قازاقىستان ئافغانىستاندىن قاچقان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلماقچىكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.08.26
قازاقىستان ئافغانىستاندىن قاچقان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلماقچىكەن ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن كابۇل ئايرودرومىغا كەلگەن خەلقلەر. 2021-يىلى ئاۋغۇست.
Oqurmen teminligen

كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋى ئەخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، مەملىكەتلەرنىڭ، خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنىڭ ئافغانىستانغا ئاغدۇرۇلغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ قوشنا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى، جۈملىدىن تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىمۇ بېئارام قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. تالىبان ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئافغانىستان ھەربىي كۈچلىرىنىڭ بەزى قىسىملىرىنىڭ تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان تېررىتورىيەسىدىن پاناھلىق ئىزدىشى بۇ مەملىكەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك چارىلىرىنى كۆرۈشكە مەجبۇر قىلغاندى. نۆۋەتتە قازاقىستاننىڭمۇ ئافغان قاچاقلىرىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر ئاممىۋى ئەخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يەنە بىر قىزىقارلىق تېمىسىغا ئايلانماقتا.

«راتېل قازاقىستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قازاقىستاننىڭ قايسى ئوبلاستلىرىدا قاچاقلار ئۈچۈن لاگېرلار ئورنىتىلىشى مۇمكىن؟» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەملىكەتنىڭ پەۋقۇلئاددە خىزمەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ھۆججەتنىڭ تارقىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرگەن. مىنىستىرلىق بىر نەچچە ئوبلاست رەھبەرلىكلىرىگە ئافغانىستاندىن قاچاقلارنى قوبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتى پەيدا بولغان تەقدىردە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەييارلىقلىرىنى قىلىش كۆرسەتمىسىنى بەرگەن. ئۇنىڭ تىزىمىغا ياتاقلارنى تۆت ئايلىق ئوزۇق-تۈلۈك، دورا-دەرمەك ۋە باشقىمۇ ھاجەتلىك نەرسىلەرنى تەييارلاش، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشكە ئوخشاش مەجبۇرىيەتلەر كىرىدىكەن.

قازاقىستان قانداق شارائىتتا ئافغان قاچاقلىرىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن؟ بۇنىڭغا مەملىكەتنىڭ مۇمكىنچىلىكى يېتەمدۇ؟

قازاقىستان خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق بيۇروسىنىڭ دىرېكتورى ئېۋگېنىي جوۋتىس ئەپەندى قازاقىستاننىڭ ئىلگىرىمۇ ئافغانىستاندىن ئاز ساندا قاچاقلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئافغانىستاندا ئاخىرقى بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئاقىۋىتىدە ئىلگىرى قازاقىستاندا ئوقۇغان بەزى ئافغان پۇقرالىرى قازاقىستانغا ئورۇنلىشىپ، كېيىن ۋەزىيەت تۇراقلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قالغان بولسىمۇ، بەزىلىرى ئۆز ماكانىغا قايتىپ كەتكەنىكەن. ئاساسلىق قاچاقلار ھاياتىغا خەۋپ تۇغۇلغان ئافغانلار بولغانىكەن.

ئېۋگېنىي جوۋتىس مۇنداق دېدى: «ھازىر شەكىللەنگەن ۋەزىيەتنىڭ خېلى مۇرەككەپ ئىكەنلىكى چۈشىنىشلىك. سەۋەبى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قاچاقلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ قاچاقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىلگىرىكى ئافغان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەنلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى. ئەمدى ھازىر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى قاچاقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئىلگىرى قازاقىستاندا ئافغان قاچاقلىرىنى قوبۇل قىلىش توغرىلىق خەۋەرلەر پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ رەسمىي دائىرىلەر تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغاندى. شۇنداق بولسىمۇ ھازىر ئۇلارنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى پەيدا بولۇپ، بۇ رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى. ئەمما بۇنىڭغا ئامىللار يېتەرلىك بولۇشى لازىم. بۇ ئىش ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قاچاقلار ئىشلىرى بويىچە كومىسسارى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ژەھەتتە قازاقىستاننىڭ تەژرىبىسى يېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن تاشقىرى قاچاقلارنى قوبۇل قىلىشقا قارشى چىقىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇنداقتىمۇ قازاقىستان بىخەتەرلىكىگە ھېچ قانداق خەۋپ تۇغۇلمايدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ قازاقىستانغا كېلىۋاتقانلارنىڭ سانى بۇ ئەلدىن كېتىۋاتقانلاردىن ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ بۇنىڭغا ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي كۈچى يېتەرلىك، دەپ ئويلايمەن.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغان قاچاقلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەر خىل ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى ئىش بىلەن، ماكان بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىمۇ باركەن. لېكىن بۇنىڭغا جاۋاپكار ئىدارىلەر تەرىپىدىن مەخسۇس خىراجەت بۆلۈنسە، ئۇنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنىشى مۇمكىنكەن.

سىياسەتشۇناس ۋە ھوقۇق قوغدىغۇچى غالىم ئاگېلېيوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1951-يىلى ئىمزالىغان خەلقارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى ۋە ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلگەنىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئويلايمەنكى، قازاقىستان 2-3 مىڭغىچە ئادەمنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇنىڭغىچە ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەر قوبۇل قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى چەتتە قاراپ تۇرمايدۇ. ئۆزبېكىستان رەسمىي بۇنىڭدىن باش تارتقان بولسىمۇ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا ياشاۋاتقان ئۆزبېكلەرنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. ئەمدى قازاقلارغا كېلىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ سانى 200 ئەتراپىدا. ھازىر بۇ مەسىلە ئۈستىدە قازاقىستان دىپلوماتلىرى ئىشلەۋاتىدۇ. ھازىرچە تالىبانلار مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قاچاقلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن بار مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، 2011-يىلى قازاقىستاندا قاچاقلار توغرىلىق قانۇن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىشلار بويىچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇغۇللىنىدىكەن. 2019-يىلقى مەلۇماتلار بويىچە مەملىكەتتە ياشاۋاتقان 523 قاچاقنىڭ 509 ئافغانىستاندىن كەلگەن قاچاقلار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.