ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى پىلانلىق ھالدا چەكلەۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.10.20
Adrian-Zenz-guwahliq-dolet-mejlisi.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «خىتايدىكى سىياسىي ۋە دىنىي ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز ئەپەندى گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2019-يىلى 10-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

بۇ يىل 6-ئايدا گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق بىر ھۆججەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇغۇت نىسبىتى ۋە نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ شىددەتلىك ھالدا تۆۋەنلىگەنلىكىنى جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نوپۇس چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ لاگېر قۇرۇلغان مەزگىللەردە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

ئادرىيان زېنز دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ۋە ئىستاتېسكىلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ھەممىسىدە نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ 2014-يىلدىكى 15% تىن 2018-يىلىدىكى 4% كە يەتمەيدىغان سەۋىيەگە چۈشكەنلىكى، 2019-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كەم دېگەندە 80% تىگە ئۈزۈك سېلىپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى ئېلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017-يىلدىن بۇرۇن خىتايدىكى تۇغۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايون بولسىمۇ، 2017-يىلدىن باشلاپ خىتايدىكى تۇغۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونغا ئايلانغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئەينى چاغدا بۇ دوكلات ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئىسپاتلىرى سۈپىتىدە زور خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىغانىدى. 

ھالبۇكى، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور لىن فاڭفېي ئادرىيان زېنىزنىڭ يۇقىرىدىكى دوكلاتىغا قارشى بىر دوكلات تەييارلاپ ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدىكى مەلۇماتلارنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. ئۇنىڭ بۇ دوكلاتى يەنە خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات ئاپاراتى بولغان «خىتاي يەرشارى تېلىۋىزىيە تورى» يەنى «CGTN» قاتارلىقلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. ئادرىيان زېنز 16-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئۇزۇن بىر پارچە ماقالە ئارقىلىق خىتاي دوتسېنت لىنگە جاۋاب قايتۇردى. 

ئادرىيان زېنز «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى لىن فاڭفېي يازغان دوكلاتقا بېرىلگەن جاۋاب» ناملىق بۇ دوكلاتىدا ئالدى بىلەن خىتاي دوتسېنت لىن فاڭفىي يازغان ماقالىدىكى بىر قىسىم ئومۇمىي قۇرۇلمىلىق خاتالىقلارنى باھالاپ ئۆتكەن. ئۇ لىننىڭ دوكلاتىنىڭ تۇنجى ئابزاسىنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلەش بىلەن باشلانغانلىقىغا دىققەت تارتقان. لىن فاڭفىي بۇ ئاتالمىش ئىلمىي دوكلاتىنى ئادرىيان زېنىزنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ قوللىشىدىكى «چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى» دەپ ئەيىبلىگەندىن سىرت، ماقالىسىنى ئادرىيان زېنزنىڭ «ئالتە يالغىنى» دېگەننى ئىسپاتلاش ئاساسىدا قۇرۇپ چىققانىكەن. ئادرىيان زېنز بولسا بۇنىڭغا قايتۇرغان جاۋابىدا ئادەتتە بىر ئىلمىي ماقالىنىڭ بۇنداق ئۇسلۇب بىلەن باشلانمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز بولغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ فورماتى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. 

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئادرىيان زېنىزنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن قارىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ لىن فاڭفىي يازغان ماقالىنىڭمۇ ئىلمىي قىممىتى يوقلىقىنى ئېيتتى. 

لىن فامىلىلىك خىتاي دوتسېنت ماقالىسىدە يەنە، ئادرىيان زېنز ئۆز دوكلاتىدا مەنبە قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەت ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئۈستىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىمۇ تىلغا ئالمىغانىكەن. ئادرىيان زېنز بۇنىڭمۇ پاكىتنى يوشۇرۇش ۋە ئوقۇرمەنلەرنى قەستەن قايمۇقتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيقان. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ماقالىنى يازغان لىن فامىلىلىك دوتسېنت تېخى 2018-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان بىر ياش تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئۈچۈن ياقىلىغان ماقالىسىدىن باشقا، خەلقئارادا ياكى خىتاي ئىچىدىكى تور بەتلەردە بىرەر پارچە ئىلمىي ماقالىسى يوق ئىكەن. ئادرىيان زېنز يەنە، ئۇنىڭ تەتقىقات ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس تەتقىقاتى بىلەنمۇ ئالاقىسى يوقلىقىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «لىن فاڭفىي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا چەتئەل ئىجتىمائىي نەزەرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت نەزەرىيىسىدە دەرس سۆزلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇس، پىلانلىق تۇغۇت ياكى ئاز سانلىق مىللەت قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلمىي تەجرىبە توپلىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت يوق.» 

