ئادريان زېنز: «ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› زادى قانداق جاي؟» (2)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى تۈرلۈك پەردازلاش خاراكتېرلىك تەشۋىقاتلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس، دوكتور ئادريان زېنز بۇ خىلدىكى مۇئەسسەسەلەرنىڭ خاراكتېرىگە قايتىدىن قاراپ چىقتى. ئۇنىڭ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «مېڭە يۇيۇش، ساقچىلار مۇھاپىزىتى ۋە مەجبۇرىي قاماق» تېمىسىدا يېزىپ چىققان ماقالىسىدە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن نۇقتىلارنىڭ بىرى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاتىلىۋاتقان لاگېرلارنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا خاس خاراكتېرگە ئىگە بولماسلىقىدۇر.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ خىلدىكى «مائارىپ» خاراكتېرىگە ئىگە بولمىغان «مەركەز» لەرنىڭ ئەڭ تىپىك ئورتاقلىقى ئۇلارنىڭ سىرتىنى مۇستەھكەم ئوراپ تۇرغان قورشاۋ توسۇقلىرى ۋە دەرۋازىلىرى بولسا، ئىچكى قىسىمدىمۇ بۇ خىلدىكى مائارىپقا يات ھادىسىلەر كۆپلەپ مەۋجۇت ئىكەن. ھازىر مەلۇم بولغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن بۇ لاگېرلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى كۆپلەپ مەلۇم بولغان بولسا مۇشۇ خىلدىكى «مەكتەپ» لەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققان بىر كىشى ئۇنىڭغا ئۈچ ئۆلچەملىك مودېل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ جايدا كۆرگەنلىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كىشى بۇ ئۈچ ئۆلچەملىك مودېلنى ماڭا ئۆز نامىنى ئاشكارىلىمىغان ئەھۋالدا تەقدىم قىلدى. تولىمۇ نەپىس ئىشلەنگەن بۇ مودېللاردا بۇ مەكتەپلەرنىڭ سىرتىنىڭ رىشاتكا بىلەن قورشالغانلىقى، دەرۋازىلىرىنى ساقچىلارنىڭ باقىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ‹مەكتەپ› 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شاھىت ئەينى ۋاقىتتا بىر ساقچى دوستىنىڭ باھانىسىدە بۇ جايلارنى كۆرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياتاق بىناسى ۋە ئوقۇتۇش بىناسى بىردەك قورشاۋ تام ئىچىگە ئېلىنغان. ‹دەرسخانا› مۇ ئوتتۇرىدىن تۆمۈر رىشاتكا ئارقىلىق ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ، ساقچى فورمىسى كىيگەن خىتاي ‹ئوقۇتقۇچى› رىشاتكىنىڭ بۇ تەرىپىدە تۇرۇپ، رىشاتكىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ‹ئوقۇغۇچىلار› غا دەرس بېرىدىكەن. بۇنىڭدا دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئوقۇتقۇچىغا يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلانغان ئىكەن. شاھىت شۇ ۋاقىتتا پۈتۈنلەي رىشاتكىلانغان مۇھىتتا ياشايدىغان بۇ ‹ئوقۇغۇچىلار› نى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ قەپەسكە مەھكۇم بولغان ھايۋانلارنى كۆرگەندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شاھىت بۇ ‹سىنىپ› تىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈنلەي ئاياللار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا خىتايچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ 65-70 ياشلاردىكى چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن مومايلار ئىكەنلىكىنى كۆرگەن.»

