىركەتتىن كەچۈرۈم سوراشنى بۇيرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

ئادرىيان زېنز بۇ سوتنىڭ باشقىلارغا سېگنال بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ سىموۋل خاراكتېرلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئالدىمىزدا كۆرىمىز. مېنىڭ خىتايدا ياكى شىنجاڭدا ھېچقانداق مال-مۈلكىم يوق، بۇ ماڭا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەمما خىتاي بۇ ئارقىلىق بۇ ھەقتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ خەۋەر ئىشلەۋاتقان چەتئەل ئاخباراتچىلىرىغا سىگنال بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر خىتاي ئۇلارنىمۇ ئەرز قىلسا، بۇ خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ خىتايدا ئىشخانىلىرى بولغاچقا ئۇلارغا بەلگىلىك تەسىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر سوتىدىكى داۋانىڭ ئامېرىكادا ياشايدىغان بىرىنى ئىجرا دائىرىسىگە ئالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان ئەرزى پەقەت خىتايدىكى پۇقرالارنى ئالداش، ئۆز تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۋاتقان تەتقىقاتچىلارنى پاراكەندە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئويۇن، دەپ باھالىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.