لىن فاڭفىي ماقالىسىدە، ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش سۈرئىتىدە زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بولدى، دېگەن يەكۈنىگە قارشى چىققان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ پۈتۈن خىتاي بويىچە يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ بۇ بىر قانچە يىلدا تۆۋەنلىشىدىكى سەۋەبنى «زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قانۇنلۇق يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولۇش ئارزۇسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىققان» دەپ كۆرسەتكەن. ئادرىيان زېنز بولسا خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەرگە ئاساسەن قەتئىي رەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى تۇغۇش نىسبىتى 2017-يىلدىكى 15. 88پىرسەنتتىن 2019-يىلى 8. 14 پىرسەنتكە تۆۋەنلىگەن. نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى بولسا 2017-يىلدىكى 11. 40 پىرسەنتىن 2019-يىلى 3. 69 پىرسەنتكە تۆۋەنلىگەن. بۇنداق زور دەرىجىدىكى چۈشۈش ھەرگىزمۇ ئالىي مائارىپ ياكى تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ھالبۇكى دوكلاتىمدا تەپسىلىي بايان قىلىنغاندەك دۆلەتنىڭ كەسكىن ئارىلىشىشىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ كەڭ كۆلەملىك لاگېر سىسىتېمىسى ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئازايتىشتىكى سىستېمىلىق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى». 

چۇنكى ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى تۇغۇلۇش ۋە تەبىئىي نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشى شەھەر مەركىزىدە ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك زامانىۋىلىشىشنىڭ ئاز تۇغۇشنىڭ سەۋەبى ئەمەسلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. 

ئادرىيان زېنز جاۋاب خاراكتېرلىق ماقالىسىدە يەنە بىر قېتىم نۇرغۇن پاكىتلىق مىساللار ئارقىلىق تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا، تەھدىت بىلەن تۇغماس قىلىش ھەرىكىتىنى ئىنتايىن قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بولۇپمۇ خوتەن ۋە قەشقەردىن ئىبارەت ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ زىچ جايلاردا نوپۇس چەكلەش، تۇغماس قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كەسكىنلىك بىلەن، پىلان بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئادرىيان زېنز ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيەسى سانىنىڭ 2014-يىلدىكى 3214 دىن 2018-يىلى 60 مىڭ 440 گە كۆپەيگەنلىكى يەنى ئىلگىرىكىدىن 18. 8 ھەسسە ئاشقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا تۇغۇت چەكلەش ئۈچۈن ئورنىتىلىدىغان IUD ئۈسكۈنىسىنىڭ رايونغا كىرگۈزۈلۈش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكىنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى لىن فاڭفىي ئىسىملىك دوتسېنت ماقالىسىدە بۇ پاكىتنى رەت قىلىپ، ئۇنى ئاران 8 پىرسەنت، دەپ ھېسابلىغانىكەن. مەزكۇر خىتاي دوكتور يەنە ماقالىسىدە لاگېرلارنى رەت قىلىش ئورنىغا ئۇنى رادىكاللارنى ئوڭشايدىغان مەركەز دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «لىن شىنجاڭنىڭ ئاق كىتابىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ پەقەت›دىنىي ئاشقۇنلۇق‹نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان›تەربىيەلەش مەركىزى‹ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، لىن سىياسەتكە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قىلمىشىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە بۇ ئاتالمىش›تەربىيەلەش مەركەز‹لىرىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ، پەقەتلا بۇ ئورۇنلارنىڭ قانۇنلۇق ۋە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، مەيلى لىن فامىلىلىك دوتسېنت بولسۇن ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باشقا تەنقىدىي ماقالىلىرىدە بولسۇن ھەممىسى بىردەك، ئادرىيان زېنز ماقالىىسدە ئىلگىرى سۈرگەن مۇھىم پاكىتلارنى تالاش-تارتىش قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان. ئادرىيان زېنز بۇ نوقتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر خىتاي دوكلاتىمدا ئازراق بىر خاتالىق بايقىغان بولسا، بۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ ھەرگىزمۇ قويۇۋەتمىگەن بولاتتى» دېگەن. 

