خەلقئارالىق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق توختىتىش مەسىلىسىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان

0:00 / 0:00

خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنى 30-ئۆكتەبىردىن 4-نويابىرغىچە ئامېرىكانىڭ فلورىدا شتاتىدىكى مەيئامى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، دەسلەپكى ئىككى كۈندىكى سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئۇنى خەلقئارالىق سوت ۋە قانۇن ۋاسىتىلىرى بىلەن توختىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىنغا قاتناشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى باسقۇچلۇق سۆھبەتنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ ئاڭلىتىلغان؛ ئىككىنچى قىسمىدا خىتاينىڭ بۇ سىستېمىلىق جىنايىتىنى دۆلەت دىپلوماتىيەسى ۋە خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق توختىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككىنچى قىسىمدىكى سۆھبەتتە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتىكى ئەھمىيىتى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان.

31-ئۆكتەبىر كۈنى خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان «كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان خەلقئارالىق ھۇجۇم» ناملىق سۆھبەت يىغىنىدا روشەن ئابباس خانىم سۆز قىلغان.

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى ئاساسلىق نىشانغا ئالغان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقان ۋە بۇ زۇلۇمنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى بولغان ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ تا ھازىرغىچە مەھكۇملۇق ئازابى چېكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. خىتاينىڭ بۈگۈنگىچە بۇ زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلەلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈپ تاپقان پۇلى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قەبىھ جىنايىتىنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە ئۆزلىرىگە پايدىلىق پىكىر توپلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ 2022-يىللىق يىغىنىدا ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كېررى كېننىدى (Kerry Kennedy) خانىم بىلەن. 2022-يىلى 30-ئۆكتەبىر.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ 2022-يىللىق يىغىنىدا ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كېررى كېننىدى (Kerry Kennedy) خانىم بىلەن. 2022-يىلى 30-ئۆكتەبىر.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىنغا ئامېرىكانىڭ مەشھۇر پرېزىدېنتى بولغان جون كېننىدىنىڭ ئىنىسى روبېرت كېننىدىنىڭ قىزى، ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كېررى كېننىدى (Kerry Kennedy) قاتنىشىپ، ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقى توغرىسىدا سۆز قىلغان. روشەن ئابباس خانىم ئۇنىڭدىن «بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىدۇ، سەن ئۆز سەھنەڭدە شۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن سۆزلەشنى خالامسەن؟» سوئال سوراپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ئۈستىگە قاراتقان. كېررىي كېننىدى بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. كېررىي كېننىدى يەنە روشەن ئابباس خانىمنىڭ بۇ يىغىن ھەققىدە يوللىغان تىۋېتىنى ھەمبەھىرلەپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ يىغىندا ئەنگلىيەلىك جىنايى ئىشلار ئادۋوكاتى، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى مۇتەخەسسىسى ھېلىنا كېننىدى (Helena Kennedy) ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «دېمەك، ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. دۇنيادا كۆپلىگەن ئىنسانلار ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، مىشېل باچىلېت ئۇ يەرنى ھەقىقىي بېرىپ كۆرمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، ئۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گەپنى قىلدى. بىز مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھەق-ئادالەتنى قانداق قوغدايمىز دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك».

بۇ يىغىندا يەنە پاكىستانلىق ئادۋوكات نىگھات داد (Nighat Dad) ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆز دۆلىتىمىزنى مۇسۇلمان دۆلىتى دەپ پەخىرلىنىپ كېتىمىز. ئەمما ئىلگىرى بىر مۇخبىر پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمرانخاندىن، ‹سەن دائىم غەرب ئەللىرىگە ئىسلام ۋەھىمىسى ھەققىدە سۆزلەيسەن، لېكىن نېمىشقا خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار ھەققىدە گەپ قىلمايسەن؟› دەپ سوئال قويغاندا، ئىمرانخان رەھىمسىزلەرچە: ‹مەن كەشمىر مەسىلىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمەن› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئېچىنارلىقى شۇكى، بىز مۇسۇلمان دۆلەتلىرى گىئو-سىياسىي ئېھتىياجنى دەپ ئۇرۇش قىلىشنى تاللايمىز. بىز ئىسلام دۆلەتلىرى جىنايەتكە سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا شېرىك بولدۇق، مەن بۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن».

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى 1947-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، باش شتابى لوندوندا ئىكەن. ھازىرغا قەدەر 80 مىڭ ئادۋوكات بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ يىللىق يىغىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇش، بىلىم ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى بولۇپ، خەلقئارا قانۇننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە سودا-تىجارەتتىكى رولىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.