ئادرىيان زېنز: «كەم دېگەندە 500 مىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا»

0:00 / 0:00

8-نويابىر ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان دۇنياۋىي تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە زەربە بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا مەۋجۇت مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، كەم دېگەندە 500 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ قاراش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادىريان زېنز ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە ئاساسلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى ۋە مۇنداق دېدى: «ختاينىڭ غەربىي-شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئ‍ۇيغۇرلارغا قارىتىلغىنى دۆلەت تەشكىللىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك. دۆلەت تەشكىللىگەن مەجبۇرىي ئەمگەك شارائىتلىرى بىر تۇتاش، تاكامۇللاشقان ۋە چەكسىز تەدبىرلەرنى ئىشقا سالالايدىغان ھاكىممۇتلەق دۆلەت تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.»

ئۇ يەنە نۆۋەتتە ھېچ بولمىغاندا، بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ قاماق ۋە لاگېرلاردا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا كەم دېگەندە 500 كىشىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىننى ياۋروپا پارلامېنتى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا خاتىمە بېرىشكە ئالاقىدار تونۇشتۇرغان قانۇن لايىھەسىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭ پاتراق قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئ‍ىدى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا بىۋاستە قول تىققان رەھبەرلەردىن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئىراتسې گارسىيا پېرەز يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، 2021-يىلى دۇنيا مىقياسىدا 28 مىليون ئادەمنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى، بۇ ساننىڭ 2016-يىلدىكىگە قارىغاندا، 3 مىليون ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇندا دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى. بەلكى، تىرىشچانلىقىرىمىزغا قارىماي مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇپتىلا قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە. قانۇن تۈزۈپ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كرىشىنى توسۇش مەسىلىسى، بۇ بىر سىياسىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر ئەخلاقىي ۋە پۇقراۋى مەجبۇرىيەت مەسىلىسىدۇر.»

مەزكۇر پارتىيەنىڭ 8-نويابىردىكى يېرىم كۈنلۈك پائاليىتى «دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىككى گۇرۇپپا يۇملاق ئۈستەل مۇنازىرىسىنى ۋە دوكلات بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن تەركىب تاپتى.

يىغىندا مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىلىرى تەتقىقاتچىلىرىدىن باشقا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پروگرامما ماسلاشتۇرغۇچىسى ئىمما رودرىگېز پىنېرو، بېلگىيەلىك نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسى مارىيې ئ‍ارېنا، فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رافائېل گلۇكسمان، گېرمانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى بېرند لانگې، گوللادىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى لارا ۋولتېرس قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى بېرند لانگې ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلسى ھەققىدە توختىلىپ: «مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى شىنجاڭ ۋە مالايسىيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش چارىلىرى ئامېرىكادا مەۋجۇت، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تېخى ھازىرلانمىدى» دېدى

بۇ يىل 14-سېنتەبىر ياۋروپا كومىسسىيونى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنىشىنى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدا سېتىلىشىنى چەكلەيدىغان بىر يېڭى قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان ئ‍ىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەت مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىغان.

ھالبۇكى، ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولىغا باھا بېرشى ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇن يەنىلا ئەھمىيتى زور قانۇن ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ قانۇن لايىھەسى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇنجى تونۇشتۇرۇلغان قانۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قانۇن ئاساسلىقى خۇسۇسىي شىركەتلەرنى چەكلەشنى نىشان قىلىدىغان بولغاچقا، شىنجاڭدىكى دۆلەت تەشكىللىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە زەربە بېرىش فۇنكسىيىسىگە ھازىرچە بىر نەرسە دېمەك تەس.»