ئاندىن قالسا، خىتاي يەنە پىچان ناھىيەسى ۋە خوتەن شەھىرىگە ئائىت پىلانلىق تۇغۇت كۆرسەتكۈچىدىكى يىللىق تۇغۇت چەكلەش نىشانى ھەققىدىكى ئىسپاتلارغا باھا بەرمىگەن. ئادرىياننىڭ ئېيتىشىچە بۇ ھۆججەتلەردە «ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان يۇقىرىدىكى ئىككى رايوندا، 2019-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «تۇغۇت يېشىدىكى توي قىلغان يېزا ئاياللىرىنىڭ تەخمىنەن % 14. 1 ۋە % 34. 3 نى تۇغماس قىلىش كېرەك» دەپ ئوچۇق يېزىلغان بولسىمۇ، لىن ماقالىسىدە بۇنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان. بۇ خىتاي دوكتور يەنە، شىنجاڭ سەھىيە كومىتىتىنىڭ تۇغۇت چەكلەش خىزمىتىگە مەخسۇس 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن خامچوت ئاجراتقانلىقىدىن سۆز ئاچمىغان بولۇپ، بۇ خامچوت ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئاياللارنىڭ بەدەن تەكشۈرتۈشى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرۇشى، بالا چۈشۈرۈشى ۋە ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قاتارلىقلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنغانىكەن. ئەمما ئۇلار بۇ پاكىتلارغا ئىزاھات بېرىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان. 

ئادرىيان زېنز ماقالىسىدە يەنە، مەيلى لىن بولسۇن ۋە ياكى باشقا تەنقىدىي ماقالىلەردە بولسۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2018-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ تۈردە ئومۇملاشقان «تۇغۇت چەكلەشكە خىلاپلىق قىلىشنى نۆلگە چۈشۈرۈش» دېگەن سۆزىگە باھا بەرمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۆز خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ۋە ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدىمۇ 2018-يىلىغىچە ئىشلىتىلمىگەن سۆز بولۇپ، «تۇغۇت چەكلەشكە خىلاپلىق قىلىشنى نۆلگە چۈشۈرۈش» 2018-ۋە 2019-يىللىرى رايوندىكى باش پىلانلىق تۇغۇت نىشانىغا ئايلانغانىكەن. بۇ يەردىكى ئالاھىدە كەسكىن ئەھۋال خوتەن ۋىلايىتى بولۇپ، نوپۇسى 2 مىليون 530 مىڭ بولغان بۇ رايوندا 2019-يىلى تۇغۇت چەكلەشكە خىلاپ قىلمىشنىڭ 21 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بۇيرۇق قىلىنغانىكەن. 

ئادرىيان زېنز يۇقىرىدىكىلەرنى خۇلاسە قىلىپ، ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى لىن لىن فاڭفېي يازغان دوكلاتنى ئىلمىي ئەسەر دەپ باھالاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «ئەپسۇسكى، مەن شۇنى يەكۈنلەپ چىقتىمكى، لىننىڭ دوكلاتى ئىجادئىىي ۋە ئادىل ھالدا مېنىڭ دوكلاتىم ياكى تەھلىلىمنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز تەرەپلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان، بەلكى ئۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ دوكلاتى ئىلمىي تەشۋىقات نامىدا نەشىر قىلىنغان مۇرەككەپ بىر تەشۋىقات خالاس» دېگەن. 

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ سۆزىدە لىن فاڭفىي ئىلگىرى سۈرگەن ئاتالمىش سەۋەبنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ لىننىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ ئىلمىىي ماقالە ئەمەس، تەشۋىقات ماقالىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك پاكىتلار ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات تەييارلاۋاتقان تەتقىقاتچىلارنى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى رەت قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن 16-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق ژورناللىرىدىن «ئىقتىسادشۇناس» ژورنىلى ئېلان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ باھالىغان ماقالىنىمۇ رەت قىلىپ، «ئىقتىسادشۇناس» ژورنىلىنى تەنقىد قىلغان. قىزىقارلىقى، «ئىقتىسادشۇناس» ژورنىلى خىتاينىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يەكۈننى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تەمىنلىگەن پولاتتەك پاكىتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ چىقارغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.