ئادرىيان زېنز «كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى» دە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2017-يىلى تۇنجى قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئوت پىلتىىسى دەپ قارىلىدىغان «بولشېۋىكلار ئىنقىلابى» نىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى بولغان 7-نويابىر كۈنىنى ئامېرىكادا «كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇ قارارنى پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن خىتايغا قىلىدىغان تۇنجى رەسمىي زىيارىتى ئالدىدا جاكارلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. ئۇ شۇ قېتىملىق باياناتىدا «ئۆتكەن ئەسىر مابەينىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كوممۇنىست ھاكىممۇتلەق رېجىملەر 100 مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئۇلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلدى، زۇلۇم قىلدى،» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2019-يىللىق خاتىرە كۈنىدىمۇ مانا بۇ نوقتىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ كوممۇنىزىمدىن ئىبارەت بۇ ياۋۇز رېجىمغا قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا تۆۋندىكىلەر دىيىلدى: «بۈگۈن بىز بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ھەربىر كىشىنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ يادرولۇق ئەقىدىسى قىلغان دېموكراتىك تۈزۈم ئاساسىدىكى تېنچ ۋە باياشات كېلەچەككە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمىز. . . بۇ يىللىق كوممۇنىزىم زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى دەل ›بېرلىن تېمى‹ ئۆرۈلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە مەزگىلىگە توغرا كەلدى. 1989-يىلى 9-نويابىر كۈنى تولىمۇ قەيسەر ئەر ۋە ئاياللار پرېزىدېنت رونالد رېگاننىڭ سۆزىنى رىياللىققا ئايلاندۇرۇپ، ھاكىممۇتلەق رېجىمنىڭ سىموۋلى بولغان تامنى ئۆرۈش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا دېموكراتىيە ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ھەر ۋاقىت بېسىم ۋە مۇستەبىتلىكنىڭ ئۈستىدىن غالىپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىز كىشىلىك ھوقۇق مۇساپىسىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نوقتىلىرىدىن بولغان بۇ ۋەقەنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئامېرىكانىڭ شېرىكلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەركىنلىك ئوتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارغا ئۈمىد ۋە پۇرسەت بېغىشلايدىغان مەشئەلدەك يالقۇنداپ تۇرۇشى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىمىز.»

بىز بۈگۈن ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار فوندى جەمئىيىتى» نىڭ بۇ خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى، دوكتور ئادىرىيان زېنزنى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدۇق. كوممۇنىزىم زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ كوممۇنىزىمنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادرىيان زېنز تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: «كوممۇنىزىم پەقەت ھاكىمىيەتتە بولۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمايدىغان ھاكىممۇتلەق ئىدىيە بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە ئېتىقاد سىستېمىسىنى كونترول قىلىشنى ۋە ئۇنى يوقىتىشنى نىشان قىلىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى. كوممۇنىزىم پەقەتلا بىر دېكتاتور تۈزۈم ئەمەس. ئۇ ھەرقانداق رىقابەتچى ئىدىيەنى زالىملارچە يوق قىلىدىغان بىر سىستېما. شۇڭا كوممۇنىزىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيەلەردىن، ئوخشىمىغان دىنى ئېتىقادلاردىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان. بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئەسلەپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى كوممۇنىزىم بۇ دۇنيادا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان خەۋپ. خىتايدىكى خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مانا بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى.»

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادا ھېلىھەم ھەر 5 كىشىدىن بىرى كوممۇنىست ۋە ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئاستىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي كومپارتىيەسى رېجىمى ئاستىدا ئىكەن. ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇرگۈزۈلىۋاتقان ھازىرقى بۇ سىياسەتلەرنى ھەم ئۇنىڭ كوممۇنىست ئىدىيەسىنىڭ ۋە شۇنداقلا چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىدېئولوگىيەنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي تارىخىدا خىتايلار ئۆزىنى دۇنيانىڭ مەركىزى، دەپ قاراش ۋە ئۆزىنى ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەردىن يۇقىرى كۆرۈشتەك بىر ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە. ئاسسىملاتىسىيەگە ئائىت نۇرغۇن ئۆتمۈشى بار. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مانا بۇ چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيەسى بىلەن كوممۇنىزىمدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىدىيە بىرلىشىپ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ۋەزىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاسىملاتسىيە قىلىش سىياسىتىدۇر.»

ئادىرىيان زېنز ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر لاگېرلارغا قامىلىپ، مېڭە يۇيۇشتىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر شارائىتتا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن ›پەردە ئارقىسى دېپلوماتىيەسى‹ قىلماي، ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارە تەنقىدلىشى كېرەك. غەرب دۆلەتلىرى يەنە يۇز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە ئۆز خەلقىنى ۋە ئاخبارات ساھەسىنى مەلۇمات ئىگىسى قىلىشى كېرەك. بىرىنچى قەدەمدە يەنىمۇ كۆپ ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك، ئىككىنچى قەدەمدە بولسا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قىلىنىۋاتقان بۇ زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ نېگىزلىك جازا تەدبىرلىرىنى ۋە قارشى تەدبىرلەرنى ئالىدىغان جىددىي بىر پەيتتۇر.»

7-نويابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا «كوممۇنىزىم زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار فوندى» قاتارلىق ئورگانلارمۇ ئايرىم-ئايرىم بايانات بېرىپ، كوممۇنىست رېجىمدىن خالىي بىر دۇنيا يارىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.