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىردەك تاشقى دۇنياغا «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقان بۇ خىلدىكى مۇئەسسەسىلەرنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئۇلارنى شۇ جايلاردىكى ئوخشاش دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئەمەس، بەلكى ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى ئادەتتە جىنايى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى بىر ياقلىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىراجىتى ئادەتتە دۆلەتنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك خامچوتىدىن ئاجرىتىلىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار بولسا دەل مۇشۇنداق بىر رېئاللىقنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى بۇ لاگېرلار ھەققىدە دەۋاتقان گەپلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ كۆرسەكلا مۇشۇنىڭ ئۆزىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلار مەلۇم بولىدۇ. بۇ جەرياندىكى تەشۋىقاتلاردا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ‹مائارىپ ۋە تەربىيەلەش ئىدارىسى› دېگەن ئىدارە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل گۇرۇپپىلار قىلغان ئىشنى قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن. قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ خىلدىكى ‹مائارىپ ۋە تەربىيەلەش ئىدارىسى› نىڭمۇ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. بۇ ئىدارە بولسا ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى ‹تەربىيەلەش مەركەز› لىرى ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار بولغان سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، ساقچى ئىدارىلىرى، ئەدلىيە سىستېمىسى قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، لاگېر سىرتىدىكى پۇقرالارغا قىلىنىۋاتقان تەشۋىقاتتا ئېيتىلىۋاتقانلار ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكىلەرگە تارقىتىپ كېلىۋاتقان ھۆججەتلىرىدىكى بايانلارغا ئوخشىمايدۇ.»

دوكتور ئادريان زېنزنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان «يىغىۋېلىش لاگېرى» ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆزلىرىدە بۇنداق بىر مۇئەسسەسەنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى «دادىللىق» بىلەن تەكىتلەپ كېلىشىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماشتا «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نامىدىكى بىرلا مۇئەسسەسەدىن پايدىلانغان ئەمەس. بۇنىڭدا ئۇلار «تەربىيەلەش ئوبيېكتى» دەپ قارالغان كىشىلەرنى ئوخشاش بولمىغان توققۇز خىل مۇئەسسەگە، جۈملىدىن «تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى» قاتارلىقلارغا قامىۋالغان بولغاچقا خەلقئارادا داۋاملىق ھالدا «ئاتالغۇ ئويۇنى» ئويناپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئېيتىۋاتقان ‹يىغىۋېلىش لاگېرى› دېگەندەك ئاتالغۇلارنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا پۈتۈنلەي توغرا، دېيىشكە بولىدۇ. يەنى مەلۇم بىر جايغا كىشىلەر مەجبۇرىي يوسۇندا توپلاپ قامىلىدۇ. ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ بىر تارىخىي ۋەقەلەرگە باغلىنىشلىق ئاتالغۇ بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ھېچبولمىغاندا بىر جەھەتتىن بولسىمۇ ئاسانلا رەت قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› پەقەت شىنجاڭدىكى سەككىز خىلدىن ئارتۇق ‹تەربىيەلەش› ۋە ‹قاماش› مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىر تۈرى، خالاس. ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ھۆججەتلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلىرى بۇ خىلدىكى مۇئەسسەسىلەرنىڭ بەش-ئالتە خىلغا ئايرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بارىدىغان جايى بولسا مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلىنى ئالغان زاۋۇتلار بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك، بۇ خىلدىكى تۇتقۇنلارنى بىر جايغا توپلاپ قامايدىغان ئورۇنلار ئادەتتە ‹تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى› دېگەن نامدا مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنىڭدا جىنايىتى بېكىتىلگەنگىچە بولغان قىسقا بىر مۇددەتتە گۇماندار مۇشۇنداق جايلارغا سولاپ قويۇلىدۇ. ئەمما شىنجاڭدا بۇ ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بۇنداق ئورۇنلارغا قامالغانلار يىل-يىللاپ يېتىپ كېتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ قانداق ئىشلار بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىمۇ ئۇلارغا نامەلۇم بولىدۇ. شۇڭا بىز بۇ خىلدىكى ‹مەكتەپ› نامىدا ئاتالغان مۇئەسسەسىلەرنى مۇشۇ خىلدىكى ئادەملەرنى بىر يەرگە توپلاپ قامايدىغان توققۇز خىل ئەسلىھەنىڭ پەقەت بىر تۈرى، دېيەلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇ بىردىن-بىر ئەسلىھە ئەمەس.»

دوكتور ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق ئۆلچىمى ئۈچۈن بىر ئورتاق سىناق، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. شۇڭا دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئەمەلىي ھەرىكەتتە بولۇشىنى بەكمۇ زۆرۈر دەپ قارايدىغان ئاپتور بۇ ئەھۋالغا قارىتا «ئەمەلسىز ئېتىقاد جانسىز تەنگە باراۋەر» دېگەن خۇلاسە بىلەن ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.