ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار: «بىزنى تاشلاپ قويماڭلار!»

0:00 / 0:00

بىر ھەپتىدىن بۇيان رادىيمىز ئافغانىستاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئافغانىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ئەندىشىلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە ئىكەن.

كابۇلدىكى مەلۇم بىر چوڭ بازارنىڭ يېنىدا ئافغان ئېرى بىلەن ياشاۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر ئايال رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تالىبانلارنىڭ ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تالىبانلاردىن قورقىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تالىبانلار كابۇلنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى بىرقانچە كۈندە يۈز بېرىۋاتقان كىرىزىسلاردىن كۈچلۈك ئەندىشدە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ تالىبانلار تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ بۇ ئۇيغۇر ئايال: «ئەگەر تالىبانلار ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى تەلتۆكۈس قولىغا ئالسا، ئەڭ ئاۋۋال بىزگە ئوخشاش ‹خىتايلىق كۈچمەن› دەپ بەلگە قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. بىز ھەقىقەتەنمۇ قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج!» دېدى.

«Byline Times» تورى 23-ئاۋغۇست ماقالە ئېلان قىلىپ، كابۇلنىڭ تالىبانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى كابۇلدىكى قىز-ئاياللار، دىنىي ئاز سانلىقلار، ژۇرنالىستلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ياكى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى قىسىملاردا ئىشلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن مەۋجۇت كرىزىس بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت كرىزىس ئىكەنلىكىدىن ئاگاھالاندۇرغان.

ماقالىدە ئافغانىستانلىق بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئەگەر بىرەرسى ئىشىكىمنى چەكسە، مەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلدى، دەپلا ئويلايمەن،» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دىن ئىبارەت ساختا تېرورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىن ئەۋەتىلگەن 10نەپەر جاسۇسىنى قولغا ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، ھازىر ئافغانىستاندا تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىكەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ دۆلەتتە ئۇزۇن يىل تۇرغانلار، ھەتتا نۇرغۇنلىرى ئافغانىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ رەسمىي كىملىك ھۆججەتلىرىدە ئۇلارنىڭ «خىتاي كۆچمەنلىرى» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىكەن. بۇنىڭ ئۆزى تالىبانلارنىڭ بېيجىڭغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى كوزېر ئورنىدا قوللىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.

ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى كۈپلىگەن ئانالىزلاردا تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ يالغاندىن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق، خىتاي بىلەن «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «بىخەتەرلىك» كە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان «قارا قوللىرى» نىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ قېلىۋاتقان ئاجىز دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى «ئوۋ نىشانى» قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە يېقىندا «ئامۇ دەرياسى جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىشىپ «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان: خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى» سەرلەۋھىلىك دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

دوكلاتىنىڭ ئاپتورى برادلېي جاردىن «90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، تالىبانلار خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. . . تالىبانلار ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ يولى قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا ئېھتىياجلىق مەبلەغكە ئېرىشىشى مۇمكىن،» دەپ كۆرسەتكەن

ئاتا-ئانىسى 1960-يىللاردا ئافغانىستانغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، ئۆزى ئافغانىستاندا تۇغۇلۇپ، ئافغانىستاندا بالىلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كىشى رادىيومىزغا مەلۇمات بېرىپ، كابۇلدا 80 دەك ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كابۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ساراسىم ۋە قورقۇنۇچ ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ۋاكالىتەن دۇنياغا: «بىزنى تاشلاپ قويماڭلار!» دەپ مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە كابۇل ئايرودرومىغا بېرىش تۇرماق، ھەتتا كوچىغا چىقىشمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن. ئۇ بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال بالىلىرىغا نان ئالغىلى كوچىغا چىققىنىدا، تالىبان ئەسكلەرلىرىدىن تاياق يېگەن ۋە ئاران قۇتۇلۇپ ئۆيىگە قايتىپ كىرەلىگەن ئىكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئاڭلىشىمچە، تالىبانلار 31-ئاۋغۇستقىچە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن. قازاقىستان قازاقلارنى، ئۆزبېكىستان ئۆزبەكلەرنى، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇپ ئېلىپ كەتمەكتە. بىز ئۇيغۇرلار ئىگە-چاقىسىز قالدۇق. ھازىر تالىبانلارغا پۇل كېرەك، ئۇلار پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدۇ، بىزنىمۇ ساتىدۇ. ئەگەر ئافغانىستان ھۆكۈمەتسىز تۇرۇۋاتقان مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە بىزگە ئىگە چىقىدىغان بىرەر دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت بولمىسا، بىز خەتەرلىك ئەھۋالدا قالىمىز، بىزنى تاشلاپ قويماڭلار، خىتاي ئېلىپ كېتىشتىن بۇرۇن، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار! . . .»

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكستانغا ياكى باشقا جايلارغا كېتىشى ئۈچۈن يول ئىزدەپ كېلىۋاتقان پاكىستاندىكى «ئومەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ھازىرغىچە 20 ئائىلە ئۇيغۇر ئافغانىستاندىن پاكستانغا بىخەتەر كېلەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پاكستاندا بىخەتەر تۇرالىشىنىڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە قېچىپ كېلىۋالغان ئابدۇلئەزىز، ئافغانىستاندا ئۇيغۇرلارنى يېڭى بىر تەھدىتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ئافغانىستاننىڭ مازارى شەرىف شەھىرىدە ياشاۋاتقان 2 تاغىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، تاغىلىرىدىن تالىبانلارنىڭ ھازىر ئائىلىلەرگە كىرىپ قىز-ئاياللارنى بۇلاپ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن تاغىلىرىنىڭ قىزلىرىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2001-يىلدىكى «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئامېرىكا تالىباننى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن، ئەمما ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىپ تاشلىغانىدى. ئەمما خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەمدە بۇ تەشكىلاتنى يوقتىن بار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ داۋاملىق باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە سەۋەب كۆرسىتىش ئىكەن.

ئېنقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كابۇلدا ھازىر يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسى بار ئىكەن. ئافغانىستاننىڭ باشقا ۋىلايەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوشقاندا ھازىر ئافغانىستاندا تەخمىنەن 2 مىڭچە ئۇيغۇرنىڭ ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى مۇرەككەپ ۋەزىيىتىدە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىقسىز تەقدىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرمەكتە.